UyghurWiki
UyghurWikiخىمىيە بىلىملىرىخروم ۋە يىراقنى كۆرەلمەسلىك

خروم ۋە يىراقنى كۆرەلمەسلىك

خىمىيە بىلىملىرى خروم كۈمۈشتەك پارقىراق مېتال، ۋېلىسىپىتكە بېرىلگەن ھەل دەل خرومدىن ئىبارەت. خروممۇ ئادەم بەدىنى ئۈچۈن ئېھتىياجلىق بولغان مىكرو ئېلېمېنتلارنىڭ بىرى. ئالىملار تەجرىبە ئىشلەش ئارقىلىق، خروم بولمىسا ئادەم بەدىنىدىكى ئىنسۇلىن ئۆزىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرالماي ئۆسۈپ يېتىلىش ياخشى بولماسلىق ئەھۋالى كۆرۈلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن. خروم يېتىشمىگەندە كۆرۈش ئىقتىدارىمۇ تەسىرگە ئۇچرايدۇ. ياش - ئۆسمۈرلەر ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان يىراقنى كۆرەلمەسلىككە ئائىت تەكشۈرۈش ماتېرىيالى تەھلىلىدىن مەلۇم بولۇشىچە، كۈندىلىك يېمەك - ئىچمەكتە خروم كەم بولسا كۆزنىڭ كرىستال تەنچىسى پۇلتىيىپ چىقىپ، نۇر سۇندۇرۇش دەرىجىسى ئارتىپ كېتىپ يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. ئادەتتە ئوزۇقلىنىش نورمال بولسا خروم يېتىشمەيدىغان ئەھۋال كۆرۈلمەيدۇ. لېكىن، تاماق تاللىسا، ھە دېسىلا ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنىلا ئىستېمال قىلسا ئۇ ھالدا خروم يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. چۈنكى، ئوزۇقلۇقلار قانچىكى ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەنگەنسېرى ئۇنىڭ تەركىبىدە خروم شۇنچە ئاز بولىدۇ. ئەكسىچە، يىرىكرەك پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ئوزۇقلۇقلار تەركىبىدە خروم مىقدارى كۆپ بولىدۇ. مەسىلەن، يىرىك شېكەر تەركىبىدىكى خروم مىقدارى يۇمشاق شېكەردىكىگە قارىغاندا100 −200 ھەسسە ئارتۇق بولىدۇ. ئادەم بەدىنى ھەر كۈنى يېمەكلىك ئارقىلىق20 مىكرو گرامدىن500 مىكرو گرامغىچە خروم قوبۇل قىلىپ تۇرۇشى كېرەك، يېمەكلىكلەر نورمال بولسىلا بەدەننىڭ خرومغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرغىلى بولىدۇ. ئەگەر خروم يېتىشمەسلىك كۆرۈلسە ياكى يىراقنى كۆرەلمەسلىك باشلانسا، ئۇ ھالدا تەركىبىدە خروم كۆپرەك بولغان گۈرۈچ، ئارپا، تېرىق، قوناق، يىرىك قارا شېكەر قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار خىمىيە بىلىملىرى