UyghurWiki
UyghurWikiخىلمۇ-خىل يۇلتۇزلارئۆزگىرىشچان يۇلتۇزلار

ئۆزگىرىشچان يۇلتۇزلار

خىلمۇ خىل يۇلتۇزلار ئاسترونومىيە ئىلمىدە يورۇقلۇقى دائىم دېگۈدەك ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان تۇرغۇن يۇلتۇزلار ئۆزگىرىشچان يۇلتۇزلار دەپ ئاتىلىدۇ. ھازىر بايقالغان ئۆزگىرىشچان يۇلتۇزلار20 مىڭ دانىدىن ئاشىدۇ، مەشھۇرلىرى بولغان سېفېيدا، يېڭى يۇلتۇز، ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇز قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۆزگىرىشچان يۇلتۇزلارغا مەنسۇپ. تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ يورۇقلۇقىنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرۇشىدا سەۋەبلەر ناھايىتى كۆپ. تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ ماكان ئورنىنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن يورۇقلۇقى ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان ئۆزگىرىشچان يۇلتۇزلار گېئومېتىرىيىلىك ئۆزگىرىشچان يۇلتۇزلار دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، بىر خىل گېئومېتىرىيىلىك ئۆزگىرىشچان يۇلتۇز تۇتۇلما ئۆزگىرىشچان يۇلتۇز دەپ ئاتىلىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ يورۇقلۇقىدا ئۆزگىرىش پەيدا بولۇشنىڭ پرىنسىپى كۈن تۇتۇلۇش ۋە ئاي تۇتۇلۇشقا ئوخشاپ كېتىدۇ. ئۇلار ئەمەلىيەتتە بىر جۈپ قوش يۇلتۇز بولۇپ، ئىككى دانە يۇلتۇز ھەمىشە دىگۈدەك مۆكۈ - مۆكۈلەڭ ئوينايدۇ. گاھىدا بىرى يەنە بىرىنىڭ كەينىگە ئۆتۈۋالسا، گاھىدا يەنە بىرى ئۇنىڭ كەينىگە ئۆتۈۋېلىپ، ئۆزئارا مۆكۈشمەك ئوينىشىدۇ. پۇلساتسىيىلىك ئۆزگىرىشچان يۇلتۇز ئىسمى - جىسمىغا لايىق ئۆزگىرىشچان يۇلتۇزدۇر، ئۇنىڭ يورۇقلۇقىنىڭ ئۆزگىرىشى تامامەن يۇلتۇزنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئۆزگىرىشلەردىن كېلىپ چىقىدۇ. پۇلساتسىيىلىك ئۆزگىرىشچان يۇلتۇزنىڭ يۇلتۇز گەۋدىسى گاھ قورۇلۇپ، گاھ كېڭىيىپ، خۇددى ئادەمنىڭ تومۇرى سوققاندەك ھەرىكەتلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇ قورۇلغاندا يورۇق بولۇپ كەتسە، كېڭەيگەندە خىرەلىشىپ كېتىدۇ. پۇلساتسىيىلىك ئۆزگىرىشچان يۇلتۇزلارنىڭ ھەممىسى خېلى كونا تۇرغۇن يۇلتۇزلار ھېسابلىنىدۇ، ئۇلار دەل خارابلىشىش گىردابىدا تۇرغان بولۇپ، ناھايىتى تۇراقسىز بولىدۇ. بىراق، ناھايىتى كۆپلىگەن پۇلساتسىيىلىك ئۆزگىرىشچان يۇلتۇزلارنىڭ يورۇق - خىرەلىك ئالمىشىش ۋاقتى ئومۇمەن ئۆزگەرمەيدۇ، بۇ ۋاقىت ئادەتتە نۇر ئۆزگىرىش دەۋرى دەپ ئاتىلىدۇ. سېفېيدا ئادەتتە بىر خىل پۇلساتسىيىلىك ئۆزگىرىشچان يۇلتۇز ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ بىر خىل ناھايىتى غەلىتە خاراكتېرى بار، يەنى نۇر چېچىش ئىقتىدارى قانچە يۇقىرى بولسا (مۇتلەق يۇلتۇز چوڭلۇقى قانچە چوڭ بولسا)، ئۇنىڭ نۇر ئۆزگىرىش دەۋرىمۇ شۇنچە ئۇزاق بولىدۇ. شۇڭا، مۇتلەق يۇلتۇز چوڭلۇقى بىلەن نۇر ئۆزگىرىش دەۋرىنى ئايرىم - ئايرىم كۆزىتىشكە بولىدۇ. بىر سېفېيداغا نىسبەتەن، پەقەت ئۇنىڭ نۇر ئۆزگىرىش دەۋرىنى ئۆلچەپ چىققاندىلا، ئاندىن ئۇنىڭ مۇتلەق يۇلتۇز چوڭلۇقىنى تېپىپ چىقىشقا بولىدۇ. مۇتلەق يۇلتۇز چوڭلۇقى بىلەن ئۇنىڭ كۆرۈنمە يۇلتۇز چوڭلۇقىنى ئۆزئارا سېلىشتۇرساقلا، شۇ سېفېيدانىڭ بىزدىن قانچىلىك يىراقلىقتا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ھېسابلاپ چىققىلى بولىدۇ. شۇڭا، سامانيولى سىستېمىسىنىڭ سىرتىدىكى يۇلتۇزلار سىستېمىسى ۋە يۇلتۇزلار توپىنى ئۆلچەش خىزمىتى داۋامىدا، سېفېيدا ناھايىتى ياخشى ياردەمچى بولالايدۇ. يەنە ھەر خىل - ھەر ياڭزا تەرتىپسىز ئۆزگىرىشچان يۇلتۇزلارمۇ بار. ئۇلارنىڭ ئۆزگىرىش شەكلى ۋە سەۋەبى تولىمۇ مۇرەككەپ. مەسىلەن، بىر تۈرلۈك سەۋر يۇلتۇز تۈركۈمى T تىپلىق ئۆزگىرىشچان يۇلتۇزلار بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ يورۇقلۇق ئۆزگىرىشى ناھايىتى تېز، شۇنداقلا تەكرار ھەم نورمالسىز بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار خىلمۇ-خىل يۇلتۇزلار