UyghurWiki
UyghurWikiخىمىيە بىلىملىرىقۇلۇلە قېپى ۋە سۇ دۇغى قاتمىسى

قۇلۇلە قېپى ۋە سۇ دۇغى قاتمىسى

خىمىيە بىلىملىرى خىمىيىۋى تەركىبى جەھەتتىن ئېيتقاندا، قۇلۇلە قېپى بىلەن قازاندىكى سۇ دۇغى قاتمىسى ئوخشاش بولۇپ، ئۇلار سۇدىكى كالتسىي كاربوناتنىڭ توپلىشىپ قېتىشىدىن ھاسىل بولغان، مەسىلەن، تاشپاقا، سەدەپ قۇلۇلىسى، دېڭىز قۇلۇلىسى، ئوستر قۇلۇلىلىرىنىڭ قېپى. ئۇنداقتا بۇ قاپلار زادى قانداق ھاسىل بولغان؟ دېڭىز بويلىرىدا ياشايدىغان تاشپاقا، سەدەپ قۇلۇلىسى، دېڭىز قۇلۇلىسى، ئوستر قۇلۇلىسى قاتارلىق يۇمشاق تەنلىك ھايۋانلاردا بىر خىل ئالاھىدە خىمىيىۋى ماھارەت بار، ئۇلارنىڭ ھەممىسى سۇدىكى كالتسىي ھىدروكاربوناتنى سۈمۈرۈۋېلىپ ئۆزگەرتىش ئارقىلىق قاتتىق كالتسىي كاربونات «قېپى» — قۇلۇلە قېپىنى ھاسىل قىلىدۇ. تەبىئەتتىكى بۇلاق سۇلىرى، قۇدۇق سۇلىرى، دېڭىز سۇلىرى قاتارلىق سۇلار تەركىبىدە ئازدۇر - كۆپتۇر كالتسىي ھىدروكاربونات، ماگنىي ھىدروكاربوناتتىن ئىبارەت تۇزلار بولغاچقا، بۇ خىل سۇلار قاتتىق سۇ دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل قاتتىق سۇنى قايناتساق، سۇدىكى كالتسىي ھىدروكاربونات، ماگنىي ھىدروكاربونات يۇقىرى تېپمېراتۇرىدا پارچىلىنىپ كالتسىي كاربونات، ماگنىي كاربوناتقا ئايلىنىپ چۆگۈنگە ئورناپ قالىدۇ، بۇ، سۇ دۇغى قاتمىسى دەپ ئاتىلىدۇ، سۇ دۇغى ئورناپ كەتكەن بۇنداق چۆگۈندە سۇ ئاسان قاينىمايدۇ. زاۋۇتلاردىكى پار قازانلىرى ئۇزاق ۋاقىت ئىشلىتىلگەندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭ ئىچكى دىۋارىغا سۇ دۇغى قاتمىسى ئورناپ قالىدۇ. سۇ دۇغى قاتمىسىنىڭ ئورنىشى تەكشى بولمايدۇ، سۇ دۇغى قېلىن ئورناپ كەتكەن جايلىرى ئىسسىقلىقنى ئاستا ئۆتكۈزىدۇ، نېپىز جايلىرى ئىسسىقلىقنى تېز ئۆتكۈزىدۇ-دە، بۇنىڭ بىلەن پار قازانلىرىنىڭ پارتلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، پار قازانلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان سۇنى ئالدى بىلەن يۇمشىتىپ، يۇمشاق سۇغا ئايلاندۇرۇلغاندىن كېيىن ئاندىن ئىشلىتىلىدۇ. ئائىلىلەردە ئىشلىتىلىدىغان چايدان، چۆگۈن قاتارلىقلاردىمۇ سۇ دۇغى قاتمىسى پەيدا بولىدۇ. ئۇنى چىقىرىۋېتىشتە، چۆگۈنگە ئىسسىق ئاچچىقسۇ قۇيۇلسا سۇ دۇغى قاتمىسى ئاستا - ئاستا بوشاپ ئاسانلا چىقىپ كېتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار خىمىيە بىلىملىرى