يېپىشتۇرغۇچىلار
خىمىيە بىلىملىرى
ئىلگىرى ئايروپىلان ياسىغاندا، نۇرغۇن جايلىرىنى مىخ بىلەن مىخلاپ تۇتاشتۇرۇشقا توغرا كېلەتتى. ھازىر يېپىشتۇرغۇچى ماتېرىياللارنى ئىشلىتىپ، خۇددى ئويۇنچۇقلارنى ياسىغانغا ئوخشاشلا ئايروپىلاننىڭ ھەرقايسى زاپچاسلىرىنى تۇتاشتۇرغىلى بولىدىغان بولدى. يېپىشتۇرغۇچىلار بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان ھەرقايسى زاپچاسلارمۇ ئوخشاشلا مۇستەھكەم، بىخەتەر، ئىشەنچلىك بولىدۇ.
يېپىشتۇرغۇچىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىشى كىشىلەرگە ناھايىتى زور قۇلايلىق ئېلىپ كەلدى. ئاياغنىڭ چەمى يېپىشتۇرغۇچى ئارقىلىق چاپلىنىدۇ. تېلېۋىزور، ئۈنئالغۇلاردىكى توك يول تاختىلىرىمۇ يېپىشتۇرغۇچى بىلەن قەۋەت - قەۋەت چاپلاپ پرېسلاپ ياسىلىدۇ. ئاپتوموبىل، ئىستانوك، ئويۇنچۇق ۋە ئائىلە سايمانلىرىنى ياساشتىمۇ يېپىشتۇرغۇچىلار ئىشلىتىلىدۇ.
يېپىشتۇرغۇچىلارنىڭ جىسىملارنى چىڭ يېپىشتۇرالىشىدىكى مۇھىم ھالقا، ئۇنىڭ ئىككى جىسىم ئارىسىدىكى بوشلۇقنى تارايتالايدىغانلىقىدا. ئىككى جىسىم بىر - بىرى بىلەن ھىم يېپىشىپ، ئۇلار ئارىسىدىكى بوشلۇق كىچىكلەپ مەلۇم بىر چەككە كەلسىلا، ئىككى جىسىم بىر - بىرى بىلەن مەھكەم يېپىشىپ تۇرالايدۇ. يېپىشتۇرغۇچى جىسىملارنى ئەنە شۇ قائىدىگە ئاساسەن بىر - بىرىگە يېپىشتۇرىدۇ. بەزىدە، يېپىشتۇرغۇچى ئۆزىمۇ يەملەنمەكچى بولغان جىسىم بىلەن بەزىبىر خىمىيىۋى رېئاكسىيىگە كىرىشىدۇ، شۇڭا ئۇ كۆپىنچە ئىككى خىل جىسىم ئارىسىدىكى «ئالاقىچى» غا ئايلىنىپ، يېپىشتۇرۇلماقچى بولغان ئىككى جىسىمنى بىر - بىرىگە مۇستەھكەم يېپىشتۇرۇپ بىرلەشتۈرىدۇ.
يېپىشتۇرۇلماقچى بولغان جىسىملارغا پاسكىنا نەرسىلەر چاپلىشىپ قالغان بولسا، ئۇلار مۇستەھكەم يېپىشماي قالىدۇ، شۇڭا يېپىشتۇرۇشتىن ئىلگىرى ئۇلارنى پاكىز تازىلاش، ئۇنىڭغا يېپىشىپ قالغان نەرسىلەرنى تولۇق چىقىرىۋېتىش كېرەك.