يىلان يۇلتۇز تۈركۈمى
خىلمۇ خىل يۇلتۇزلار
يىلان يۇلتۇز تۈركۈمى پۈتكۈل ئاسماندىكى88 يۇلتۇز تۈركۈمى ئارىسىدا ئەڭ ئۇزۇن سوزۇلغان ھەم ئەڭ چوڭ كۆلەمنى ئىگىلىگەن يۇلتۇز تۈركۈمىدۇر. ئەتىياز پەسلىنىڭ كېچە ئاسمىنىدا، ئۇ سەرەتان يۇلتۇز تۈركۈمى، ئەسەد يۇلتۇز تۈركۈمى، سۇنبۇلە يۇلتۇز تۈركۈمى، مىزان يۇلتۇز تۈركۈمى قاتارلىق يۇلتۇز تۈركۈملىرىنىڭ جەنۇبىدا ئەگرى - بۈگرى سوزۇلغان ھالەتتە كۆرۈنىدۇ ھەمدە پۈتكۈل ئاسماننىڭ تۆتتىن بىر قىسمىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ.
يىلان يۇلتۇز تۈركۈمى گەرچە ئىنتايىن ئۇزۇن سوزۇلغان بولسىمۇ، بىراق، ئۇنىڭدا كۆزنى قاماشتۇرغۇدەك يورۇق يۇلتۇز يوق. يىلان يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى قىزىل رەڭلىك كۆرۈنىدىغان2 - دەرىجىلىك بىر يورۇق يۇلتۇز (يەنى يىلان α يۇلتۇزى، ئېلىمىزدە «يۇلتۇز بۇرجى بىر» دېيىلىدۇ) دىن باشقا، قالغان يۇلتۇزلارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن خىرە كۆرۈنىدۇ، شۇڭا، يىلان يۇلتۇز تۈركۈمى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئانچە تارتمايدۇ. سەرەتان يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ جەنۇبى ۋە رېگۇل (ئەسەد α) نىڭ ئەڭ تۆۋەنكى تەرىپىدە،3 - دەرىجىلىك ۋە4 - دەرىجىلىك بەش دانە يۇلتۇزدىن تۈزۈلگەن بىر كىچىك چەمبىرەك بار، بۇ بېشىنى كۆتۈرۈۋاتقان يىلاننىڭ باش قىسمىدىن ئىبارەت. رېگۇلنىڭ غەربىي جەنۇب تەرىپىدىكى «يۇلتۇز بۇرجى بىر» سوزۇلۇپ ياتقان ئۇزۇن يىلاننىڭ يۈرىكىدۇر. «يۇلتۇز بۇرجى بىر» نىڭ ئەتراپىدا باشقا يورۇق يۇلتۇزلار يوق، شۇڭلاشقا، ئەرەبلەر ئۇنى «تەنھا يۇلتۇز» دەپ ئاتىغان.
«يۇلتۇز بۇرجى بىر» رېگۇلدىن يېرىم سائەت كېيىن شەرقتىن كۆتۈرۈلۈپ، رېگۇلدىن يەنە ئىككى يېرىم سائەت بۇرۇن غەربكە پاتىدۇ. يۇلتۇز بۇرجى بىر بىلەن نۇرغۇن خىرە كۆرۈنىدىغان يۇلتۇزلاردىن تۈزۈلگەن سىمۋول خاراكتېرلىك ئىزنا يىلاننىڭ گەۋدىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، بۇ يىلاننىڭ شەرقىي جەنۇب تەرىپىگە نەزەر سالساق، ئەسەد يۇلتۇز تۈركۈمى بىلەن سۇنبۇلە يۇلتۇز تۈركۈمى، يىلاننىڭ قۇيرۇقى تەرىپىدە مىزان يۇلتۇز تۈركۈمى كۆرۈنىدۇ.
قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدە ئېيتىلىشىچە، يىلان يۇلتۇز تۈركۈمى سۇ يىلىنى شۇدىرانىڭ نامايەندىسى ئىكەن. رىۋايەت قىلىنىشىچە، شۇدىرانىڭ توققۇز بېشى بولۇپ، توققۇز ئېغىزىدىن زەھەرلىك گاز چىقىرىپ كىشىلەرگە زىيان - زەخمەت يەتكۈزىدىكەن. ئەگەر ئۇنىڭ بىر بېشىنى كېسىۋەتكەندە، دەرھاللا يەنە ئىككى باش پەيدا بولۇپ، ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ ۋەھشىيلىشىپ كېتىدىكەن. قەھرىمان ھايگىلىس شىرنى يوقاتقاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ جىيەن ئوغلى يىئېرائېس بىلەن بىرلىكتە سۇ يىلىنىنى ئىزدەپ تېپىپ، ئاپەتنى يوقاتقانىكەن. ھايگىلىس ھەر قېتىم سۇ يىلىنىنىڭ بېشىنى چاپقاندا، ئۇنىڭ جىيەن ئوغلى دەرھال ئوت قويۇپ جاراھەت ئېغىزىنى كۆيدۈرۈپ، يىلان بېشىنى قايتا تىرىلگىلى قويمىغانىكەن. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار ئاخىر سۇ يىلىنىنى يوقاتقانىكەن. ھايگىلىسنىڭ بۇ تۆھپىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، ئاسمان ئىلاھى زېئۇس ھايگىلىس يوقاتقان سۇ يىلىنىنى ئەرشىئەلاغا ئېلىپ چىقىپ، يىلان يۇلتۇز تۈركۈمىنى پەيدا قىلغانىكەن.
يىلان يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ «دۈمبە» تەرىپىدە قۇمرا يۇلتۇز تۈركۈمى بار، ئۇ يىلان يۇلتۇز تۈركۈمى بىلەن ناھايىتى ئەپچىل ھالدا بىرلىشىپ، خۇددى چوڭ بىر كومزەكنى قەستەن يىلاننىڭ ئۈستىگە قويۇپ قويغاندەك كۆرۈنىدۇ. يىلاننىڭ شەرققە سوزۇلغان قۇيرۇقىدا بىر قاغا (قاغا يۇلتۇز تۈركۈمى) بولۇپ، توختىماي يىلاننى چوقۇۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ.