ئوزون قەۋىتى
خىمىيە بىلىملىرى
1986- يىلى ئامېرىكا ئالىملىرى سۈنئىي ھەمراھ بىلەن تەكشۈرۈش ئارقىلىق، جەنۇبىي قۇتۇپ بىلەن شىمالىي قۇتۇپ ئاسمىنىدا ئوزون تۆشۈكچىلىرى پەيدا بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى بايقاپ، ئوزون قەۋىتىنى قوغداشنى مۇراجىئەت قىلغان.
ئوزون ئالاھىدە سېسىق پۇراقلىق بىر خىل ماددا، گۈلدۈرمامىلىق يامغۇردىن كېيىن ئەنە شۇنداق پۇراقنى سېزىشكە بولىدۇ. يەر شارىنىڭ7 كىلومېتىردىن30 كىلومېتىرغىچىلىك ئېگىزلىكتىكى ئاتموسفېرا قەۋىتىدە، قۇياشتىن كەلگەن يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك ئۇلترا بىنەپشە نۇرلار ھاۋادىكى ئوكسىگېن مولېكۇلىسىنى پارچىلاپ ئىككى دانە ئوكسىگېن ئاتومىنى ھاسىل قىلىدۇ، ئاندىن ئۈچ دانە ئوكسىگېن ئاتومى بىرىكىپ ئوزوننى ھاسىل قىلىدۇ. كۆپ مىقداردىكى ئوزون مولېكۇلىلىرى يۇقىرى بوشلۇقتىكى ئاتموسفېراغا توپلىنىپ بىر خىل تەبىئىي توسۇق ھاسىل قىلىدۇ، بۇ تەبىئىي توسۇق يەر شارىدىكى جانلىقلارنى ئۇلترا بىنەپشە نۇرلارنىڭ زىيادە كۆپ مىقداردا رادىئاتسىيىلىۋېتىشىدىن ساقلاش رولىنى ئوينايدۇ. ئالىملار: ئەگەر ئوزون قەۋىتى نېپىزلەپ كەتسە، ئىنسانلارغا بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.
ئوزون تۆشۈكچىلىرىنى ئاساسلىقى ئىنسانلارنىڭ پائالىيەتلىرىدە قويۇپ بېرىلگەن ماددىلار كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئامېرىكا ئالىملار تەتقىقات كومىتېتى دۆلەتلىك تەتقىقات يۇرتىنىڭ خۇلاسىسىگە ئاساسلانغاندا، ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان ھەربىر ترانسپورت ئايروپىلانى يىلىغا تېرە راكىغا گىرىپتار بولغان60 بىمارنى كۆپەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىدىكەن، قۇتۇپقا يېقىنراق دۆلەتلەرنىڭ زىرائەت مەھسۇلاتلىرىنى تۆۋەنلىتىۋېتىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان ترانسپورت ئايروپلانلىرى باشقا ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېللارغا ئوخشاشلا ئازوت (Ⅱ) ئوكسىدنى پەيدا قىلىدۇ، ئۇ ئوزون بىلەن رېئاكسىيىلىشىپ ئوكسىگېن ۋە ئازوت (Ⅳ) ئوكسىدنى ھاسىل قىلىدۇ. شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا ئازوت (Ⅳ) ئوكسىد ئوكسىگېن ئاتومى بىلەن رېئاكسىيىلىشىپ يەنە ئازوت (Ⅱ) ئوكسىد ۋە ئوكسىگېن ھاسىل قىلىدۇ. ئومۇمىي رېئاكسىيىدىن قارىغاندا، ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان ترانسپورت ئايروپىلانلىرىنىڭ يۇقىرى ھاۋا بوشلۇقىدا ئازوت (Ⅱ) ئوكسىدنى قويۇپ بېرىشى خۇددى ئوزون قەۋىتىنى بۇزغۇچى كاتالىزاتور قويۇپ بەرگەندەك ئىش بولۇپ، ئوزوننىڭ پارچىلىنىشىنى تېزلىتىش رولىنى ئوينايدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا ئىنسانلار سوۋۇتقۇچ ۋە ئايروزول سۈپىتىدە فرېئون -12 (CFCI3) ۋە فرېئون (CF2CI2) لاردىن كەڭ كۆلەمدە پايدىلىنىۋاتىدۇ، ئۇلار ھاۋاغا تارقالغان ھامان يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك ئۇلترا بىنەپشە نۇرلار بىلەن تەسىرلىشىپ خلور ئاتومىنى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ خلور ئاتوملىرىمۇ ئازوت (Ⅱ) ئوكسىدقا ئوخشاشلا ئوزون قەۋىتىنى بۇزىدىغان كاتالىزاتورلۇق رولىنى ئوينايدۇ.
يېقىنقى بىرقانچە يىللاردىن بېرى، ئالىملار ئارقا - ئارقىدىن ئوزون قەۋىتىنى قوغداش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يەر شارىدىكى ئوزون قەۋىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان خىمىيىۋى مەھسۇلاتلارنى چەكلىدى ھەمدە جەنۇبىي قۇتۇپ ئاسمىنىغا ئوزون يۆتكەپ ئوزون تۆشۈكچىلىرىنى تولدۇرۇپ «ئاسماننى ياماش» تىن ئىبارەت چوڭ ئىشنى تاماملاپ، يەر شارىدىكى بارلىق جانلىقلارنى بالايىئاپەتتىن قوغداپ قالدى.