ۋېگا
خىلمۇ خىل يۇلتۇزلار
ۋېگا لىرا يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى بىر يورۇق يۇلتۇز بولۇپ، ئىلمىي نامى لىرا يۇلتۇز تۈركۈمى αدېيىلىدۇ. ئۇ ياز كۈنلىرىنىڭ كېچىسى يۇلتۇزلۇق ئاسماندا ئەڭ مەشھۇر يورۇق يۇلتۇزلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئادەتتە، كىشىلەر ئۇنى توقۇمىچى قىز يۇلتۇزى دەپ ئاتىشىدۇ. غەرب ئەللىرىدە، «ياز كېچىسىدىكى ئايال پادىشاھ» دەپ ئاتىلىدۇ.
ئېلىمىزدە، پادىچى يىگىت بىلەن توقۇمىچى قىز ھەققىدە مۇنداق بىر ئەپسانە چۆچەك كەڭ تارقالغان: رىۋايەت قىلىنىشىچە، قەدىمكى زاماندا چيۇڭ دەپ ئاتىلىدىغان جايدا، بىر - بىرىگە مېھرىبان، كۆيۈمچان بىر جۈپ ئەر - خوتۇن ئۆتكەنىكەن. خوتۇنى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئېرى تۇرمۇشتا ئىنتايىن يالغۇزلۇق ھېس قىلىپ، ئۆزىنىڭ بالدۇرراق ئۇ دۇنياغا بېرىشىنى، مەرھۇمە خوتۇنىغا ھەمراھ بولۇشنى ئۈمىد قىلىپ، دۇئا - تىلاۋەت قىپتۇ. ئېرى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، راستتىنلا پەرىشتە غازلار ئۇنى ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپتۇ ھەمدە ئۇ بىر يۇلتۇزغا − پادىچى يىگىت يۇلتۇزىغا ئايلىنىپتۇ. ئەپسۇس، ئەر - خوتۇن ئىككىسى سامانيولى تەرىپىدىن ئايرىۋېتىلىپتۇ، بىرى شەرقتە، يەنە بىرى غەربتە قېلىپ، ئادەتتە ئۇچرىشالمايدىغان بولۇپ قاپتۇ. تەڭرى ئۇلارنىڭ چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببىتىدىن تەسىرلىنىپ، ئۇلارنى ھەر يىلى7 - ئاينىڭ7 - كۈنى سېغىزخانلار توپلىشىپ ھاسىل قىلىدىغان كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ كۆرۈشۈپ جەم بولۇش پۇرسىتىگە نېسىپ قىپتۇ.
قەدىمكى يۇنان، رىم ئەپسانىلىرىدىمۇ توقۇمىچى قىز «لۇرا»، «لىرا» دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ «چىلتار» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. لىرا يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ نامىمۇ شۇنىڭدىن كېلىپ چىققان.
توقۇمىچى قىز يۇلتۇزىنىڭ دىئامېتىرى قۇياش دىئامېتىرىنىڭ2 .3 ھەسسىسىگە، ھەجىمى قۇياش ھەجىمىنىڭ33 ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدۇ، يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى8900 سېلىسىيە گرادۇس بولۇپ، سۇس كۆك رەڭدە كۆرۈنىدۇ. ئۇ شىمالىي يېرىم شار ئاسمان بوشلۇقىدىكى ئەڭ يورۇق كۆرۈنىدىغان ئۈچ تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن26 يورۇقلۇق يىلى كېلىدۇ.13
مىڭدىن كۆپرەك يىللار ئىلگىرى، توقۇمىچى قىز يۇلتۇزى شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزى ئىدى. يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىشىنىڭ ئىلگىرىلىمە ھەرىكىتى سەۋەبىدىن، ھازىرقى دەۋردە كىچىك ئېيىق α شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزى بولماقتا. لېكىن، يەنە12 مىڭ يىل ئۆتكەندىن كېيىن، توقۇمىچى قىز يۇلتۇزى يەنە شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزىنىڭ ئەسلىدىكى ئورنىغا قايتىپ كېلىدۇ.
توقۇمىچى قىزنىڭ يېنىدا يەنە تۆت يۇلتۇز بار بولۇپ، بىر كىچىك رومبا شەكىلنى ھاسىل قىلغان. رىۋايەت قىلىنىشىچە، بۇ كىچىك رومبا شەكىل توقۇمىچى قىز رەخت توقۇغاندا ئىشلىتىلىدىغان موكا ئىكەن، توقۇمىچى قىز بىر تەرەپتىن رەخت توقۇپ، بىر تەرەپتىن بېشىنى كۆتۈرۈپ، چوڭقۇر سېغىنىشلىق ھېسسىياتى بىلەن سامانيولىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى پادىچى يىگىت «ئالتائىر» ۋە ئىككى ئوغلى (بۈركۈت بىر ۋە بۈركۈت ئۈچ) كە قاراپ قويىدىكەن.
ھازىرقى زامان ئاسترونومىيىلىك كۆزىتىش ئارقىلىق مەلۇم بولدىكى، پۈتكۈل قۇياش سىستېمىسى سېكۇنتىغا19 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن توقۇمىچى قىز يۇلتۇزىنىڭ ئەتراپىغا قاراپ سىلجىماقتا.