سۈيدۈكتىن دورا ئايرىپ ئېلىش
خىمىيە بىلىملىرى
ئادەم سۈيدۈكىدىن دورا ئايرىپ ئېلىشقا بولىدۇ. چۈنكى، سۈيدۈك تەركىبىدە ئىنسانلار تېنىگە فىزىئولوگىيىلىك تەسىر كۆرسىتىدىغان بىرىكمىلەر بولىدۇ، شۇڭا تېبابەتچىلىكتە خېلى بۇرۇنلا بالىلارنىڭ سۈيدۈكى دورا سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن. پروگېستىن، تېستوستېرون قاتارلىق جىنسىي ھورمون تۈرىدىكى ماددىلار ئەڭ بۇرۇن سۈيدۈكتىن ئاجرىتىپ ئېلىنغان بىرىكمىلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھازىر ئۇلارنى سىنتېزلاش ئۇسۇلىدا ئالغاچقا، بىرمۇنچە ئاۋارە بولۇپ سۈيدۈكتىن ئايرىپ ئېلىشنىڭ ھاجىتى قالمىدى. لېكىن، بەزى ماددىلارنى سىنتېزلاش قىيىن، مەسىلەن، سۈيدۈكتە قان نۆكچىسى خاراكتېرلىك كېسەلنى داۋالايدىغان ئورۇكىنازا دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل دورا بولۇپ، ئۇنى ھازىرغىچە خىمىيىۋى ئۇسۇلدا سىنتېزلاش مۇمكىن بولمىغانلىقتىن يەنىلا سۈيدۈكتىن ئاجرىتىپ ئېلىنماقتا. بەزى ھاجەتخانىلارغا نۇرغۇنلىغان سۇلياۋ چېلەكلەر قويۇلىدۇ، بۇ ئورۇكىنازا ئېلىنىدىغان سۈيدۈكنى يىغىۋېلىشنى مەقسەت قىلغان.
سۈيدۈكتىن ئورۇكىنازانى ئاجرىتىپ ئېلىشتا ئادەتتە سۈمۈرتۈش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. بۇنىڭدا كۆپىنچە دىئاتومىت شۈمۈرگۈچى قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ. دىئاتومىتنى سۈيدۈك چېلەكلىرىگە سېلىپ ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن تىنچ قويۇپ قويۇلسا، ئورۇكىنازا ئاستا - ئاستا دىئاتومىت يۈزىگە شۈمۈرۈلىدۇ، ئۇنى ئاممىياكلىق سۇ بىلەن يۇغاندا ئورۇكىنازا ئايرىلىپ چىقىدۇ، ئۇنى يەنە بىر قاتار تازىلاش ۋە كرىستاللاش قاتارلىق خىمىيىۋى مەشغۇلاتلاردىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ساپ، ئۈنۈمى ئالاھىدە بولغان ئورۇكىنازاغا ئېرىشىلىدۇ. ئورۇكىنازا ئايرىۋېلىنغاندىن كېيىنكى سۈيدۈكنى فىلتىرلىغاندىن كېيىن ئوغۇت قىلىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.