UyghurWiki
UyghurWikiخىمىيە بىلىملىرىئايرىش ۋە كاتالىزلاش رولىغا ئىگە مولېكۇلا ئەلگىكى

ئايرىش ۋە كاتالىزلاش رولىغا ئىگە مولېكۇلا ئەلگىكى

خىمىيە بىلىملىرى دېڭىز - ئوكيانلاردا پارازىت قىسقۇچپاقا دەپ ئاتىلىدىغان بىر تۈرلۈك ھايۋانلار بولۇپ، ئۇلار مەخسۇس ئىچى بوش قۇلۇلە قېپىنى ئۆزىنىڭ «ماكان» ى قىلىدۇ. مىكرو دۇنيادىكى مولېكۇلىلار ۋە ئىئونلارمۇ ئەنە شۇ بوشلۇقنى كۆرگەن ھامان ئۇنىڭغا كىرىۋالىدىغان پارازىت قىسقۇچپاقىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. ئالىملار مولېكۇلىلار ۋە ئىئونلار كىرىدىغان ھەر خىل «قۇلۇلە قېپى» نى ياساپ چىقىپ، ئۇلارنى ئايرىش ۋە كاتالىزلاش مەقسىتىگە يەتكەن. مولېكۇلا ئەلگىكى مولېكۇلا كىرىدىغان «قۇلۇلە قېپى» دىن ئىبارەت. بىر تۈرلۈك مولېكۇلا ئەلگىكى بار بولۇپ، ئۇلار تەركىبىدە سۇ كۆپ بولغان ئاليۇمىنات - سىلىكات كرىستالىدىن ئىبارەت، ئۇنىڭدا چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش بولغان نۇرغۇنلىغان كىچىك تۆشۈكچىلەر بولىدۇ. ھەربىر تىپتىكى مولېكۇلا ئەلگىكىنىڭ تۆشۈكچىلىرىنىڭ مەلۇم ئۆلچىمى بولىدۇ. سۇ مولېكۇلىلىرى «°5A» (تۆشۈكچىنىڭ دىئامېتىرىmc8 -10×5) دەرىجىلىك مولېكۇلا ئەلگىكىنىڭ تۆشۈكچىلىرىگە كىرەلەيدۇ، لېكىن مولېكۇلىسى سۇنىڭكىدىن چوڭ بولغان ئېتىل ئېفىر مولېكۇلىلىرى ئۇنىڭغا كىرەلمەيدۇ، شۇڭا « °5A» دەرىجىلىك مولېكۇلا ئەلگىكىدىن پايدىلىنىپ ئېتىل ئېفىردىكى سۇ مولېكۇلىلىرىنى ئاسانلا چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ. سۇ مولېكۇلىلىرىدىن چوڭ بولغان باشقا ماددىلارنىڭ مولېكۇلىلىرى تەركىبىدە سۇ بولغان ئەھۋالدىمۇ مۇشۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق چىقىرىۋېتىشكە بولىدۇ. مولېكۇلا ئەلگىكىنى گازلارنى قۇرۇتقۇچى قىلىشقا ۋە كاتالىزاتور ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئاقسىللار بىلەن پولىپىپتېدلار جانلىقلار تېنىدىكى مۇرەككەپ ئارىلاشمىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلارنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم قىيىنچىلىق ئۇلارنى ئايرىشنىڭ قىيىن بولغانلىقىدا. ئاقسىللار بىلەن پولىپىپتېدلار ئىسسىقلىق ياكى كىسلاتا، ئىشقارلار تەسىرىدە ئاسانلا خۇسۇسىيەت ئۆزگەرتكەچكە، ئادەتتىكى ئايرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۇلارنى بىر - بىرىدىن ئايرىش مۇمكىن بولمىغانىدى. شۇڭا، ئالىملار قايتا - قايتا تەتقىق قىلىش ئارقىلىق مەخسۇس ئاقسىللار بىلەن پولىپىپتېدلارنى ئايرىشتا ئىشلىتىلىدىغان مولېكۇلا ئەلگىكىنى ياساپ چىقتى. بۇ خىل مولېكۇلا ئەگلىكى ئورگانىك يۇقىرى مولېكۇلىلىق بىرىكمە بولۇپ، ئۇ ئۆزئارا باغلانغان گلۇكوزان دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ماددا سۇغا چىلاپ قويۇلسا كۆپۈپ كۆپ كاۋاكچىلىق كوللوئىدقا ئايلىنىدۇ. ئاقسىل ئېرىتمىلىرى بۇ كوللوئىد دانچىلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا، ئۇششاقراق مولېكۇلىلار ئۇنىڭ كاۋاكچىلىرىغا كىرىپ، چوڭراقلىرى كىرەلمەيدۇ. مولېكۇلىلار قانچىكى كىچىك بولسا، ئۇلار شۇنچە چوڭقۇر سىڭىپ كىرىدۇ. سۇ بىلەن ئۈزلۈكسىز يۇيۇلغاندا مولېكۇلىلىرى چوڭراق بولغان ئاقسىللار ئالدى بىلەن يۇيۇلۇپ چۈشىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن باشقا ئاقسىل مولېكۇلىلىرىنىڭ چوڭ - كىچىكلىك تەرتىپى بويىچە ئىلگىرى - كېيىن ئايرىلىپ چىقىدۇ. ئوخشىمىغان ۋاقىت ئارىلىقىدا ئېقىپ چىققان ئېرىتمىلەرنى ئايرىم - ئايرىم يىغىۋېلىش ئارقىلىق مولېكۇلىلىرىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان ھەر خىل ئاقسىللارنى بىر - بىرلەپ ئايرىۋېلىشقا بولىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل كوللوئىدلىق پىلتىرلاش ئۇسۇلى دەپ ئاتىلىدۇ. تاجسىمان ئېفىر دەپ ئاتىلىدىغان يەنە بىر خىل ئورگانىك بىرىكمە بولۇپ، ئۇنىڭ مولېكۇلىسى تەركىبىدە ئوكسىگېن بولىدۇ. ئۇنىڭ مولېكۇلىلىرى پادىشاھلارنىڭ تاجسىغا ئوخشاپ كېتىدۇ، تاجنىڭ ئوتتۇرىسى بوش بولۇپ، بەزى چوڭ - كىچىكلىكى مۇۋاپىق بولغان مولېكۇلىلار ياكى ئىئونلار ئۇنىڭغا كىرىپ تاجسىمان ئېفىر بىلەن تۇراقلىق كومپلېكس بىرىكمە ھاسىل قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئەسلىدە ئورگانىك ئېرىتكۈچىلەردە ئېرىمەيدىغان كالىي سىئانىدقا ئوخشاش تۇزلارنىڭ ئورگانىك ئېرىتكۈچىلەردىكى ئېرىشچانلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، بىر قىسىم خىمىيىۋى رېئاكسىيىلەرنى كاتالىزلايدۇ، تاجسىمان ئېفىرنىڭ بۇ خىل كاتالىز رولى فازا ئالماشقان كاتالىز رولى دەپ ئاتىلىدۇ. تاجسىمان ئېفىر يېقىنقى يىللاردىن بېرى تەرەققىي قىلىۋاتقان سۇيۇقلۇق پەردىسى ئارقىلىق ئايرىش تېخنىكىسىنىڭ مۇھىم خام ئەشياسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار خىمىيە بىلىملىرى
ئايرىش ۋە كاتالىزلاش رولىغا ئىگە مولېكۇلا ئەلگىكى | UyghurWiki | UyghurWiki