يېمەكلىك مايلىرىنىڭ يېڭى مەنبەسى
خىمىيە بىلىملىرى
ئۈزۈم ھارىقى زاۋۇتلىرىدا ئىلگىرى كېرەكسىز مەھسۇلات دەپ قارالغان ئۈزۈم ئۇرۇقىدىن ھازىر يېمەكلىك مايلىرى ئاجرىتىپ ئېلىنىشقا باشلىدى، ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىمۇ خېلىلا يۇقىرى. خىمىيە ئالىملىرى، ھەر خىل مېۋىلەرنىڭ ئۇرۇقلىرى تەركىبىدە يېمەكلىك مايلارنىڭ خېلى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، ئەگەر ئۇلارنى يىغىۋېلىپ ماي ئايرىۋېلىنسا نۇرغۇن بايلىق ياراتقىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىدى.
گۈرۈچ توپىنى تەركىبىدىكى ماي مىقدارى گۈرۈچنىڭكىگە قارىغاندا يۇقىرى، كىشىلەر گۈرۈچنى ئۆزى يەپ، ئۇنىڭ توپىنى بىلەن چارۋا بېقىشقا ئادەتلەنگەن. نۆۋەتتە، بىر قىسىم دۆلەتلەر گۈرۈچ توپىنىدىن يېمەكلىك مايلارنى ئاجرىتىپ ئالىدىغان زاۋۇتلارنى قۇردى. ئەگەر ئاشلىق پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتلىرىدا ماي ئىشلەپچىقىرىش سېخى قۇرۇلۇپ گۈرۈچ توپىنى ئۆز ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىنسا، ئۇنىڭدىن ئوزۇقلۇق قىممىتى مول بولغان ئەلا سۈپەتلىك يېمەكلىك مايلارنى ئايرىپ ئېلىشقا بولىدۇ.
ئۈزۈم ئۇرۇقى، جىگدە ئۇرۇقى، گۈرۈچ توپىنى قاتارلىقلاردىن ماي ئاجرىتىپ ئېلىشتا، ئەنئەنىۋى قىزدۇرۇپ ماي ئايرىش ئۇسۇلى قوللىنىلسا ئۈنۈمى ياخشى بولمايدۇ، ئادەتتە ئېرىتكۈچىگە چىلاش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. ئېزىپ تەييارلانغان ئۇرۇقلارنى ئاسان پارلىنىدىغان ئېرىتكۈچى بىلەن يۇيۇپ ماينى ئېرىتكەندىن كېيىن، ئېرىتمە دىستىللەنسە ئاسان پارلىنىدىغان ئېرىتكۈچى پارلىنىپ چىقىپ كېتىپ ماي قېپقالىدۇ.
يەنە بەزى ياغاچ غوللۇق مايلىق دان زىرائەتلىرى، ياۋايى سامان غوللۇق مايلىق دان زىرائەتلىرى بىزنىڭ پايدىلىنىشىمىزنى كۈتمەكتە. يېڭى ماي بايلىق مەنبەلىرىنى كۆپلەپ قېزىش ئارقىلىق تېرىلغۇ يەرلەرنى تېجەپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.