تەملىك تېتىتقۇ
خىمىيە بىلىملىرى
قورۇما قورۇغاندا، شورپا تەييارلىغاندا ئازراق تېتىتقۇ سېلىنىدۇ، نېمە ئۈچۈن ئۇ شۇنچە تەملىك بولىدۇ؟ ئەگەر سىز تېتىتقۇ قاچىلانغان خالتىغا نەزەر سالسىڭىز خالتىنىڭ ئۈستىگە تېتىتقۇنىڭ نامى ناترىي گلۇتاماتنىڭ يېزىلغانلىقىنى كۆرىسىز، تېتىتقۇنىڭ تەملىك بولۇشى ئەنەشۇ ناترىي گلۇتاماتنىڭ تۆھپىسىدىن ئىبارەت.
بۇنىڭدىن80 نەچچە يىل بۇرۇن ئادەملەر تېتىتقۇ ئىشلەش تېخنىكىسىنى ئىگىلىگەن. ئەينى چاغلاردا ئۇ ئاساسەن ئۇن سېغىزى (ميەنجىن)، سېرىق پۇرچاق كۈنجۈرىسى قاتارلىقلارنى خام ئەشيا قىلىپ ئىشلەنگەن، چۈنكى ئۇن سېغىزى تەركىبىدە نۇرغۇنلىغان ئاقسىللار بار بولۇپ، بۇ ئاقسىللار20 نەچچە خىل ئامىنو كىسلاتالاردىن تەركىب تاپقاچقا، ئۇلار ئىچىدە گلۇتامىن كىسلاتامۇ بولىدۇ. ئەگەر تۇز كىسلاتا قاتارلىق خىمىيىۋى ماددىلاردىن پايدىلىنىپ ئاقسىللارنىڭ چوڭ مولېكۇلىلىرىدىن گلۇتامىن كىسلاتاسى «تارتىپ» چىقىرىلىپ، ئۇ ئىشقار بىلەن نېيتراللاشتۇرۇلسا ناترىي گلۇتامات (تېتىتقۇ) قا ئېرىشىلىدۇ. بۇ ئۇسۇل ھىدرولىزلاش ئۇسۇلى دەپ ئاتىلىدۇ.
كېيىن، خىمىيە ئالىملىرى تېتىتقۇ ئىشلەشنىڭ يەنە بىر خىل يېڭى ئۇسۇلىنى كەشىپ قىلدى، بۇ ئۇسۇلدا كراخمال، شېكەر، ئازوتلۇق ئوغۇت قاتارلىق كۆپ خىل ئوزۇقلۇق ماددىلار خام ئەشيا قىلىنىپ، مىكرو جانلىقلار ياردىمىدە ئېچىتىپ گلۇتامىن كىسلاتاسى ھاسىل قىلىنىدۇ. بۇ ئۇسۇل ئېچىتىش ئۇسۇلى دەپ ئاتىلىدۇ. ئېچىتقۇ سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدىغان مىكرو جانلىقلار ئالىملار مەخسۇس يېتىشتۈرگەن «ئالاھىدە باكتېرىيە» دىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۆسۈشىگە ماس كېلىدىغان شارائىتتا شىكەر ۋە ئازوتلۇق ئوغۇتنى گلۇتامىن كىسلاتاسىغا ئايلاندۇرىدۇ. گلۇتامىن كىسلاتاسىنىڭ ئۆزىنىڭ سۇدىكى ئېرىشچانلىقى كىچىك، تەمىمۇ ئاجىزراق بولغاچقا، ئۇنى نېيتراللاپ ناترىي گلۇتاماتقا ئايلاندۇرغاندىن كېيىن ئاندىن ناھايىتى كۈچلۈك تەمگە ئىگە ھەقىقىي تېتىتقۇغا ئايلىنىدۇ. ئادەتتىكى تېتىتقۇلارنىڭ تەركىبىدە %20 − %40 كىچە ئاش تۇزى بولىدۇ، ئۇ تەمنى تېخىمۇ ياخشىلايدۇ.
تېتىتقۇ − ناترىي گلۇتامات ئاشقازانغا كىرىپ ئاشقازان كىسلاتاسى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن تېزلا بەدەن ئاسان قوبۇل قىلالايدىغان گلۇتامىن كىسلاتاسىغا ئايلىنىدۇ. گلۇتامىن كىسلاتاسى «ئاممىياك تۇتۇپ تۇرۇش» ماھىرى. ئەگەر ئادەم تېنىدە ھاسىل بولغان ئاممىياك ئۆز ۋاقتىدا چىقىپ كېتەلمىسە جىگەرنىڭ زەئىپلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. گلۇتامىن كىسلاتاسى ئەنە شۇ ئوشۇقچە ئاممىياكنى تۇتۇپ تۇرالىغاچقا، ئادەملەر بۇ خىل كېسەلگە دۇچار بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، چوڭ مېڭە ئاممىياكقا قارىتا ناھايىتى سەزگۈر كېلىدۇ، بۇنىڭدىمۇ گلۇتامىن كىسلاتاسىنىڭ ياردىمىگە تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ.
ھازىر ئالىملار «ئالاھىدە تەملىك تېتىتقۇ»لارنى تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقاردى، ئۇلار تېتىتقۇنىڭ سەركىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى «گۇئانىن كىسلاتا» دەپ ئاتىلىدىغان ماددا بولۇپ، ئۇنىڭ تەمى ئادەتتىكى تېتىتقۇدىن100 ھەسسە يۇقىرى.