كاربون
خىمىيە بىلىملىرى
14 - مىسىرلىق ئارخېئولوگلار نىل دەرياسىغا يېقىن تاغدىن ئىنتايىن قەدىمكى بىر ئاشلىق ئامبىرىنى بايقاپ، ئۇنىڭ ئىچىدىن بىر قىسىم بۇغدايلارنى تېپىپ ئۇنى ئىلمىي ئۇسۇلدا تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ بۇغدايلارنىڭ تەخمىنەن6000 يىللار ئىلگىرىكى بۇغداي ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققان. بۇنى بىر خىل رادىئوئاكتىپلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئىزوتوپ كاربون 14 - تىن پايدىلىنىپ بۇغداينىڭ «يېشى» نى ئېنىقلاش ئارقىلىق بىلگەن.
ئالىملار تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، بىر تۈپ دەرەخ، بىر تال ياپراق، بىر دانە ھەسەل ھەرىسى ۋە ئادەم بەدىنىدىكى جىگەر، بىر تال تىرناقلاردىكى ھەربىر1012 ×6 دانە كاربون ئاتوملىرى ئىچىدە چوقۇم بىر دانە كاربون 14 - ئاتومى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. مانا بۇ خىل كاربون ئاتومى مىنۇتىغا16 دانە β زەررىچە قويۇپ بېرىپ، ئۆزى كاربوننىڭ باشقا ئىزوتوپىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. ئەگەر جانلىقلار (ئۆسۈملۈك ياكى ھايۋانلار) تىرىك بولسىلا قانچىلىك كاربون 14 - ئاتومى يىمىرىلگەن بولسا شۇنچىلىك كاربون 14 - ئاتومىنى تولۇقلاپ، ھامان بەلگىلىك ساننى ساقلاپ تۇرىدۇ. ئەگەر بىر تۈپ دەرەخ كېسىۋېتىلسە ئۇ دەرەخ ئۆلگەچكە، ئۈزلۈكسىز كېمىيىۋاتقان كاربون 14 - ئاتومىنى تولۇقلىيالمايدۇ. لېكىن، ئەسلىدىكى كاربون 14 - ئاتومى داۋاملىق يىمىرىلىۋېرىدۇ. ئەگەر كۆكلەپ تۇرغان دەرەختىكى كاربون 14 - ئاتومى مىنۇتىغا16 دانە β زەررىچە قويۇپ بېرىشتىن ئاستا - ئاستا «يىمىرىلىپ» مىنۇتىغا8 دانە β زەررىچە قويۇپ بېرىدىغان «يېرىم يىمىرىلىش دەۋرى» گە كەلگۈچە بولغان جەرياننى بىلمەكچى بولساق، بۇ ئۆزگىرىش جەريانى ئۈچۈن5730 يىل ۋاقىت كېتىدۇ. شۇڭلاشقا، كىشىلەر بىر قانچە مىڭ يىللار بۇرۇن كېسىۋېتىلگەن دەرەختىن ئازراق ھەرىلىۋېلىپ، ئۇنى كۆيدۈرۈپ كۆمۈرگە ئايلاندۇرۇپ ئۇنىڭدىن1 گرام ئېلىپ، رادىئوئاكتىپلىق تەكشۈرۈش ئەسۋابى ئارقىلىق ئۇ مىنۇتىغا قويۇپ بېرىدىغان β زەررىچە سانىنى ئىنىقلاش ئارقىلىق ئۇ دەرەخنىڭ قاچان كېسىۋېتىلگەنلىكىنى بىلەلەيدۇ. مىسىرلىق ئارخېئولوگلار دەل مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق بۇغداينىڭ يېشىنى ئېنىقلاپ چىققان.
رادىئوئاكتىپ ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ يىل دەۋرىنى ئېنىقلاش ئۇسۇلى ناھايىتى كەڭ ئىشلىتىلىدۇ. بىز دەۋاتقان5000 يىللار ئىلگىرىلا يەر شارىدا ئادەملەر ياشىغان، ئۇلار ئوتتىن پايدىلىنىشنى، دەرەخ كېسىشنى، ئوت - چۆپلەردىن ئاياغ توقۇشنى بىلگەن دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى كاربون -14 ئاتومى ئارقىلىق ئېنىقلاپ چىقىلغان.
ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، ئۇزاق ۋاقىتلار ئىلگىرى بىر قىسىم ئىندىئانلار بەزى پاخال ئاياغلارنى ياساپ تاغ ئۆڭكۈرىدە قويۇپ قويغان، ئۇلار ئۆڭكۈرگە قايتىپ كېلىشتىن ئىلگىرى يانار تاغ توساتتىن پارتلاپ ئۆڭكۈر ئېغىزى ئېتىلىپ قالغان. ئەنە شۇنداق ئۆڭكۈرلەرنى ھازىر ئارخېئولوگلار بايقىدى. ئۇلار رادىئوئاكتىپلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە كاربون -14 ئاتومى ئارقىلىق ئۆلچەپ، بۇ پاخال ئاياغلارنىڭ بۇنىڭدىن9600 يىل ئىلگىرىكى ئاياغلار ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقتى. بۇنىڭدا بىر قىسىم پەرقلەر بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئومۇمەن ئالغاندا ئۇ ئاياغلارنىڭ بۇنىڭدىن9400 يىلدىن9600 يىللار ئىلگىرىكى ئاياغ ئىكەنلىكى ئېنىق.