UyghurWiki
UyghurWikiخىمىيە بىلىملىرىمىنېرال سۇلار

مىنېرال سۇلار

خىمىيە بىلىملىرى مىنېرال سۇلار تەركىبىدە ئادەم بەدىنى ئۈچۈن ئېھتىياجلىق بولغان كۆپ خىل مىكرو ئېلېمېنتلار بولۇپ، ئۇلار يۈرەك، تال قاتارلىقلار ئۈچۈن پايدىلىق، ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ. مىنېرال سۇلار تەبىئىي مىنېرال سۇ، سۈنئىي مىنېرال سۇ دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ سوڭخۇا ناھىيىسىدىكى رادونلۇق ئارىشاڭ توققۇز چاقىرىملىق يۈنتەيشەنگە جايلاشقان بولۇپ، سۈيى تەركىبىدە سىلىتسىي قاتارلىق ئادەم بەدىنى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان16 خىل مىكرو ئېلېمېنتلار ۋە ئادەم بەدىنى ئۈچۈن پايدىلىق بولغان12 خىل سىرەك يەر ئېلېمېنتلىرى بار. تەبىئىي مىنېرال سۇلاردىن تەييارلانغان ئىچىملىكلەر بەدەننى ساغلاملاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ، ئىسسىقنى ياندۇرۇپ، ئۇسسۇزلۇقنى باسىدۇ، ئاشقازان، ئۈچەي كېسەللىكلىرىنى، يۇقىرى قان بېسىم، رېماتىزم قاتارلىق كۆپ خىل كېسەللىكلەرنى داۋالايدۇ. سۈنئىي مىنېرال سۇلار ئادەتتىكى سۇلارنى تازىلاش، دېزىنفېكسىيىلەش، مىنېراللاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇلاردا ئىنسانلار بەدىنى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان كالتسىي، ماگنىي قاتارلىق كۆپ خىل ئېلېمېنتلارنى كۆپەيتىش ئارقىلىق تەييارلىنىدۇ، ئۇ بەدەننى ساغلاملاشتۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە. ئالىملار تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، يېمەكلىكلەر ئادەم تېنىنى تەخمىنەن36 خىل ئېلېمېنت بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئوكسىگېن، كاربون، ھىدروگېن، ئازوت قاتارلىقلارنىڭ ئادەم بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ تەخمىنەن %95 ىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى، ئۇلار كراخمال، ياغ، ئاقسىللارنى تۈزگۈچى ئاساسلىق تەركىب ئىكەنلىكىنى، قالغان %4 ئېغىرلىقنى كالتسىي، فوسفور، كالىي، گۈڭگۈرت، ناترىي، خلور، ماگنىي ۋە تۆمۈر تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. ئادەم بەدىنىدىكى باشقا ئېلېمېنتلار مەسىلەن، مىس، مانگان، يود، سىنك، كوبالت، قوغۇشۇن، خروم، سېلېن، ئارسېن، فتور، سىلىتسىي، مولىبدېن قاتارلىقلار بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ %1 ىنى تەشكىل قىلىدۇ. بەدەندە مەلۇم بىر خىل ئېلېمېنت كەم بولسا ئادەم كېسەل بولىدۇ. مەسىلەن، كالتسىي كەم بولسا زىيادە سېزىمچانلىق، مۇسكۇللار تارتىشىپ قېلىش، كىرىشىپ قېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بالىلار بەدىنىدە كالتسىي كەم بولسا راخت كېسىلىگە دۇچار بولىدۇ. ئادەم بەدىنىدە فوسفور كەم بولسا ئىشتىھا تۇتۇلۇپ ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ، ئۇستىخان، باش ئاغرىيدۇ. ئادەم بەدىنىدىكى11 خىل ئاساسلىق ئېلېمېنتلارنى ئۇلارنىڭ ئادەم تېنىدە ئىگىلىگەن ئېغىرلىق پىرسەنتى بويىچە رەتكە تىزساق مۇنداق بولىدۇ: ئوكسىگېن، كاربون، ھىدروگېن، ئازوت، كالتسىي، فوسفور، كالىي، گۈڭگۈرت، ناترىي، خلور ۋە ماگنىي. مىنېرال سۇلار ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان مىنېرال ماددىلارنى تولۇقلايدۇ، شۇڭا ئۇ ئىنتايىن پايدىلىق.
← بارلىق تېمىلار خىمىيە بىلىملىرى
مىنېرال سۇلار | UyghurWiki | UyghurWiki