UyghurWiki
UyghurWikiخىمىيە بىلىملىرىسىنتېز

سىنتېز

خىمىيە بىلىملىرى ماشىنىچىلار قايچا بىلەن رەختلەرنى كېسىپ ھەر خىل شەكىلگە كەلتۈرۈپ، ئۇنى تىكىپ ھەر خىل پاسوندىكى كىيىملەرگە ئايلاندۇرىدۇ؛ ياغاچچىلار ھەرىسى بىلەن ياغاچنى ھەرىلەپ چىرايلىق ئۆي جاھازلىرىنى ياسايدۇ، ھەيكەلتىراشلار پىچىقى بىلەن ئىنتايىن نەپىس بولغان ئادەم، قۇش، ھايۋانلارنى ئويۇپ چىقىدۇ. سىنتېز بىلەن شۇغۇللانغۇچى خىمىيە ئالىملىرىمۇ سەنئەتكارلار بولۇپ، ئۇلار خىمىيىۋى رېئاكتىپلاردىن پايدىلىنىپ خىمىيىۋى رېئاكسىيە شارائىتىنى كونترول قىلىش ۋە ئۆزگەرتىش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن بىرىكمىلەرنىڭ مولېكۇلىلىرىنى تولۇقلاپ ياكى كېسىۋېتىپ چىرايلىق ھۈنەر - سەنئەت مەھسۇلاتى بولغان يېڭى ماددا مولېكۇلىلىرىنى بارلىققا كەلتۈرەلەيدۇ. ئورگانىك ماددا مولېكۇلىلىرىدا ئوخشىمىغان ئاتوملار گۇرۇپپىسى بار بولۇپ، ئۇلار بىر پۈتۈن مولېكۇلىنى ئوخشىمىغان خۇسۇسىيەتكە ئىگە قىلىدۇ. خىمىيە ئالىملىرى خىمىيىۋى رېئاكسىيىلەر ئارقىلىق بىر ئاتوملار گۇرۇپپىسىنى مولېكۇلىدىن «كېسىپ» ئېلىپ ياكى مولېكۇلىغا چاپلاپ يېڭى ماددىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ، ئىسپىرت بىلەن سۇلفات كىسلاتانى قوشۇپ ℃170قىچە قىزدۇرۇش ئارقىلىق ئېتانول مولېكۇلىسىدىن بىر دانە ھىدروكسى رادىكالى بىلەن بىر دانە ھىدروگېن ئاتومىنى «كېسىۋېتىپ» ئېتىلېن ھاسىل قىلىدۇ. كېسىۋېلىنغان ھىدروگېن ئاتومى بىلەن ھىدروكسى رادىكالىنى بىرىكتۈرۈپ سۇ ھاسىل قىلىدۇ. بۇ خىمىيىدە «يوقىتىش» رېئاكسىيىسى دەپ ئاتىلىدۇ. ئورۇن ئېلىش رېئاكسىيىسى دەپ ئاتىلىدىغان يەنە بىر تۈردىكى رېئاكسىيىمۇ بار. رېئاكسىيىلەردە بىرىكمىلەر مولېكۇلىسىدىكى بىر قىسىم «زاپچاس» لار ئالمىشىدۇ. ئېتىل خلورىد بىلەن ناترىي ھىدروكسىدنىڭ سۇدىكى ئېرىتمىسىنى بىرلىكتە قىزدۇرغاندا، ئېرىتمىدىكى ھىدروكسىل ئىئونى بىلەن ئېتىل خلورىدتىكى خلور ئورۇن ئالماشتۇرۇپ ئېتانول بىلەن ناترىي خلورىدنى ھاسىل قىلىدۇ. پېنسىلىن ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ياللۇغ قايتۇرغۇچى ئانتىبىئوتىك دورىلارنىڭ بىرى، ئالىملار بىر قاتار خىمىيىۋى رېئاكسىيىلەر ئارقىلىق پېنسىلىن مولېكۇلىسىنى پارچىلاپ يېڭى بىرىكمە − يېڭى تىپتىكى پېنسىلىنغا ئېرىشتى. ئەسلىدىكى پېنسىلىننىڭ ئۈنۈم بېرىشىگە توسقۇنلۇق قىلالايدىغان ئىقتىدارنى ھازىرلىغان باكتېرىيىلەر بۇ خىل يېڭى پېنىسىلىنغا ئۇچرىغاندا، ئۈن - تىنسىز باش ئېگىدۇ. فېرمېنتلار ئالاھىدە ئىقتىدارغا ئىگە بىئو كاتالىزاتورلار بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار نازۇك كېلىدۇ، جانلىقلار تېنىدىن ئاجرالغاندىن كېيىن ئاسانلا كۈچنى يوقىتىدۇ. ئالىملار فېرمېنت مولېكۇلىلىرىنى كېسىپ ھەم كاتالىز ئىقتىدارىغا ئىگە، ھەم خىمىيىۋى تۇراقلىققا ئىگە بولغان سۈنئىي فېرمېنتلارغا ئايلاندۇرۇپ، فېرمېنتلار ئارقىلىق تېزلىتىلگەن رېئاكسىيىلەرنى سانائەتلەشكەن ئىشلەپچىقىرىشتا قوللىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. ھازىر ئالىملار DNA مولېكۇلىلىرىنى «ئوپېراتسىيە» قىلالايدىغان بولدى. مەيلى ئۇلار قانچىلىك مۇرەككەپ مولېكۇلىلار بولۇپ كەتسۇن، خىمىيە ئالىملىرىنىڭ «ئوپېراتسىيە پىچىقى» ئاستىدا ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى كۈتمەكتىن باشقا ئامالى يوق، كىشىلەر ھەر خىل يېڭى ماددىلارنى سىنتېزلاپ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار خىمىيە بىلىملىرى