UyghurWiki
UyghurWikiخىمىيە بىلىملىرىكۈمۈش

كۈمۈش

خىمىيە بىلىملىرى قەدىمكى زامانلاردىلا كىشىلەر كۈمۈش قاچىغا سۈت قاتارلىق يېمەكلىكلەر قاچىلاپ ساقلانسا ئۇزاق ۋاقىت بۇزۇلماي تۇرىدىغانلىقىنى بىلگەن. چۈنكى كۈمۈش سۇدا مەلۇم دەرىجىدە «ئېرىيدۇ»، يېمەكلىك كۈمۈش قاچا بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن يېمەكلىك تەركىبىدىكى سۇ ئىنتايىن ئاز مىقداردىكى كۈمۈشنى كۈمۈش ئىئونلىرىغا ئايلاندۇرىدۇ. كۈمۈش ئىئونلىرىنىڭ مىكروب ئۆلتۈرۈش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ،1 لىتىر سۇدا100 مىلياردتىن2 گرام كۈمۈش ئىئونى بولسىلا مىكروبلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈپ تۈگىتەلەيدۇ. كۈمۈش ئىئونلىرىنىڭ مىكروب ئۆلتۈرۈش ئىقتىدارىدىن دېزىنفېكسىيىلەش ۋە تاشقى كېسەل قۇتقۇزۇش ئىشلىرىدىمۇ پايدىلىنىلىدۇ. قەدىمكى مىسىرلىقلار كۈمۈش ياپراقچىسى بىلەن يارا ئېغىزىنى ياپقاندا داۋالاش ئۈنۈمى بولىدىغانلىقىنى بىلگەن، كېيىنرەك كىشىلەر «كۈمۈش داكا» بىلەن يارا ئېغىزىنى، تېرىنىڭ زەخىملەنگەن يەرلىرىنى، داۋالاش قىيىن بولغان جاراھەتلەرنى تېڭىپ بەزىدە ياخشى داۋالاش ئۈنۈمىگە ئېرىشكەن. ھازىرقى زامان مېدىتسىناسىدا، دوختۇرلار كۆپىنچە %1 لىك كۈمۈش نىترات ئېرىتمىسىنى يېڭى تۇغۇلغان بالىلارنىڭ كۆزىگە تېمىتىپ بوۋاقلارنىڭ كۆز كېسەللىكىگە يولۇقۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىۋاتىدۇ. جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرگە داڭلىق بولغان يىڭنە بىلەن داۋالاشتا ھەممىدىن بۇرۇن ئىنچىكە كۈمۈش يىڭنە ئىشلىتىلگەن. كۈمۈشنىڭ خىمىيىۋى خۇسۇسىيىتى ناھايىتى تۇراقلىق بولۇپ، ئوكسىگېن بىلەن بىۋاسىتە رېئاكسىيىلەشمەيدۇ. كۈمۈش قاچىلارنىڭ يۈزىنىڭ قارىيىپ قېلىشى ئۇلارنىڭ ھىدرو سۇلفىد بىلەن ئۇچرىشىپ قارا رەڭلىك كۈمۈش سۇلفىد ھاسىل قىلغانلىقىنىڭ سەۋەبى. قەدىمكى كۈمۈش قاچىلار ئۇزاق ۋاقىت ھاۋا بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرغاندا، ھاۋادىكى مىكرو مىقداردىكى ئوزوننىڭ تەسىرىدە پارقىراقلىقىنى يوقىتىدۇ. كۈمۈشنىڭ يەنە نۇرغۇن ئىشلىتىلىش ئورۇنلىرى بار. ئۇ ياخشى ئۆتكۈزگۈچ جىسىم بولغانلىقتىن، ئۇنىڭدىن توك سىملىرى ياسىلىدۇ، ھەل بېرىش، سىنئەينەك ياساش، رەسىمگە تارتىش قاتارلىق كەسىپلەرمۇ ئۇنىڭغا ئىنتايىن ئېھتىياجلىق.
← بارلىق تېمىلار خىمىيە بىلىملىرى