UyghurWiki
UyghurWikiخىمىيە بىلىملىرىئىزوتوپلار

ئىزوتوپلار

خىمىيە بىلىملىرى »خىمىيە سارىيى« دەپ ئاتالغان ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدۋىلىنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق ھۇجرىسىدا ھىدروگېنىڭ ئۈچ «قېرىنداش»ى ياشايدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاتوم يادروسىدا بىردىن پروتون بولىدۇ. لېكىن، بۇ «قېرىنداش»لارنىڭ ئەڭ چوڭىنىڭ يادروسى سىرتىدا ئىككى نېيترون بولۇپ، بۇ، «ترىتىي» دېيىلىدۇ. ئىككىنچىسىنىڭ يادروسى سىرتىدا پەقەت بىر دانە نېيترون بولۇپ، ئۇ «دېيتېرىي» دېيىلىدۇ. ئۈچىنچىسىدە نېيترون بولمايدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ «بەدەن ئېغىرلىقى» ئەڭ يېنىك بولۇپ، ئادەتتە ھىدروگېن ياكى پروتىي دەپ ئاتىلىدۇ. ئەگەر بىز «خىمىيە سارىيى» نىڭ ھەربىر ھۇجرىسىغا جايلاشقان ئەزالارنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ كۆرسەك، باشقا ئېلېمېنتلاردىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋاللارنىڭ بارلىقىنى بايقايمىز، ئالىملار ئەنە شۇنداق ئاتوم يادروسىدىكى پروتونلار سانى ئوخشاش، نېيترونلار سانى ئوخشاش بولمىغان ئېلېمېنتلارنى ئىزوتوپ دەپ ئاتىدى. مەسىلەن،8 - ھۇجرىغا ئوكسىگېننىڭ ئۈچ ئىزوتوپ «قېرىنداش» ى جايلاشقان. ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ يادروسىدا8 دىن پروتون بولغاندىن سىرت، چوڭىنىڭ يادروسىدا10 دانە نېيترون، ئىككىنچىسىنىڭ يادروسىدا9 ئېلېكترون، ئۈچىنچىسىنىڭ يادروسىدا8 ئېلېكترون بار. باشقا «ھۇجرا» دىكىلەرنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئىزوتوپى كۆپ، قەلەينىڭ10 دانە ئىزوتوپى بار. ئۇنىڭدىن باشقا، بەزى ئىزوتوپلار ئۆز نېسىۋىلىرىگە قانائەت ھاسىل قىلغان بولۇپ، ئۇلار تۇراقلىق ئىزوتوپلار دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، كاربون -12 ، كاربون 13 -، خلور 35 -، خلور 37 - بەزى ئىزوتوپلار تەبىئىي رادىئوئاكتىپلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە. مەسىلەن، كالىي 40 -، ئۇران 235 -، ئۇران238 - لار تەبىئىي رادىئوئاكتىپ ئىزوتوپلار دېيىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، سۈنئىي ھاسىل قىلىنغان بىر تۈردىكى رادىئوئاكتىپ ئىزوتوپلارمۇ بار بولۇپ، ئۇلار سۈنئىي ئىزوتوپلار دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، ئامېرتسىي، كالىفورنىي، لاۋرېنسىي قاتارلىقلار. بىر خىل ئېلېمېنتنىڭ بىرقانچە خىل ئىزوتوپلىرىنىڭ «بەدەن ئېغىرلىقى» ئوخشىمايدۇ. مەسىلەن، ھىدروگېننىڭ ئۈچ دانە ئىزوتوپى ئىچىدە چوڭى ئەڭ ئېغىر بولغاچقا، بەزىلەر ئۇنى «ئۈتە ئېغىر ھىدروگېن» دەپمۇ ئاتايدۇ؛ ئىككىنچىسى «ئېغىر ھىدروگېن» دەپ ئاتىلىدۇ؛ ئۈچىنچىسى ئەڭ يېنىك بولۇپ «ھىدروگېن» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلارنىڭ مۇنداق بولۇشىنى ئۇلارنىڭ يادروسىدىكى نېيترونلار سانىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان. باشقا ئېلېمېنتلارنىڭ ئىزوتوپلىرىمۇ شۇنداق بولۇپ، قايسىسىنىڭ يادروسىدا نېيترون كۆپ بولسا، شۇ ئېغىر بولىدۇ. ئىزوتوپلارنىڭ ھەرقايسىسى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. ھىدروگېننىڭ ئۈچىنچى ئىزوتوپى كۆيىدۇ، نۇرغۇنلىغان مېتاللوئىدلار، مېتاللار بىلەن بىۋاسىتە بىرىكەلەيدۇ، ئۇ ئاممىياك، ھىدروخلورىدلارنى سىنتېزلاش ۋە ئورگانىك سىنتېزلاش ئېلىپ بېرىش داۋامىدىكى ھىدروگېنلاش رېئاكسىيىلىرىنىڭ خام ئەشياسىدىن ئىبارەت. ھىدروگېن گەرچە ئىنتايىن تەستە سۇيۇقلانسىمۇ، لېكىن سۇيۇق ھالەتتىكى ھىدروگېن يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك يېقىلغۇدىن ئىبارەت. ديېتېرىينىڭ خىمىيىۋى ئاكتىپلىقى پروتىيغا قارىغاندا ناچارراق بولسىمۇ، لېكىن ديېتېرىينىڭ ئاتوم يادروسى سۈنئىي ئۇسۇلدا تېزلەشتۈرۈلسە كۆپلىگەن يادرو رېئاكسىيىلىرىگە قاتنىشىپ، رېئاكسىيىلەردە ناھايىتى كۆپ ئېنېرگىيە ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، شۇڭا ديېتېرىي كەلگۈسىدىكى مۇھىم ئېنېرگىيە مەنبەسى دەپ قارالماقتا. باشقا ھەر خىل ئېلېمېنتلارنىڭ نۇرغۇنلىغان ئىزوتوپلىرى ئۆزىگە خاس ئىقتىدارغا ئىگە. بولۇپمۇ بەزى رادىئوئاكتىپ ئىزوتوپلار ئۈزلۈكسىز رەۋىشتە ئېنېرگىيە ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. ئالىملار ئۇلارنىڭ بۇخىل خۇسۇسىيەتلىرىدىن پايدىلىنىپ ئىنسانىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلماقتا ياكى ئىنسانلارنى خېيىمخەتەردىن ساقلاپ كەلمەكتە. مەسىلەن، پولونىي238 -ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ مەنبەسى بولۇپ، ئۇنىڭدىن يۈرەكنى قوزغاتقۇچى سۈپىتىدە10 يىل پايدىلانغىلى بولىدۇ. كېسەل داۋالاشقا، دىئاگنوز قويۇشقا ئىشلىتىلىدىغان باشقا ئىزوتوپلارمۇ بار. خىمىيىۋى ئېلېمېنتلارنىڭ ئىزوتوپلىرى2000 خىلدىن ئارتۇق، ئەگەر بۇ ئىزوتوپلارنىڭ ھەممىسى ئىشلىتىلسە ئىنسانلارغا چەكسىز بەخت - سائادەت ئېلىپ كېلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار خىمىيە بىلىملىرى