ساغلاملىق تېشى − مەيفەن تېشى
خىمىيە بىلىملىرى
جۇڭگونىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ شەرقىدە ئۈچ تەرىپى تاغلار بىلەن ئورالغان، ئورمان، ئوت - چۆپلەر باراقسان ئۆسكەن كىچىك بىر تاغلىق كەنت بار. بۇ كەنتتە ياشايدىغان كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى80 ياشتىن ئاشىدۇ. بۇ يەردە ياشىغانلاردىن بىرەر ئادەممۇ ئەزەلدىنلا كاناي ياللۇغى، ئۆپكە تۇبېركۇليوزى، جىگەر ياللۇغى ۋە باشقا ھەر خىل يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بىلەن ئاغرىپ باققان ئەمەس. پەن - تېخنىكا خادىملىرى بۇنىڭ «ساغلاملىق تېشى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل تاش − مەيفەن تېشىنىڭ كارامىتىدىن ئىكەنلىكىنى بايقىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يەردىكى كىشىلەر يىل بويى مەيفەن تېشى سۈيىنى ئىچىدىكەن. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى تېۋىپ لى شىجېننىڭ «دورا ئۆسۈملۈكلىرى قامۇسى» دا «مەيفەن تېشى تاتلىق، مۆتىدىل، زەھەرسىز بولۇپ، ھەرقانداق جاراھەتلەرگە شىپا بولىدۇ» دەپ خاتىرىلەنگەن. ئىلمىي تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولدىكى، مەيفەن تېشى تەركىبىدە ئىنسانلار بەدىنىگە پايدىلىق بولغان سىنك، مىس، تۆمۈر، مانگان، كۇبالت، سىلىتسىي قاتارلىق نەچچە ئون خىل مىكرو ئېلېمېنتلار بولۇپ، بۇ ئېلېمېنتلار بەدەننى كۈچەيتىپ ئادەمنى ساغلام قىلىشتا ئاساسلىق رول ئوينىغان. مەيفەن تېشى جۇڭگودا ئەڭ بۇرۇن بايقالغانلىقى ۋە ئىشلىتىلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ «جۇڭگو مەيفەن تېشى» دەپمۇ ئاتالغان.
مەيفەن تېشى ناھايىتى كۆپ ئىشلارغا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇ سۇ ئىدىشىغا سېلىپ قويۇلسا سۇدا ئوكسىگېن ۋە مىكرو ئېلېمېنتلارنىڭ ئېرىشىنى تېزلىتىدۇ، ئۇ يەنە فتور ۋە سۇ دېغى (سۇ داشقىلى)نى چىقىرىپ تاشلاش، شۇنىڭدەك سۇدىكى زىيانلىق ماددىلارنى ئاتسوربىتسىيىلەش ئىقتىدارىغا ئىگە. ياپونىيىلىك تەتقىقاتچىلار چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيىسىنى مەيفەن تېشى سېلىنغان سۇغا كىرگۈزۈپ24 سائەتتىن كېيىن، بۇ باكتېرىيىلەرنىڭ %97.5ىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بايقىغان، مەيفەن تېشى ۋاننىغا سېلىنسا، ۋاننىدىكى سۇ مىنېرال سۇغا ئايلىنىپ ھەر خىل تېرە كېسەللىكلىرىنى داۋالايدۇ. ئۇ توڭلاتقۇغا سېلىپ قويۇلسا غەيرىي پۇراق يوقايدۇ. ئۇ سېلىنغان سۇدا بېلىق، گۈل بېقىلسا بېلىقلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرىدۇ، گۈلگە ئۇزاق ئۈنۈملۈك ئوغۇت بولالايدۇ. ياپونىيىلىكلەر مەيفەن تېشىنى داكىغا ئوراپ گۈرۈچ بىلەن بىللە پىشۇرغاندا، پىشىپ چىققان گۈرۈچ تامىقى ئاق، ئوزۇقلۇق قىممىتى مول، تەملىك بولغان مىنېرال ئوزۇقلۇق تاماققا ئايلانغان.
ھازىر تەركىبىدە مەيفەن تېشى بولغان پېچىنە - پىرەنىكلەر، قەنت - گېزەكلەر، ئىچىملىك، پەرداز بۇيۇملىرى بازارغا سېلىنىۋاتىدۇ.