ھادار
خىلمۇ خىل يۇلتۇزلار
جەنۇب ئاسمىنىدىكى، يىلان يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ جەنۇبى تەرىپىدە، يەلكەن يۇلتۇز تۈركۈمى بىلەن بۆرە يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ ئوتتۇرىسىدا سېنتاۋر دەپ ئاتىلىدىغان بىر يۇلتۇز تۈركۈمى بار. بۇ يۇلتۇز تۈركۈمىدە، جەنۇب ئاسمىنى بويىچە كىشىنى تولىمۇ مەپتۇن قىلىدىغان ئىككى يورۇق يۇلتۇز بار، بىرى سېنتاۋر α (ئېلىمىزدە تالىماك دەپ ئاتىلىدۇ)، يەنە بىرى سېنتاۋر β (ئېلىمىزدە ھادار دەپ ئاتىلىدۇ). ئۇلار «جەنۇب تەرەپنى كۆرسىتىدىغان قۇتۇپ يۇلتۇزى» دېيىلىدۇ. ئاسترونومىيىدە شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزىغا ئوخشاش مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.
ھادار سۇس كۆك رەڭدە كۆرۈنىدىغان بىر گىگانت يۇلتۇز بولۇپ، ئەڭ يورۇق چاغلىرىدا كۆرۈنمە يۇلتۇز چوڭلۇقى61 .0 بولىدۇ. ئۇنىڭ دىئامېتىرى قۇياش دىئامېتىرىنىڭ10 ھەسسىسىگە باراۋەر بولۇپ، تەخمىنەن13 مىليون900 مىڭ كىلومېتىر كېلىدۇ، يورۇقلۇق دەرىجىسى قۇياشنىڭكىنىڭ3800 ھەسسىسىگە تەڭ. بىز بىلەن بولغان ئارىلىقى490 يورۇقلۇق يىلى كېلىدۇ. ھادار يەنە پۈتۈن كۈن ئەڭ يورۇق كۆرۈنىدىغان سېفىي يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى β تىپلىق پۇلساتسىيىلىك ئۆزگىرىشچان يۇلتۇزدۇر، ئۇنىڭ ئۆزگىرىش دائىرىسى تەخمىنەن045 .0 كۆرۈنمە يۇلتۇز چوڭلۇقىدا بولىدۇ، ئاددىي كۆز بىلەن كۆزەتكەندە ئۇنىڭ يورۇقلۇقىنىڭ ئۆزگىرىش ھالىتىنى بايقاش تولىمۇ تەس.
ھادار ئۆز نۆۋىتىدە بىر X نۇر مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ، ئەقرەب يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى سېنتاۋر يۇلتۇز جەمەتى (بىر خىل شالاڭ، كېلىش مەنبەسى ئوخشاش ھەمدە فىزىكىلىق باغلىنىشچانلىققا ئىگە يۇلتۇزلار توپى) نىڭ ئەزالىرىدىن بىرى. پۈتۈن كۈن ئەڭ يورۇق كۆرۈنىدىغان21 دانە يۇلتۇز ئىچىدە، ھادار بىزدىن ئەڭ يىراق جايلاشقان يۇلتۇزلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇ جەنۇب ئاسمىنىدىن ئورۇن ئالغان بولغاچقا، شىمالىي كەڭلىك °30 نىڭ جەنۇبىدىكى رايونلاردىلا ئۇنى كۆرگىلى بولىدۇ.