UyghurWiki
UyghurWikiخىمىيە بىلىملىرى«شالغۇت» يېڭى ماتېرىيال ئورگانىك سىلىتسىي

«شالغۇت» يېڭى ماتېرىيال ئورگانىك سىلىتسىي

خىمىيە بىلىملىرى خىمىيە ئالىملىرى كۋارتىس قۇمىدىكى سىلىتسىي بىلەن ئورگانىك چوڭ مولېكۇلىلىق بىرىكمىلەرنى بىرىكتۈرۈپ بىر خىل يېڭى «شالغۇت» ماتېرىيالنى ئىجاد قىلدى، ئۇنى كىشىلەر «ئورگانىك سىلىتسىي» دەپ ئاتىدى. بۇ ماتېرىيال ھەم، ئانئورگانىك ماددىلاردا بولىدىغان ئالاھىدىلىكلەر ھەم ئورگانىك ماددىلاردا بولىدىغان ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ، باشقا ماتېرىياللار ئۈستىگە ئالالمايدىغان ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالالايدۇ. ھازىر ئورگانىك سىلىتسىي مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرى2000 خىلدىن ئاشىدۇ، بۇلارنىڭ ئىچىدە كۆپرەك ئىشلىتىلىدىغانلىرى سىلىتسىيلىق كاۋچۇك، سىلىتسىيلىق سمولا قاتارلىق1000 نەچچە خىلدىن ئاشىدۇ. سىلىتسىي مېيى رەڭسىز، سۈزۈك مايسىمان سۇيۇقلۇق بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن يىپەك رەخت، پاختا رەخت، خىمىيىۋى تالا قاتارلىق توقۇلما بۇيۇملار بىر تەرەپ قىلىنسا، توقۇلما يۇمشاق، رەڭلىرى ئوچۇق، كۆركەم، سۈركىلىشكە چىداملىق بولىدۇ، كۈيە چۈشمەيدۇ. ئەگەر سىلىتسىي مېيى ئارقىلىق كىيىملەر بىر تەرەپ قىلىنسا، كىيىملەردىن يامغۇر ئۆتەلمەيدۇ، ئەمما ھاۋا ئۆتىدۇ، بۇنداق كىيىملەر سالقىن بولىدۇ. سىلىتسىي مېيى كۆزەينەك، فوتو ئاپپاراتنىڭ ئەينىكى، سائەت، لامپۇچكىلارنىڭ ئەينىكىگە سۈركەلسە سۈزۈكلۈكى ئاشىدۇ، ئۇنىڭغا سۇ، پاسكىنا نەرسىلەر ئاسان يۇقمايدۇ، كۆكىرىپ قېلىشتىن ساقلايدۇ. سىلىتسىي مېيى دوختۇرلارنىڭ كېسەللىكلەرگە دىئاگنوز قويۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. ئاشقازاننى ئاشقازان تەكشۈرۈش ئەينىكى بىلەن تەكشۈرگەندە پەقەت5 مىللىلىتىرلا سىلىتسىي مېيى ئېمۇلسىيىسى ئىچكۈزۈلسە ئاشقازان بوشلۇقىدىكى كۆپۈكچىلەر تېزلا يوقاپ، ئاشقازان ئەينىكىنىڭ كۆرسىتىشى ئېنىقلىشىپ، تەكشۈرۈشنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى زور دەرىجىدە ئاشىدۇ. سىلىتسىيلىق كاۋچۇك، سىلىتسىيلىق سمولا قاتارلىقلارمۇ خۇددى سىلىتسىي مېيىغا ئوخشاشلا كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلماقتا. بوغۇزى ئوپېراتسىيە قىلىپ ئېلىۋېتىلگەندىن كېيىن ئورنىغا سىلىتسىيلىق كاۋچۇكتىن ئىشلەنگەن سۈنئىي بوغۇز سېلىنسا، ئۇلارنىڭ سۆزلىشى، تاماق يېيىشى، نەپەسلىنىشى بەك تەسىرگە ئۇچراپ كەتمەيدۇ. شۇڭا، ھازىر سۈنئىي ئەزالارنىڭ كۆپىنچىسى ئورگانىك سىلىتسىيدىن ئىشلەنمەكتە. ئۇنىڭدىن سىرت، چىش پاستىسىغا ئورگانىك سىلىتسىي قوشۇلسا، چىشنى چوتكىلىغاندا چىش يۈزىدە مۇستەھكەم نېپىز پەردە ھاسىل قىلىپ ئون سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت ساقلىنىدۇ، بۇ پەردە چىشنىڭ كىرلىشىشى، چىشنى قۇرت يېيىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئورگانىك سىلىتسىيلىق ماتېرىياللار كېرەكسىز بولغاندىن كېيىن، مەيلى ئۇلار كۆيدۈرۈلسۇن ياكى يەرگە كۆمۈۋېتىلسۇن مۇھىتنى بۇلغىمايدۇ، شۇڭا ناھايىتى كەڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە.
← بارلىق تېمىلار خىمىيە بىلىملىرى