UyghurWiki
UyghurWikiخىمىيە بىلىملىرىچارچاشنىڭ خىمىيىۋى پرىنسىپى

چارچاشنىڭ خىمىيىۋى پرىنسىپى

خىمىيە بىلىملىرى ئادەم نېمە ئۈچۈن چارچايدۇ؟ پسىخىك تەسىر چارچاشتىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى. جىددىي ھەرىكەتتىن كېيىن كەيپىيات بوشىشىپ، چارچاش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. لېكىن، خىمىيىۋى نۇقتىئىنەزەردىن قارىغاندا، چارچاش كاربون - سۇ بىرىكمىلىرىنىڭ ئالمىشىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرىلەر مۇسكۇللارنىڭ قىسقىرىشى، نېرۋىدىكى ھاياجانلىنىشنى ئۇزىتىش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش ئۈچۈن ئادېنوزىن ترىفوسفات (ATP) قا ئوخشاش يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك بىرىكمىلەرگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ. بۇنداق يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك بىرىكمىلەرنىڭ ھىدرولىزلىنىشى كۆپ مىقداردا ئىسسىقلىق چىقىرىدىغان رېئاكسىيىدىن ئىبارەت. ھەرىكەتلەنگەندە، مۇسكۇل تالالىرى قىسقىراپ، ھۈجەيرىلەردىكى ئىسسىقلىق سۈمۈرۈش رېئاكسىيىسى تېزلىشىدۇ. ئەگەر ئادەم تېنى مۇسكۇللىرىدا ساقلانغان ئادېنوزىن ترىفوسفات تېز سەرپ بولۇپ كېتىپ، ۋاقتىدا تولۇقلانماي قالسا ئادەم چارچايدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، ئادەم جىددىي ھەرىكەت قىلغاندا، قان مۇسكۇللار ئېھتىياجلىق بولغان ئوكسىگېننى يېتەرلىك يەتكۈزۈپ بېرەلمەيدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا مۇسكۇل ھۈجەيرىلىرى چوقۇم گلۇكوزىنىڭ پارچىلىنىشىغا تايىنىپ ئېنېرگىيە ھاسىل قىلىشى كېرەك. بىراق، گلۇكوزا پارچىلانغان ۋاقىتتا سۈت كىسلاتاسىمۇ ھاسىل بولىدۇ، ئۇ مۇسكۇللارنىڭ ھەرىكىتىگە توسقۇنلۇق پەيدا قىلىپ، مۇسكۇللارنىڭ چارچىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سۈت كىسلاتاسىنىڭ توپلىنىپ قېلىشى يېنىك دەرىجىدە كىسلاتادىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا كۆڭۈل ئېلىشىش، باش قېيىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، چارچاشمۇ كۈچىيىدۇ. جىگەر جىسمانىي كۈچ - قۇۋۋەتنى ساقلاشتا زور رول ئوينايدۇ. ئادەم تېنىدىكى گلۇكوزا پارچىلانغاندىن كېيىن قاندىكى گلۇكوزا ئازلايدۇ، بۇ چاغدا جىگەردىكى گلىكوگېن پارچىلىنىپ گلۇكوزا ھاسىل قىلىپ، قاندىكى شېكەرنىڭ مەلۇم مىقداردا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جىگەردىكى بىر قىسىم سۈت كىسلاتاسى ئوكسىدلىنىپ كاربون (Ⅳ) ئوكسىدنى ھاسىل قىلىپ بەدەن سىرتىغا چىقىپ كېتىدۇ، قېپقالغان سۈت كىسلاتاسى گلۇكوگېنغا ئايلىنىدۇ. شۇڭا، جىددىي ھەرىكەتتىن كېيىن چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلىنىشنى ئاشۇرۇپ، سۈت كىسلاتاسىنىڭ ئوكسىدلىنىشىنى تېزلىتىش ئارقىلىق چارچاشنى ئازايتقىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار خىمىيە بىلىملىرى