UyghurWiki
UyghurWikiخىمىيە بىلىملىرىقىزلار كەنتى ۋە كادمىي

قىزلار كەنتى ۋە كادمىي

خىمىيە بىلىملىرى ئەنگلىيىدىكى ۋېلىسنىڭ شىمالىدا دېمىس دەپ ئاتىلىدىغان «قىزلار كەنتى» بار، ئىلگىرىكى20 −30 يىل ئىچىدە بۇ يەردە پەقەت قىز بالىلا تۇغۇلغاچقا، بۇ ئىش كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، جۇڭگونىڭ سەنشى ئۆلكىسىدىكى بىر يىراق تاغلىق كەنتتىمۇ ئون نەچچە يىل مابەينىدە تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ھەممىسى قىز بولغان، قۇرامىغا يەتكەن بۇ قىزلاردا باش ئاغرىش، ئۇستىخان ئاغرىش قاتارلىق غەلىتە كېسەللىكلەر كۆرۈلگەن. بۇ كەنتمۇ «قىزلار كەنتى» دەپ ئاتالغان. ئۇنداقتا زادى نېمە ئۈچۈن پۈتۈن كەنتتىكى ئاياللارنىڭ ھەممىسى قىز تۇغۇپ، ئوغۇل تۇغمايدۇ؟ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكشۈرۈشلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئىككى كەنتتىكى ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسى تەركىبىدە كادمىي مىقدارى يۇقىرىراق بولغان بۇلغانغان سۇنى ئىچكەن. بۇ خىل بۇلغىنىشنى تاشلىۋېتىلگەن سىنك كانلىرىنىڭ سۇ مەنبەلىرىنى بۇلغىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان. سۇ مەنبەسىنى ئۆزگەرتىپ نورمال سۇ ئىچكەندىن كېيىن ئوغۇل تۇغمايدىغان ئەھۋالمۇ ئۆزگەرگەن. كادمىي تەبىئەتتە سۇلفىدلار شەكلىدە ھەر خىل سىنك، قوغۇشۇن، مىس رۇدىلىرىدا مەۋجۇت بولىدۇ. مەيلى ئاتموسفېرا، تۇپراق ۋە سۇ بولسۇن، ھەممىسىدىلا كادمىينىڭ مىقدارى بەك ئاز بولۇپ، سالامەتلىككە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. لېكىن، مۇھىت كادمىي بىلەن بۇلغانغاندىن كېيىن ئۇ جانلىقلار تېنىدە كۆپ يىغىلىپ، ئوزۇقلۇق زەنجىرى ئارقىلىق ئادەم تېنىگە كىرىپ ئاستا خاراكتېرلىك زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كادمىي ئادەم تېنىگە كىرگەن ھامان كادمىينىڭ گۈڭگۈرتلۈك ئاقسىلىنى ھاسىل قىلىپ قان ئارقىلىق پۈتۈن بەدەنگە ئېقىپ بارىدۇ ھەمدە بۆرەككە يىغىلىپ بۆرەك، جىگەردىكى فېرمېنت سىستېمىلىرىنىڭ نورمال پائالىيىتىنى بۇزىدۇ، يەنە بۆرەكنىڭ كىچىك تومۇرلىرىنى زەخىملەپ دېئابىت كېسىلى، ئاقسىل سىيىش كېسىلى قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. تەركىبىدە كادمىي بولغان گازلار نەپەس يوللىرىدىن ئۆتكەندە نەپەس يوللىرىنى غىدىقلاپ سۇلۇق ئۆپكە ئىششىقى، ئۆپكە ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ. كادمىي ئېغىز ئارقىلىق بەدەنگە كىرگەندە قۇسۇش، ئاشقازان - ئۈچەي مۇسكۇللىرى تارتىشىش، قورساق ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، ھەتتا جىگەر، بۆرەك ئۇنىۋېرسال كېسەللىكىنى پەيدا قىلىپ ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كادمىي ئادەم تېنىدە «دۈشمەن»، لېكىن سانائەتتە ئىنسانلارنىڭ «دوستى»، كادمىينى خرومنىڭ ئورنىدا ئېلېكتر ئارقىلىق ھەل بېرىش ئىشلىرىدا ئىشلىتىپ، ھەل بېرىلگەن بۇيۇملارنىڭ پارقىراقلىقىنى ئاشۇرۇشقا بولىدۇ. كادمىي بوياق ياساش، سۇلياۋنى تۇراقلاشتۇرۇش، قېتىشما ياساش، باتارېيە ئىشلەپچىقىرىشتا ناھايىتى مۇھىم، تېلېۋىزور، يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى، كاۋچۇك مەھسۇلاتلىرى ئۈچۈنمۇ كادمىي ئېھتىياجلىق
← بارلىق تېمىلار خىمىيە بىلىملىرى
قىزلار كەنتى ۋە كادمىي | UyghurWiki | UyghurWiki