ئاشقازان ئىقتىدارىنىڭ خىمىيىۋى رولى
خىمىيە بىلىملىرى
ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك، ئۇ ئوزۇقلۇقلارنى ھەزىم قىلىشتا ئۆزىدىكى تۇز كىسلاتا، پېپسىن ۋە شىلىمشىق سۇيۇقلۇققا تايىنىدۇ. تۇز كىسلاتا چىرىتىش خۇسۇسىيىتى ناھايىتى كۈچلۈك كىسلاتا، يېمەكلىك ئاشقازانغا كىرگەندە تۇز كىسلاتا ئۇنىڭدىكى مىكروبلارنى ئۆلتۈرىدۇ.
ئاشقازاندىكى تۇز كىسلاتانىڭ قويۇقلۇقى خېلى يۇقىرى بولۇپ، ئۇ سىنك مېتالىنى ئېرىتىۋېتەلەيدۇ. پېپسىن يېمەكلىك تەركىبىدىكى ئاقسىلنى پارچىلىيالايدۇ. شىلىمشىق سۇيۇقلۇق يېمەكلىكنى ئورىۋېلىپ، سىلىقلاش رولىنى ئويناپلا قالماستىن، يەنە ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى قوغداپ، ئۇنى مېخانىك زىيان - زەخمەتتىن ساقلايدۇ. ئاشقازاندىكى تۇز كىسلاتا، پېپسىن ۋە شىلىمشىق سۇيۇقلۇق بىرلىشىپ يېمەكلىكنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك پارچىلايدۇ.
ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى شۇنچە كۈچلۈك تۇرۇقلۇق نېمە ئۈچۈن ئاشقازان ئۆزىنى ھەزىم قىلىۋېتەلمەيدۇ؟ بۇ مەسىلە بۇنىڭدىن100 نەچچە يىللار ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، لېكىن قانائەتلىنەرلىك جاۋابقا ئېرىشەلمىدى. بەزى ئالىملار مۇنداق قارىماقتا: ئاشقازاننىڭ ئۆز - ئۆزىنى ھەزىم قىلىۋېتەلمەسلىكىدىكى ئاساسلىق سەۋەب شۇكى، ئاشقازان شىللىق پەردىسى ياكى ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئىچىدە بىر خىل ئالاھىدە ماددا بولۇپ، ئۇ تۇز كىسلاتا بىلەن پېپسىننىڭ تەسىرىنى يوقىتىدۇ. ئالىملار تەتقىق قىلىش ئارقىلىق مۇنداق قارىماقتا: بىرىنچىدىن، ئاشقازان دىۋارى تۇز كىسلاتانى ئاجرىتىپ چىقارغاندىن كېيىن، ئۇ كىسلاتا شىللىق پەردە يۈزىدىكى ئېپىتېلىيە ھۈجەيرىلىرىنىڭ توسۇشى سەۋەبىدىن تەتۈرىسىگە ئاقالمايدۇ، يەنى ئاشقازان دىۋارىنى چىرىتمەيدۇ. ئەگەر ئېپىتېلىيە ھۈجەيرىلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىسا شىللىق پەردە شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىپ تۇز كىسلاتانى مۇئەييەن دەرىجىدە بوپىرلاش رولىنى ئويناپ، ئاشقازان شىللىق پەردىسى يۈزىگە يېپىشقان تۇز كىسلاتانىڭ ئىچكى قىسىمغا كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئاشقازان شىللىق پەردىسى يەنە «پېچكىنى قۇربان قىلىپ گەردىنى ساقلاپ قېلىش» ئىقتىدارىغا ئىگە، ئۇ ئېپىتېلىيە ھۈجەيرىلىرىنى ئۈزلۈكسىز ماددا ئالماشتۇرۇپ يېڭىلىنىشقا قاتناشتۇرۇپ، پېپسىننىڭ شىللىق پەردىگە يېپىشىشىنى توسۇپ، ئاشقازان دىۋارلىرىنى قوغداپ قالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، شىلىمشىق سۇيۇقلۇقتىكى گلىكوپروتېئىننىڭ بەزىلىرىنىڭ تەركىبىدىكى قەنت مىقدارى ناھايىتى كۆپ، مولېكۇلا ئېغىرلىقى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، ئۇلار پېپسىننىڭ ئاكتىپلىقىنى تۆۋەنلىتەلەيدۇ.
ئىككىنچىدىن، ئىنسانلارنىڭ ئاشقازان شىلىمشىق پەردە ھۈجەيرىلىرىدىن مىنۇتىغا تەخمىنەن500 مىڭ دانىسى ئاجراپ، ئۈچ كۈن ئىچىدە ھەممىسى يېڭىلىنىپ بولۇشى كېرەك، بۇنداق كۈچلۈك ئەسلىگە كېلىش ئىقتىدارى ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاشقازان دىۋارىغا يەتكۈزىدىغان ۋاقىتلىق زىيىنىنى تولۇقلاپ كېتەلەيدۇ.
شۇڭا، نورمال شارائىتتا، ئاشقازان ئۆزىنى ئۆزى ھەزىم قىلىۋېتەلمەيدۇ. ئەگەر ئاشقازاندا ھاسىل بولغان ئاشقازان كىسلاتاسى كۆپىيىپ كەتسە ياكى ئاچ قورساق ھاراق ئىچىلسە ئاشقازان دىۋارى زىيان - زەخمەتكە ئۇچراپ، ئاشقازان ئۆزىنى ئۆزى ھەزىم قىلىشقا باشلايدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا ئاشقازان يارىسىغا ئوخشاش كېسەللىك پەيدا بولىدۇ.