كاتالىزاتورلار
خىمىيە بىلىملىرى
قەدىمكى زاماندىكى ئالخىمىكلار تاشنى ئالتونغا ئايلاندۇرالايدىغان بىر خىل «ئالاھىدە ماددا»نى تېپىپ چىقىشنى خىيال قىلىشقان، بۇ ئەمەلىيەتتە پەقەت بىر خىل خام خىيالدىنلا ئىبارەت ئىدى، خالاس. ھازىرقى زامان خىمىيە ئالىملىرى رېئاكسىيە سۈرئىتى ئىنتايىن ئاستا بولغان ھەتتا ئۆزئارا رېئاكسىيىلەشمەيدۇ دەپ قارالغان ئىككى خىل ماددىنى شىددەتلىك رېئاكسىيىگە كىرىشتۈرەلەيدىغان ئاجايىپ كارامەتكە ئىگە ماددىنى تېپىپ چىقتى. كىشىلەر بۇ «ئالاھىدە ماددا» نى كاتالىزاتور دەپ ئاتىدى.
ئەنگلىيىلىك خىمىيە ئالىمى داۋىي كاتالىزاتورنى ئەڭ بۇرۇن بايقىغان ئالىملارنىڭ بىرى. بىر قېتىم ئۇ، ھاۋادا رېئاكسىيىگە كىرىشمەيدىغان مەلۇم گازنى ھاۋا بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، بۇ ئارىلاشمىغا چوغلاندۇرۇلغان پلاتىنا سىمنى سالغاندا سىمنىڭ تېزلىكتە ئاقىرىپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان. بۇ، رېئاكسىيىگە كىرىشمەيدىغان گازنىڭ پلاتىنا سىم مەۋجۇت شارائىتتا ھاۋا بىلەن رېئاكسىيىگە كىرىشكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. شۇڭا، پلاتىنا ئەڭ بۇرۇن بايقالغان كاتالىزاتورلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
كاتالىزاتورلارنىڭ بايقىلىشى خىمىيە سانائىتى تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى. ئىنسانلار كۆپ مىقداردا ئىشلەپچىقىرىۋاتقان خىمىيىۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىلىرى، شۇنىڭدەك ھازىرقى زامان سانائىتىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتقان سېنتېتىك تالا، سېنتېتىك كاۋچۇك ۋە سۇلياۋ قاتارلىقلار كاتالىزاتورلار بارلىققا كەلگەندىن كېيىن ئاندىن ئىشلەپچىقىرىلغان. خىمىيىۋى ئوغۇت ئىشلەپچىقىرىشتا پەقەت تۆمۈرنى كاتالىزاتور قىلغاندىلا ئاندىن ئازوت بىلەن ھىدروگېننى بىرىكتۈرۈپ ئاممىياك ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. سۇلفات كىسلاتا ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان گۈڭگۈرت (Ⅵ) ئوكسىد ۋاننادىينى كاتالىزاتور قىلىپ گۈڭگۈرت(Ⅳ) ئوكسىدنى ئوكسىدلاش ئارقىلىق ھاسىل قىلىنىدۇ.
بەزىدە خىمىيە ئالىملىرى بىرەر خىل كاتالىزاتورنى كەشىپ قىلىش ئۈچۈن پۈتۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىدۇ. بۇنىڭدىن خېلى يىللار ئىلگىرى، فرانسىيىلىك خىمىيە ئالىملىرى ئاممىياك سىنتېزلاشتا ئىشلىتىلىدىغان كاتالىزاتورنى تېپىش ئۈچۈن نەچچە ئون مىڭلىغان ماددىلارنى سىناق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمىگەنىدى. بىر قېتىملىق تەجرىبىدە ئۇلار ئېھتىياتسىزلىقتىن سىمابلىق تېرمومېتىرنى چېقىپ قويىدۇ. ئۇنىڭدىن ئېقىپ چىققان سىماب بۇ رېئاكسىيە ئۈچۈن كاتالىزاتورلۇق رولىنى ئوينايدۇ، ئۇلار بۇ ئىشتىن چەكسىز خۇشاللىققا چۆمىدۇ.
بىز كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىمۇ كاتالىزاتورلارنىڭ ئاجايىپ كارامىتى بارلىقىنى كۆرۈپ تۇرىمىز. مەسىلەن، نان يېقىش، ئۈزۈم ھارىقى ئېچىتىش، قېتىق ئۇيۇتۇش قاتارلىقلار مۇرەككەپ خىمىيىلىك رېئاكسىيىلەرنى بېشىدىن كەچۈرىدۇ. بۇ رېئاكسىيىلەرنىڭ ھەممىسى ئېچىتقۇ باكتېرىيىسى، سۈت كىسلاتا باكتېرىيىسى قاتارلىق باكتېرىيىلەرنىڭ تەسىرىدە يۈز بېرىدۇ. بۇ خىل ئېچىتقۇلار بىئولوگىيىدە فېرمېنت (ئېنزىم)، خىمىيىدە كاتالىزاتور دېيىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بىئولوگىيىلىك فېرمېنتلار دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى كاتالىزاتورلاردىن ئىبارەت. بەزى خىمىيىۋى سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىدا ئادەتتىكى ئانىئورگانىك ماددىلار كاتالىزاتور قىلىنغانلىقتىن، كۆپىنچە يۇقىرى تېمپېراتۇرا، يۇقىرى بېسىمغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، ئەگەر فېرمېنتلار ئىشلىتىلسە رېئاكسىيە ئادەتتىكى تېمپېراتۇرا ۋە ئادەتتىكى بېسىمدا يۈرىدۇ.
كاتالىزاتورلار ھازىرقى زامان خىمىيە خىزمەتچىلىرىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ياردەمچىلىرىگە ئايلانغان بولسىمۇ، لېكىن ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشقا تېگىشلىك يەنە نۇرغۇن مەسىلىلەر بار. شۇڭا، ئالىملار ئۇلارنىڭ سىرلىرى ئۈستىدە چوڭقۇر ھەم ئەتراپلىق ئىزدەنمەكتە.