مېلامىن بۇيۇملىرى
خىمىيە بىلىملىرى
مېلامىن خام ئەشيا قىلىنىپ ياسالغان ئىستاكان،چىنە - قاچا، تەخسە، داس قاتارلىق بۇيۇملار خۇددى فارفوردىن ئىشلەنگەن بۇيۇملاردەك نەپىس، كۆركەم بولۇپ، ئاسان سۇنۇپ كەتمەيدۇ، شۇڭا ئۇلار كىشىلەر ياخشى كۆرىدىغان بۇيۇم بولۇپ قالماقتا.
مېلامىن سۇلياۋسى ئىسسىقلىق تەسىرىدە قاتىدىغان بىر خىل سۇلياۋ بولۇپ، ئۇ مېلامىن فورمالدېھىد سمولىسىنى ئاساسلىق خام ئەشيا قىلىپ، ئۇنىڭغا مۇۋاپىق مىقداردا قەغەز بوتقىسى سېللۇلوزىسى ۋە رەڭلەندۈرگۈچى قاتارلىق قوشۇمچە ماتېرىياللارنى قوشۇش ئارقىلىق ياسىلىدۇ. ئۇنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى، تۇتۇپ كۆرگەندىكى سېزىمى فارفورغا ئوخشاپ كېتىدۇ، زەھىرى يوق، پۇرىمايدۇ، كىسلاتا ۋە ئىشقارغا چىداملىق، قاتتىقلىقى ۋە زەربىلىنىشكە چىداملىقلىقى بىرقەدەر يۇقىرى، قاچا - قۇچا ياساشقا باب كېلىدۇ. چوڭ - كىچىكلىكى، قېلىن - نېپىزلىكى ئوخشاش بولغان قاچا - قۇچىلار ئىچىدە، مېلامىندىن ئىشلەنگەن قاچا - قۇچىلار فارفوردىن ئىشلەنگەن قاچا - قۇچىلاردىن يەڭگىل بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار فارفوردىن ئىشلەنگەن قاچا - قۇچىلاردەك ئاسان سۇنۇپ كەتمەيدۇ. بەزىلەرنىڭ سىناق قىلىپ كۆرۈشىگە قارىغاندا، مېلامىندىن ئىشلەنگەن بۇيۇملار1 مېتىر ئېگىزلىكتىن يەرگە چۈشۈپ سۇنمىغان، ئۇنىڭ سۇنۇپ كېتىش ئېھتىماللىقى فارفورنىڭكىنىڭ4 /1 ھەسسىسىچىلىك بولغان. شۇڭا، ئۇلار بالىلار قاچا - قۇچىلىرى، ئويۇنچۇقلىرى، ساياھەت بۇيۇملىرىنى ياساشقا ئىنتايىن مۇۋاپىق كېلىدۇ. ئۇنى سۇغا سېلىپ قاينىتىپ دېزىنفېكسىيىلىسىمۇ دەز كەتمەيدۇ، رەڭگى ئۆڭۈپ كەتمەيدۇ، ئاپتوماتىك قاچا - قۇچىلارنى يۇيۇش ماشىنىسىدا يۇيۇشقا بەك ماس كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن ئىشلەنگەن كۈلدانلار تاماكىنىڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسىدىن قورقمايدۇ. ئۇنىڭ يەنە بىر ئالاھىدە ئارتۇقچىلىقى شۇكى، ئۇ پۇرىمايدۇ، بۇنداق قاچىلاردا ھەر خىل ماي، ھاراق، جاڭيۇ، ئاچچىقسۇ، ئىسسىق شورپا، قورۇما ساقلانسا قاچىغا ھېچقانداق زىيان - زەخمەت يەتمەيدۇ، يېمەكلىكلەرنىڭ سۈپىتىمۇ ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ. شۇڭا، مېلامىندىن ئىشلەنگەن قاچا - قۇچىلار تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىدىغان كۈندىلىك سۇلياۋ بۇيۇملار ئىچىدىكى ئەڭ كۆڭۈلدىكىسى ھېسابلىنىدۇ.
مېلامىن سۇلياۋسىنىڭ تاق رەڭدىكىلىرىمۇ، قوش رەڭدىكىلىرىمۇ بار، ئۇنىڭدىن ھەر خىل گۈل نەقىشلىرى چۈشۈرۈلگەن بۇيۇملارنى ياساشقا بولىدۇ.
ئۇنىڭ يېتەرسىزلىكى شۇكى، سۇنۇپ كەتسىلا رېمونت قىلغىلى بولمايدۇ، ئۇزاق ۋاقىت ئاپتاپتا تۇرسا رەڭگى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. شۇڭا، ئۇلارنى ئىشلەتكەندە بىر - بىرىگە قاتتىق تېگىپ كېتىشىدىن، قولدىن چۈشۈپ كېتىشىدىن ساقلىنىش، ئۇزاق ۋاقىت ئاپتاپقا قويۇپ قويماسلىق لازىم.