UyghurWiki
UyghurWikiخىمىيە بىلىملىرىئانىئونلار

ئانىئونلار

خىمىيە بىلىملىرى سىز ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان قىستا - قىستاڭ سودا ماگىزىنلىرىدىن چىقىپ يېشىللىققا چۆمگەن، فونتانلىرى ئېتىلىپ تۇرغان باغچىغا كىرسىڭىز شۇ ھامان ساپ ھاۋانىڭ لەززىتىنى تېتىپ، كۆڭلىڭىز يايراپ كېتىدۇ. سىزنى ھۇزۇرلاندۇرۇپ يايرىتىۋەتكەن بۇ نەرسە دەل ھاۋادىكى «ۋىتامىن» − ھەر خىل ئانىئونلارنىڭ تەسىرىدىن ئىبارەت. ئالىملار تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ھاۋادىكى ئانىئونلارنىڭ ئادەم تېنىدىكى قان ئايلىنىشنى تېزلىتىش، نېرۋا سىستېمىسىنى تەڭشەش، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش، نېرۋا ئاجىزلىقنى يېنىكلىتىش، تىنچلاندۇرۇش، ئاغرىق توختىتىش، يۆتەل توختىتىش تەر توختىتىش ۋە سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش رولى بارلىقىنى ئىسپاتلىدى. ئانىئونلار مەنپىي زەرەتلىك زەررىچىلەر بولۇپ، ئۇلار ئالەم نۇرلىرى، چاقماق چېقىش، قارا يامغۇر، زور دولقۇن، سۇنىڭ ئېتىلىپ چىقىشى قاتارلىقلارغا ئەگىشىپ بارلىققا كېلىدۇ. ئەسلىدە ئۇلار ئىنسانلار ئەتراپىغا كۆپلەپ يىغىلىپ، ئىنسانلارنىڭ «ئوزۇقلۇق» ىنى كۆپەيتىشى كېرەك ئىدى، لېكىن ئۇلار بەكمۇ مىشچان، زەئىپ، ئۇلار توپا - چاڭ، ئىس - تۈتەكلەرگە يولۇققان ھامانلا تۈگىشىدۇ. ئادەم قانچىكى كۆپ قىستاڭچىلىق جايدا، توپا - چاڭ قانچىكى كۆپ جايدا ئۇلار شۇنچە ئاسان تۈگىشىدۇ، بەختكە يارىشا ئامان قالدى دېيىلگەنلىرىمۇ نەچچىگە يەتمەيدۇ. ئادەملەرنىڭ بايقىشىچە، ئادەتتىكى ئۆيلەردە، ھەربىر كۇب سانتىمىتېر ھاۋادا پەقەت40 ~50 چىلا ئانىئون بولىدۇ، باغچىلاردا بولسا ئۆيدىكىگە قارىغاندا ئون ھەسسە ئارتۇق بولىدۇ، شەھەر ئەتراپىدا بولسا20 ھەسسىدىن ئارتۇق بولۇشى مۇمكىن. دېڭىز ساھىلى، جىلغىلار، شارقىراتما ئەتراپلىرىدا ھەربىر كۇب سانتىمېتىر ھاۋادا20 مىڭدىن كۆپ ئانىئونلار بولىدۇ. گۈزەل تاغ - دەريا ئەتراپلىرىغا دەم ئېلىش ئورۇنلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىمۇ مۇشۇ سەۋەبلەرنىڭ بىرى. ھاۋا تازا، ساپ بولغان شارائىتتىلا ئانىئونلار مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ، شۇڭا شەھەرلەر ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە كۆكەرتىلىدۇ ھەم باغچىلارغا يالغان تاغ، فونتانلار ياسىلىدۇ. ئالىملار ئانىئون ھاسىل قىلغۇچىدىن پايدىلىنىپ ئۈزلۈكسىز رەۋىشتە ئانىئون ھاسىل قىلماقتا. بۇنداق قىلغاندا ئۆيدىكى ئادەملەرمۇ ئانىئونلارنىڭ ئادەملەرگە بەرگەن «ئوزۇقلۇق» ىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ.
← بارلىق تېمىلار خىمىيە بىلىملىرى