UyghurWiki
UyghurWikiخىلمۇ-خىل يۇلتۇزلاردۇلدۇل يۇلتۇز تۈركۈمى

دۇلدۇل يۇلتۇز تۈركۈمى

خىلمۇ خىل يۇلتۇزلار كۈزنىڭ كېچە ئاسمىنىدا تۆت دانە يورۇق يۇلتۇزنىڭ شەرق - غەرب يۆنىلىشىدە ئازراق قىيسايغان تۆت تەرەپلىكنى ھاسىل قىلغانلىقىنى كۆرۈشكە بولىدۇ، ئۇ، «دۇلدۇل − ئاندرومېدا چوڭ رامكىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. رامكىنىڭ شەرقىي شىمال نۇقتىسىدىكى يۇلتۇز ئاندرومېدا يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى ئەڭ يورۇق كۆرۈنىدىغان α يۇلتۇزدۇر، بۇ α يۇلتۇز بىلەن ئۇنىڭ شەرقىي شىمال يۆنىلىشىدە كۆرۈنىدىغان قىسمەن يۇلتۇزلۇق ئاسمان دەل ئاندرومېدا يۇلتۇز تۈركۈمى بولىدۇ. رامكا بىلەن ئۇنىڭ غەربىدە كۆرۈنىدىغان بىرقەدەر چوڭ يۇلتۇزلۇق ئاسمان دۇلدۇل يۇلتۇز تۈركۈمى بولىدۇ، دۇلدۇل يۇلتۇز تۈركۈمى ئالتە «خان جەمەتى يۇلتۇز تۈركۈمى» نىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. «دۇلدۇل — ئاندرومېدا چوڭ رامكىسى» نىڭ غەرب تەرىپىدىكى ئاشۇ يان بۆلەكنى جەنۇبقا قاراپ ئۈچ ھەسسە ئۇزارتساق، كۈز پەسلىنىڭ جەنۇبىي كېچە ئاسمىنىدا ئەڭ يورۇق كۆرۈنىدىغان يۇلتۇز — فومالگائۇتنى، شىمالغا قاراپ تەخمىنەن تۆت ھەسسە ئۇزارتساق، شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزىنى ئۇچرىتىمىز. «دۇلدۇل — ئاندرومېدا چوڭ رامكىسى» نىڭ شەرق تەرىپىدىكى يەنە بىر يان بۆلەكنى جەنۇبقا قاراپ ئوخشاش ئۇزۇنلۇقتا ئۇزارتساق، ئېكلىپتىكىنىڭ ئۈستىدىكى ئەتىيازلىق كۈن - تۈن تەڭلىشىش نۇقتىسى كۆرۈنىدۇ، قۇياش ھەر يىلى ئەتىيازلىق كۈن - تۈن تەڭلىشىش ۋاقتىدا (3 - ئاينىڭ20 - ياكى21 - كۈنى) مۇشۇ جايدىن ئۆتىدۇ؛ ئەگەر ئەكسىچە شىمالغا قاراپ تەخمىنەن تۆت ھەسسە ئۇزارتساق، شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزى جايلاشقان دائىرىگە بارغىلى بولىدۇ. دۇلدۇل يۇلتۇز تۈركۈمى ئېكلىپتىكىغا خېلى يېقىن جايلاشقان بولۇپ، ئۇنىڭ شەرقىدە ھەمەل يۇلتۇز تۈركۈمى بىلەن ھوت يۇلتۇز تۈركۈمى، غەربىي جەنۇبىدا بولسا دەلۋە يۇلتۇز تۈركۈمى بىلەن جەدى يۇلتۇز تۈركۈمى بار، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئېكلىپتىكا ئۈستىدىكى يۇلتۇز تۈركۈمىدۇر. دۇلدۇل يۇلتۇز تۈركۈمىنى تۈزگۈچى تۆت دانە ئاساسىي يۇلتۇز تۆت تەرەپلىكنىڭ تۆت بۇلۇڭىغا جايلاشقان بولۇپ، ئېلىمىزدە سۇنبۇلە بىر، سۇنبۇلە ئىككى، دۇلدۇل بىر، دۇلدۇل ئىككى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە دۇلدۇل ئىككى ئەڭ يورۇق كۆرۈنىدۇ، گەرچە ئۇ ئاندرومېدا يۇلتۇز تۈركۈمى (ئاندرومېدا يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ α يۇلتۇزى) گە تەۋە بولسىمۇ، بىراق، دۇلدۇل يۇلتۇز تۈركۈمى بىلەن ئاندرومېدا يۇلتۇز تۈركۈمىگە ئورتاق مەنسۇپ بولىدۇ. دۇلدۇل يۇلتۇز تۈركۈمى قانات قېقىپ ئۇچۇۋاتقان بىر تۇلپارغا سىمۋول قىلىنغان. قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئاسمان ئىلاھى زېئۇسنىڭ ئوغلى پېرسېئۇس (پېرسېي يۇلتۇز تۈركۈمى) غەلىتە مەخلۇق مېدۇسانىڭ كاللىسىنى كەسكەن ۋاقىتتا، مېدۇسانىڭ بەدىنىدىن بىر جۈپ قانىتى بار ناھايىتى چىرايلىق بىر تۇلپار بوجياسۇس ئۇچۇپ چىققانىكەن. شۇنىڭ بىلەن پېرسېئۇس مېدۇسانىڭ كاللىسىنى خالتىغا سېلىپ، شۇ تۇلپارغا مىنىپ، دەرھال خەتەرلىك مەنزىلدىن ئايرىلغانىكەن. كېيىن بۇ تۇلپار ئەرشىئەلاغا ئېلىپ چىقىرىلىپ دۇلدۇل يۇلتۇز تۈركۈمى ھاسىل قىلىنغانىكەن.
← بارلىق تېمىلار خىلمۇ-خىل يۇلتۇزلار
دۇلدۇل يۇلتۇز تۈركۈمى | UyghurWiki | UyghurWiki