ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدۋىلىنىڭ ئاخىرقى سىرى
خىمىيە بىلىملىرى
1980 - يىلى گېرمانىيىلىك ئالىم109 - نومۇرلۇق ئېلېمېنتنى سىنتېزلىغانلىقىنى جاكارلىدى، شۇنىڭ بىلەن ھازىرغىچە دۇنيادا تېپىلغان ئېلېمېنتلار سانى109 غا يەتتى. ئۇنداقتا يەنە تېپىلمىغان قانچىلىك ئېلېمېنتلار باردۇ؟ ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدۋىلى قايسى جايدا «ئاخىرلىشار»؟
ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىتلارغىچە ئالىملار يېڭى ئېلېمېنتنى بايقىمىغاچقا، ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدۋىلى92 - نومۇرلۇق ئېلېمېنت − ئۇراندا توختاپ قالغانىدى. شۇڭا ئۇران دەۋرىي جەدۋىلىنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسىمۇ - ئەمەسمۇ؟ سۈنئىي ئۇسۇلدا «ئۇراندىن كېيىنكى» ئېلېمېنتلارنى سىنتېزلاشقا بولامدۇ - يوق؟ دېگەن مەسىلە مۇنازىرە قوزغاۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.20
- ئەسىرنىڭ40 - يىللىرىنىڭ بېشىدا ئالىملار93 - نومۇرلۇق ئېلېمېنت نېپتونىينى بايقىدى.1983 - يىلىغا قەدەر بولغان45 يىل جەريانىدا ئالىملار ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ17 دانە ئۇراندىن كېيىنكى ئېلېمېنتلارنى بايقىدى.
كىشىلەر يەنە ئالدىدىكى بىرقانچە ئۇراندىن كېيىنكى ئېلېمېنتلارنىڭ ئۆمرى ئەڭ ئۇزۇن ئىزوتوپلىرىنىڭ يېرىم يىمىرىلىش دەۋرىنىڭ10 مىليون يىلغا يېتىدىغانلىقىنى، كېيىن سىنتېزلانغان بىرقانچە خىل ئۇراندىن كېيىنكى ئېلېمېنتلارنىڭ ئۆمرىنىڭ بارغانسېرى قىسقىراپ بارىدىغانلىقىنى بايقىدى. مەسىلەن،99 -،100 -،101 - نومۇرلۇق ئېلېمېنتلارنىڭ ئۆمرى كۈن بىلەن،102 - نومۇرلۇق ئېلېمېنتنىڭ ئۆمرى مىنۇت بىلەن،103 - نومۇرلۇقتىن كېيىنكى ئېلېمېنتلارنىڭ ئۆمرى سېكۇنت ياكى مىللىسېكۇنت بىلەن ھېسابلانغان.109 - نومۇرلۇق ئېلېمېنتنىڭ بايقىلىشى ھەققىدە سىلىتسىي پلاستىنكىسىدا ئۇنىڭ ئىزناسىلا خاتىرىلەنگەن. ئۇ تەجرىبىخانىدا پەقەت5000 دىن1 سېكۇنت مەۋجۇت بولۇپلا »يوقاپ« كەتكەن، بۇنداق ئەھۋالدا، كىشىلەر ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدۋىلى ئاخىرلىشىپ قالاي دېدىمۇ قانداق؟ دېگەن سوئالنى سورىماي قالمايدۇ.
ئاتوم يادروسىنىڭ ئىچكى تۈزۈلۈشى ۋە يادرونىڭ تۇراقلىقلىق قانۇنىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئالىملار «ئۆمرى» ئىنتايىن قىسقا، ئاتوم يادروسى ئىنتايىن تۇراقسىز بولغان بۇ ئېلېمېنتلاردىن ئاتلاپ ئۆتسەكلا،114 - نومۇرلۇق ئېلېمېنت ئەتراپىدا «ئۇلترا ئېغىر يادرولۇق تۇراقلىق ئارال»نى كۆرىمىز. بۇ «ئارال» دا بىرقانچە10 ئېلېمېنت بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىدى. ھازىر ئالىملار بۇ ئۇلترا ئېغىر يادرولۇق ئېلېمېنتلارنى تەبىئەت دۇنياسىدىن ئىزدەپ تېپىش ياكى ئۇلارنى سۈنئىي ئۇسۇلدا سىنتېزلاپ چىقىش جەھەتتە ئىزدەنمەكتە.
ئىنسانلارنىڭ خىمىيىۋى ئېلېمېنتلارنى تونۇش جەريانىدىن قارىغاندا، بۇنىڭدىن كېيىن تۇراقلىق بولغان ئۇلترا ئېغىر يادرولۇق ئېلېمېنتلارنى تېپىپ چىققان ياكى سىنتېزلاپ چىققان تەقدىردىمۇ، شۇ خىل يېڭى ئۇلترا ئېغىر يادرولاردا ئادەم ئويلاپ يەتمىگەن يېڭى نەرسىلەر بايقىلىشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا، ئىنسانلارنىڭ خىمىيىۋى ئېلېمېنتلارنى تونۇشىنىڭ چەك - چېگرىسى بولمايدۇ، ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدۋىلىنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسىنىڭ نەدىلىكىنى جەزملەشتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس.