ئۇنمۇ پارتلايدۇ
خىمىيە بىلىملىرى
سىز ئۇننىڭ پارتلايدىغانلىقىنى خىيالىڭىزغا كەلتۈرۈپ باقمىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، ئەمەلىيەتتە ئۇنمۇ پارتلايدۇ، شۇڭا ئۇن زاۋۇتلىرىدا پارتلاش ۋەقەلىرى دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ.
ئۇن قاتارلىقلارنىڭ توزانلىرى نېمە ئۈچۈن پارتلايدۇ؟ بۇ مەسىلىنى تۆۋەندىكىدەك بىر ئاددىي تەجرىبە ئارقىلىق چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ: تۆمۈردىن ياسالغان كونسېرۋا قۇتىسىنىڭ ئاستىغا يېقىن جايدىن بىر تۆشۈك ئېچىپ ئۇنىڭغا رېزىنكە نەيچە كىرگۈزۈپ، نەيچىنىڭ قۇتا ئىچىدىكى ئېغىزى ئالدىغا ئازراق قۇرغاق ئۇن قويۇش بىلەن بىللە، قۇتا ئىچىگە يېنىۋاتقان بىر تال شامنى سېلىپ، قۇتا ئاغزىنى ياپقاندىن كېيىن ئادەمدىن يىراقراق يەرگە قويۇپ، رېزىنكە نەيچىنىڭ يەنە بىر ئۇچىدىن پۈۋلىسەك پارتلاش يۈز بېرىدۇ - دە، كونسېرۋا قۇتىسىنىڭ قاپقىقىنى ئۇچۇرۇۋېتىدۇ.
ئۇننىڭ پارتلىشى ئۈچۈن ئىككى شەرت ھازىرلانغان بولۇشى كېرەك. ئۇنىڭ بىرى، قۇرغاق ئۇن توزانلىرىنىڭ ھەر كۇبمېتىر ھاۋادىكى قويۇقلۇقى20 −25 گرامغا يەتكەن بولۇشى؛ يەنە بىرى، كۆيۈشكە ياردەم بېرىدىغان ئوكسىگېن ۋە ئوت ئېلىش نۇقتىسىغا يەتكۈزەلەيدىغان تېمپېراتۇرا بولۇشى كېرەك. ئۇن توزانلىرىنىڭ پارتلاش تېمپېراتۇرىسى ℃400 بولۇپ، ئۇ ئاسان كۆيىدىغان بىر ۋاراق قەغەزنىڭ ئوت ئېلىش تېمپېراتۇرىسىغا توغرا كېلىدۇ. سېخلاردىكى ماتور تاسمىلىرىنىڭ سۈركىلىشىدىن ھاسىل بولغان ئىسسىقلىق پارتلاش تېمپېراتۇرىسىغا يېتىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، ئېزىش ماشىنىلىرىدىكى تۆمۈر پارچىلىرىنىڭ ئۆزئارا ئۇرۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان ئوت ئۇچقۇنلىرىمۇ ئۇن توزانلىرىنىڭ پارتلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ھاۋادا لەيلەپ يۈرگەن ئۇن، پاختا چاڭ - توزانلىرى، ياغاچ توزانلىرى، فېنولئالدېھىد سۇلياۋ توزانلىرى ئوت ئېلىش تېمپېراتۇرىسىغا يېتىپ بارغاندا ئوت ئېلىپ پارتلايدۇ. شۇڭا، بۇ خىل مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان مۇھىتتا ئوتنى قەتئىي مەنئى قىلىش ۋە چاڭ - توزانلار ھاسىل بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.