»دو ژنا«
خىمىيە بىلىملىرى
بىز باتارېيە، پايپاق، سوپۇن قاتارلىق بۇيۇملارنى سېتىۋالغان ۋاقتىمىزدا، ئادەتتە «دوژنا» بويىچە ھېسابلايمىز. «دوژنا» دائىم قوللىنىلىدىغان سانلىق مىقدار بىرلىكى،1 «دوژنا» نىڭ سانلىق مىقدارى12 بولىدۇ. مەسىلەن، بىر «دوژنا» باتارېيە12 تال بولغىنىدەك.
خىمىيىدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان سانلىق مىقدار بىرلىكى بار بولۇپ، ئۇ مول دەپ ئاتىلىدۇ، مول ئاتوم، مولېكۇلا قاتارلىق مىكرو زەررىچىلەرنىڭ سانلىق مىقدارىنى ھېسابلاشتا قوللىنىلىدۇ. خىمىيە ئالىملىرى قوللىنىدىغان «دوژنا» 1023 ×6.02 گە ۋەكىللىك قىلىدۇ، يەنى1 مول1023 ×6.02 دانە مىكرو زەررىچىگە تەڭ بولۇپ، ئۇنىڭ سانلىق قىممىتى12 دىن خېلىلا چوڭ بولىدۇ. چۈنكى، مولېكۇلا، ئاتوم قاتارلىق مىكرو زەررىچىلەر ئىنتايىن كىچىك بولىدۇ. مەسىلەن،1 گرام سۇدا تەخمىنەن1022 ×3.37 دانە سۇ مولېكۇلىلىرى بولسا،1 گرام كاربوندا1022 ×5.0 دانە كاربون ئاتومى بولىدۇ. بۇ سانلارنى يېزىش، ئەستە تۇتۇش بەك تەس ۋە قۇلايسىز. ئەگەر مولنى ئۆلچەم بىرلىكى قىلساق، ئۇ ھالدا1 گرام سۇدا تەخمىنەن056 .0 مول سۇ مولېكۇلىسى بولىدۇ،1 گرام كاربوندا تەخمىنەن083 .0 مول كاربون ئاتومى بولىدۇ دېيىشكە بولىدۇ. بۇنداق ئىپادىلىگەندە يېزىش، ئەستە قالدۇرۇشقا قۇلايلىق بولىدۇ. بۇ ساننى ئالىم ئاۋوگادرو ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئۈچۈن، ئاۋوگادرو تۇراقلىق سانى (كونىستانتى) دەپ ئاتالغان.
مول ئارقىلىق ماددىلارنىڭ مىقدارىنى ئىپادىلىگەندىمۇ ئىنتايىن قۇلايلىق بولىدۇ. ئالىملار1 مول كاربون ئاتومى (كاربون -12 نى كۆرسىتىدۇ)نىڭ ماسسىسى دەل12 گرام بولىدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان. بۇنىڭدىن باشقا ماددىلارنىڭ1 مول ئاتومىنىڭ ماسسىسىنى ھېسابلاپ چىقىشمۇ ئىنتايىن ئاسان. مەسىلەن،1 مول ھىدروگېن ئاتومىنىڭ ماسسىسى1 گرام،1 مول تۆمۈر ئاتومىنىڭ ماسسىسى85 .55 گرام،1 مول ئوكسىگېن ئاتومىنىڭ ماسسىسى16 گرام بولىدۇ ۋە باشقىلار. بۇ يەردە بىز ھەرقانداق1 مول ئاتومنىڭ ماسسىسى سانلىق قىممەت جەھەتتە شۇ ئاتومنىڭ ئېغىرلىقىغا تەڭ بولىدىغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. مولدىن پايدىلىنىپ مولېكۇلىلارنىڭ ماسسىسى، ئىئونلارنىڭ ماسسىلىرىنى ھېسابلاپ چىقىشمۇ ئاسان. شۇڭا، مول خۇددى بىر كۆۋرۈككە ئوخشاش بولۇپ، ئۇ كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان مىكرو زەررىچىلەرنى سانلىق مىقدارى زور بولغان مىكرو زەررىچىلەر توپى ۋە ئۆلچەشكە بولىدىغان ماددىلار بىلەن باغلاپ تۇرىدۇ دەپ ئېيتالايمىز. مول ئارقىلىق خىمىيىۋى رېئاكسىيىلەردىكى رېئاكسىيىلەشكۈچى ماددىلار بىلەن ھاسىلاتلار ئوتتۇرىسىدىكى سانلىق مۇناسىۋەتلەرنى بىۋاسىتە شەرھلەپ بەرگىلى بولىدۇ. بىز1 مول كاربون بىلەن1 مول ئوكسىگېن رېئاكسىيىلىشىپ1 مول كاربون (Ⅳ) ئوكسىد ھاسىل قىلىدۇ، دېيەلەيمىز.