UyghurWiki
UyghurWikiخىمىيە بىلىملىرىئۆسۈملۈكلەرنىڭ خىمىيىۋى قورالى

ئۆسۈملۈكلەرنىڭ خىمىيىۋى قورالى

خىمىيە بىلىملىرى بۈك - باراقسانلىققا چۈمكەلگەن يېشىللىق دۇنياسى ئادەمگە پاكىزلىق، تىنچلىق تۇيغۇسىنى بېرىدۇ. لېكىن، يېشىل ئۆسۈملۈكلەر ئارىسىدىمۇ ئۆزئارا تالاش - تارتىش قىلىدىغان، جەڭگى - جېدەل قىلىدىغان ھەتتا ئۆزىنىڭ ئالاھىدە «خىمىيىۋى قورالى» نى ئىشلىتىپ قارشى تەرەپنى يوقىتىپ، ئۆزىنى ساقلاپ قالىدىغان ئەھۋاللار بولۇپ تۇرىدۇ. بىر خىل ئىۋكالپىت دەرىخى ئامېرىكىدا ئۆزلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئاستىدا ياشايدىغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۆلۈمدىن خالىي بولالمىغان. ئۆسۈملۈكشۇناسلار بۇ ھادىسىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئىۋكالپىت دەرىخى يوپۇرمىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز ھالدا خىلمۇخىل زەھەرلىك ئاجراتمىلارنى چىقىرىپ باشقا ئۆسۈملۈكلەرنى زەھەرلەپ نابۇت قىلىۋەتكەنلىكىنى بايقىغان. يەنە بىر خىل ياڭاق دەرىخى بار بولۇپ، ئۇنىڭ يىلتىزىمۇ ياڭاق كۇينونى دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ماددىنى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، گەرچە بۇ ماددا باشقا ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆلتۈرمىسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئۆسۈشىنى چەكلەپ، ئۆزى باراقسان ئۆسىدۇ. بەزى ئۆسۈملۈكلەر يەر ئۈستىدە روشەن جەڭگى - جېدەل قىلىشمىسىمۇ، يەر ئاستىدا يوشۇرۇن ئېلىشىدۇ. ياۋا ئوت - چۆپلەر زىرائەتلەر بىلەن سۇ، ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تالىشىش جەريانىدا ئومۇمەن زىرائەتلەرنى يېڭىۋالىدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەب، ياۋا ئوت - چۆپلەرنىڭ يىلتىزىدا «خىمىيىۋى قورالى» بولغانلىقىدا. سەركىچۆپنىڭ يىلتىزى بىر خىل ماددىنى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، بۇ ماددا ئەتراپىدىكى پۇرچاق ۋە بېدىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلارغا كېرەكلىك بولغان ئازوتنى تۇراقلاشتۇرغۇچى باكتېرىيىنى ئۇلارنىڭ يىلتىزىدا ئۆسەلمەيدىغان قىلىپ قويغاچقا، پۇرچاق ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەر يېتەرلىك ئوزۇقلۇققا ئىگە بولالماي تولۇق يېتىلەلمەيدۇ ھەتتا قۇرۇپ قالىدۇ. دورىلار ئارقىلىق سەركىچۆپنى يوقاتقان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ زەھىرى تۇپراقتا بىر يىلدىن ئارتۇق ساقلىنىدۇ. بەزى ئۆسۈملۈكلەر «خىمىيىۋى قورالى» نى ئىشلەتكەندە ئۆزىنىمۇ زىيان - زەخمەتكە ئۇچرىتىدۇ. جەنۇبىي ئاسىيادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ئورمانلىقلىرىدا دائىم سىرلىق ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبىنى گەرچە ساقچى ۋە ئورمان ئىشچىلىرى ھەر تەرەپلىمە تەكشۈرگەن بولسىمۇ ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەنىدى، كېيىن خىمىيە ئالىملىرى بۇ سىرنى ئاچتى. ئەسلىدە ئورمانلىقلاردا «ئورمان قاراۋۇلى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل گۈل بولۇپ، ئۇنىڭ گۈل - غۇنچىلىرى ۋە غول يوپۇرمىقىدا كۆپ مىقداردا ئاروماتىك بىرىكمىلەر ۋە ياغلار بولىدىكەن، ئورمانلىقلاردىكى ھاۋا قۇرغاقلىشىپ تازا ئىسسىغاندا، بۇ ئاروماتىك بىرىكمىلەر ۋە ياغلار ئۆزلۈكىدىن ئوت ئېلىپ ئورمانلىقتا ئوت ئاپىتى پەيدا قىلىدىكەن، ئۆزىمۇ كۆيۈپ تۈگىشىدىكەن. ئۆسۈملۈكلەر «خىمىيىۋى قورالى» ئارقىلىق ئۆزىنى قوغدايدۇ، ئەمما ئالىملار ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ كېسەللىك ھاشاراتلىرىنىڭ زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى بىئولوگىيىلىك ئالدىنى ئېلىش مەزمۇنلىرىنىڭ بىرى قىلدى. مەسىلەن، گوللاندىيىنىڭ ئامىستردامدىكى ئەتىر گۈللەر يىلتىزىدىكى يىپچە قۇرتنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ھەممىسى ئۆلۈپ كەتكەن، بۇ ئىش يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئالىملار ئەتىر گۈللەر ئارىسىغا تىرناقگۈل ئوت دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈكنى تېرىپ ئۆستۈرۈپ، ئۇنىڭ يىلتىزى چىقارغان ئاجراتما ئارقىلىق يىپچە قۇرتنى يوقىتىش ھەققىدە تەكلىپ بەرگەن. نەتىجىدە، ئەتىر گۈللەر باراقسان ئۆسكەن. ئوت - چۆپ ئارقىلىق ھاشارات يوقىتىشتىن ئىبارەت بۇ خىل ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلىنىڭ ئۈنۈمى يۇقىرى، تەننەرخى تۆۋەن بولۇپ، مۇھىتنى بۇلغىمايدۇ. ئېلىمىز دېھقانلىرىمۇ سامساق ئاجرىتىپ چىقارغان ئۆتكۈر پۇراقلىق سامساق ماددىسى (ئاللىستىن) دىن پايدىلىنىپ كېۋەز كۆكپىتىنى يوقىتىدۇ؛ يالپۇزنىڭ ئالاھىدە ئاجراتمىسىدىن پايدىلىنىپ كۆكتاتلاردىكى زىيانداش ھاشاراتلارنى يوقىتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار خىمىيە بىلىملىرى