UyghurWiki
UyghurWikiخىمىيە بىلىملىرىخىمىيىۋى تەڭلىمە

خىمىيىۋى تەڭلىمە

خىمىيە بىلىملىرى خىمىيە ئالىملىرى ئېلېمېنت بەلگىسى ئارقىلىق ئېلېمېنتلارنى، ئېلېمېنتلار بەلگىسىنىڭ بىرىكمىسى — مولېكۇلا فورمۇلىسى ئارقىلىق خىلمۇخىل ماددىلارنى ئىپادىلىدى. بىز ئېلېمېنت بەلگىسى ۋە مولېكۇلا فورمۇلىسىنى ئىنگلىز تىلىدىكى ھەرپ، سۆز - ئىبارىلەرگە ئوخشىتىش ئارقىلىق ئېلېمېنتلار بەلگىسى بىلەن مولېكۇلا فورمۇلىسى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بىرقەدەر ئېنىق ئىپادىلىيەلەيمىز. خىمىيە ئالىملىرى ھازىر دەل شۇ ئىدىيە بويىچە مولېكۇلا فورمۇلىسىنى مۇۋاپىق بەلگىلەر (مەسىلەن، +،=) بىلەن تۇتاشتۇرۇش ئارقىلىق خىمىيىۋى رېئاكسىيىلەرنى ئىپادىلەپ، بۇنى خىمىيىۋى تەڭلىمە دەپ ئاتىدى. مەسىلەن، سۇنىڭ پارچىلىنىپ ئوكسىگېن، ھىدروگېن ھاسىل قىلىش رېئاكسىيىسىنى تۆۋەندىكى خىمىيىۋى تەڭلىمە ئارقىلىق ئىپادىلەشكە بولىدۇ: (گاز)2 O+(گاز)2H2=(سۇيۇق) 2HO2 بۇ خىمىيىۋى تەڭلىمىنى يېزىق ئارقىلىق ئىپادىلەشكە توغرا كەلسە مۇنداق يېزىشقا توغرا كېلىدۇ: «36 گرام ئېغىرلىقتىكى2 مول سۇيۇق ھالەتتىكى سۇ پارچىلىنىپ4 گرام ئېغىرلىقتىكى2 مول ھىدروگېن گازى،32 گرام ئېغىرلىقتىكى1 مول ئوكسىگېن گازىنى ھاسىل قىلىدۇ»، بۇ ئىنتايىن ئاۋارىچىلىك ئىش ھەم ئوقۇش قىيىن، شۇڭا خىمىيىدە خىمىيىۋى تەڭلىمە قوللىنىلسا ئېلېمېنت بەلگىسى، مولېكۇلا فورمۇلىسىنى قوللانغاندىكىدەك ئاددىي ھەم چۈشىنىشلىك بولىدۇ، پۈتۈن دۇنيادا ئورتاق قوللانغىلى بولىدۇ. دۇنيادا ماددىلار ئىنتايىن كۆپ بولغانلىقتىن، ئۇلار ئارىسىدىكى خىمىيىۋى رېئاكسىيىلەرمۇ خىلمۇخىل بولىدۇ. مەسىلەن، ئىسپىرتنىڭ مولېكۇلا فورمۇلىسى C2H6O بولسىمۇ، لېكىن بۇ فورمۇلا يەنە مېتىل ئېفىرنىمۇ ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا، پەقەت خىمىيىۋى تەڭلىمە بىلەنلا ھەممىنى تولۇق ئايدىڭلاشتۇرۇپ كەتكىلى بولمايدۇ، شۇ سەۋەبتىن، خىمىيە ئالىملىرى مولېكۇلا فورمۇلىسىنىڭ ئورنىدا تۈزۈلۈش فورمۇلىسىنى ئىشلىتىپ خىمىيىۋى تەڭلىمىنى ئىپادىلىدى. يەنە مەسىلەن، سۇنىڭ پارچىلىنىشى ئىسسىقلىق سۈمۈرىدىغان رېئاكسىيە، ھىدروگېننىڭ كۆيۈپ سۇ ھاسىل قىلىش رېئاكسىيىسى ئىسسىقلىق چىقىرىدىغان رېئاكسىيە بولۇپ، بۇ رېئاكسىيىلەرنى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان خىمىيىۋى تەڭلىمە بىلەن ئىپادىلىگىلى بولمايدۇ. شۇڭا، بۇ رېئاكسىيىلەر بىر خىل تېرموخىمىيە تەڭلىمىسى ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن.
← بارلىق تېمىلار خىمىيە بىلىملىرى