سۇۋالغۇ ماتېرىياللىرى
خىمىيە بىلىملىرى
ئادەملەر كىيىم كىيگەندەك، ئۆي جاھازلىرىغىمۇ سىر بېرىلسە، سىر جاھازنى كۆركەم قىلىش، ئاسراش رولىنى ئوينايدۇ. مېتال بۇيۇملار يۈزىگە بېرىلگەن سىر ئۇنى داتلىشىشتىن ساقلىسا، ياغاچ يۈزىگە بېرىلگەن سىر سۇ، ئوكسىگېن ۋە مىكرو ئورگانىزملارنىڭ ياغاچنى چىرىتىپ بۇزۇۋېتىشىدىن ساقلايدۇ.
دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئالاھىدە مەھسۇلات تۇڭگو دەرىخى مېيى ئەلا سۈپەتلىك سىرلارنىڭ بىرى. تۇڭگو دەرىخى مېيىدىكى ئېلېئوستېئارىك كىسلاتا ھاۋا بىلەن ئۇچراشقاندا، ئوكسىگېن گازى تەسىرىدە ئۇنىڭ مولېكۇلىلىرى ئارىسىدا پولىمېرلىنىش رېئاكسىيىسى يۈز بېرىپ قاتتىق پەردە ھاسىل بولىدۇ. تەبىئىي سىرلارنىڭ خام ئەشيالىرى بىرقەدەر كەمچىل بولغىنى ئۈچۈن، ھازىر سىنتېتىك خام ئەشيالاردىن ئىشلەنگەن سىرلار كۆپرەك ئىشلىتىلمەكتە.
سۈنئىي سىنتېزلانغان يۇقىرى مولېكۇلىلىق بىرىكمە − ئالكىد سمولىسى ھازىرقى كۆپ خىل سىرلار ئىچىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئالكىد سمولىسى قاتتىق بولۇپ، ئۇنىڭدىن سىر ئىشلىگەندە ئالدى بىلەن ئورگانىك ئېرىتكۈچلەردە ئېرىتىلىدۇ. بۇ خىل ئېرىتمە بۇيۇملارنىڭ ئۈستىگە پۈركۈلگەندىن كېيىن، ئېرىتكۈچى ئاستا - ئاستا پارلىنىپ كېتىپ، سمولا تەكشى بىر قەۋەت ھىم ئاسراش قەۋىتىنى ھاسىل قىلىدۇ. نىترو سېللۇلوزىنى ئورگانىك ئېرىتكۈچىلەردە ئېرىتىپ تەييارلانغان سىر نىترو سىر دېيىلىدۇ. بۇ خىل سىر تېز قۇرۇيدۇ ھەمدە سىلىق، پارقىراق كېلىدۇ.
ئادەتتە سىرلارغا ھەر خىل رەڭدىكى سۇۋالغۇلار قوشۇلىدۇ، بۇ تەڭشەلمە سىر دېيىلىدۇ. ئۇ بۇيۇملارنىڭ يۈزىدىكى ئەسلىي رەڭلەرنى ۋە كەمتۈك جايلارنى يېپىپ تۇرىدۇ. رەڭ ماتېرىيالى قوشماي بىۋاسىتە ئىشلىتىلىدىغان سىر سۈزۈك سىر دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ ياغاچ ماتېرىياللارنىڭ ئەسلىدىكى تەبىئىي گۈل - سىزىقلىرىنى ساقلايدۇ. سۈزۈك سىرغا ئاليۇمىن پاراشوكى (ئادەتتە كۈمۈش پاراشوكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) قوشۇپ تەييارلانغان سىر بىلەن پار تۇرۇبىلىرى، گاز تۇرۇبىلىرىنى سىرلاش ئارقىلىق ئۇلارنى ئىسسىققا چىداملىق بولۇش ھەم ئىسسىقلىق ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارى ياخشى بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ. توك ماشىنىلىرى ۋە رادىئو كاتۇشكىسىدىكى سىمغا نېپىز بىر قەۋەت ئىزولياتور سۈركەپ چاپلىشىپ تۇرغان مىس سىملاردىن توك قېچىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
بۇيۇملارنىڭ يۈزىگە سۈركەلسە سىرغا ئوخشاش كۆركەملەشتۈرۈش ۋە ئاسراش رولىنى ئوينايدىغان ماددىلار سۇۋالغۇ دېيىلىدۇ. سۇۋالغۇنىڭ تۈرلىرى ئىنتايىن كۆپ، سۇيۇق سۇۋالغۇ ماتېرىياللار مۇھىتنى ئاسان بۇلغايدىغان ئورگانىك ئېرىتكۈچىلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى سۇ بىلەن تەڭشەش ياكى ئېمۇلسىيىلەش ئارقىلىق تەييارلىنىدۇ. پاراشوك ھالەتتىكى سۇۋالغۇلارغا ھېچقانداق ئېرىتكۈچى ئىشلىتىلمەستىن، ئۇ قىزىق مېتال يۈزىگە بىۋاسىتە پۈركۈلسە، پاراشوك ئىسسىقلىق تەسىرىدە سۇيۇقلىنىپ، سوۋۇغاندىن كېيىن نېپىز پەردە ھاسىل قىلىدۇ. ئالاھىدە بولغان ئىسسىقلىق ئۆتكۈزمەيدىغان سۇۋالغۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە راكېتالارنىڭ سىرتقى قېپىغا سۈرتۈلۈپ، مېتاللارنىڭ سۇيۇقلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ.