UyghurWiki
UyghurWikiخىمىيە بىلىملىرىخىمىيە ئالىملىرىنىڭ «سېھىرلىك تايىقى» نىڭ ئارىلاشتۇرۇشى

خىمىيە ئالىملىرىنىڭ «سېھىرلىك تايىقى» نىڭ ئارىلاشتۇرۇشى

خىمىيە بىلىملىرى سۈت پاراشوكى ئۈستىگە سۇ قۇيغاندا، تۇخۇمنى چېقىپ قاچىغا سالغاندا ئۇنى چوكا بىلەن ئارىلاشتۇرساق ئۇلار مونەكلىشىۋالمايدۇ، تۇخۇممۇ ياخشى ئارىلىشىدۇ، قانچە ئۇزاق ئارىلاشتۇرۇلسا ئۈنۈمىمۇ شۇنچە ياخشى بولىدۇ. زادى نېمە ئۈچۈن ئارىلاشتۇرۇش ئارقىلىق شۇنداق ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ؟ بۇنى تۇخۇمنى ئارىلاشتۇرغاندىكى ئەھۋال ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمىز. تۇخۇمنى ئۈزلۈكسىز ئارىلاشتۇرۇپ بەرگەندە تۇخۇمدىكى ئاقسىلنىڭ چوڭ مولېكۇلىلىرى مولېكۇلا ئېغىرلىقى كىچىكرەك بولغان پولى پېپىتىد مولېكۇلىلىرىغا ئايلىنىدۇ. پولى پېپىتىدلارنى قىزدۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا سۇ قوشۇش ئارقىلىق ھاسىل قىلىنغان يېلىملىق ماددا − تۇخۇم ئۇمىچى ئازراق ئارىلاشتۇرۇلغان تۇخۇم ئۇمىچىغا قارىغاندا كۆپ سىلىق ھەم ھەرىكەتچان بولىدۇ. خىمىيىۋى تەجرىبىلەر ۋە ھازىرقى زامان خىمىيە سانائىتى ئىشلەپچىقىرىشىدا ئارىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك قوللانغاندا، ۋاقىتنى تېجەپ قېلىشقا بولۇپلا قالماي، مەھسۇلات سۈپىتىنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. لېكىن، بۇرۇن كىشىلەر بۇ قائىدىنى ئانچە چۈشىنىپ كەتمەيتتى. ئوپتىك ئەينەك ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىيات تارىخىدا مۇنداق بىر قىزىقارلىق ئىش بولغان:1 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە دۇنيادا ئىشلەپچىقىرىلغان ئوپتىك ئەينەكلەرنىڭ سۈپىتى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، پەقەت فرانسىيىدە ئىشلەنگەن ئەينەكنىڭلا سۈپىتى ياخشى بولغان.1916 - يىلى روسىيە فرانسىيىدىن1 مىليون فرانكلىق يۇقىرى باھا بىلەن ئوپتىك ئەينەك ئىشلەپچىقىرىشتىكى مەخپىيەتلىكنى سېتىۋالماقچى بولغان، ئەمما روسىيىنىڭ بۇ تەلىپى فرانسىيىلىك كاپىتالىستلارنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان، ئەمەلىيەتتە بۇ مەخپىيەتلىك پەقەت ئارىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، سۈت پاراشوكى، تۇخۇم قاتارلىقلارنى ئارىلاشتۇرغانغا ئوخشاشلا ئىش. ئەسلىدە ئەينەكنى تاۋلىغان ۋاقىتتا ئۈزلۈكسىز ئارىلاشتۇرۇلسىلا خام ئەشيالار تەكشى ئارىلىشىدۇ ۋە ئەينەككە ئارىلىشىپ قالغان گازلار چىقىپ كېتىدۇ − دە، نەتىجىدە مۇدۇر - چوقۇر ۋە ھەر خىل داغلار بولمىغان سىلىق ئوپتىك ئەينەككە ئېرىشىلىدۇ. ئەينى ۋاقىتلاردا ماددىلار تاياقچىغا ئوخشاپ كېتىدىغان نەرسە بىلەن ئارىلاشتۇرۇلاتتى، بۇنداق ئاددىي نەرسىنىڭ ئۇنداق ئالاھىدە ئۈنۈم بېرىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغانلار ئۈچۈن بۇ ئاجايىپ بىر سىر ئىدى. شۇڭا كىشىلەر ئۇنىڭغا خىمىيە ئالىملىرى قولىدىكى «سېھىرلىك تاياق» دەپ نام بەرگەن. ھازىر خىمىيە ئالىملىرى مېخانىك ۋە ئېلېكتروماگنىتلىق ئارىلاشتۇرغۇچلارنى ئىشلەتمەكتە. مېخانىك ئارىلاشتۇرغۇچلارنىڭ تۈرلىرى ھەر خىل بولۇپ، بەزىلىرى پاراخوت پالىقىغا، بەزىلىرى لەڭگىرىگە، بەزىلىرى چاقىغا ئوخشاپ كېتىدۇ، ئۇلار ئوخشىمىغان جايلاردا ئىشلىتىلىدۇ. ئىقتىدارى بۇرۇن ئىشلىتىلگەن «تاياق» لاردىن كۆپ ياخشى.
← بارلىق تېمىلار خىمىيە بىلىملىرى
خىمىيە ئالىملىرىنىڭ «سېھىرلىك تايىقى» نىڭ ئارىلاشتۇرۇشى | UyghurWiki | UyghurWiki