UyghurWiki
UyghurWikiخىلمۇ-خىل يۇلتۇزلارقىسقۇچپاقا تۇمانلىقى

قىسقۇچپاقا تۇمانلىقى

خىلمۇ خىل يۇلتۇزلار ئېلىمىزنىڭ تارىخىي كىتابلىرىدىن بىرى بولغان «سۇڭ سۇلالىسىگە دائىر مۇھىم خاتىرىلەر» دە يېزىلغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، مىلادىيە1054 - يىل7 - ئاينىڭ4 - كۈنى ئەتىگەندە، سەۋر يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ تەركىبىدىكى تيەن گۇەن يۇلتۇزىنىڭ ئەتراپىدا ئىنتايىن يورۇق بىر «مېھمان يۇلتۇز» پەيدا بولغان، ئەڭ دەسلەپكى23 كۈن ئىچىدە، ئۇنىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسى ۋېنېرانىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسىدىن ئېشىپ كەتكەن، ھەتتا كۈندۈزىمۇ كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان دەرىجىگە يەتكەن. كېيىن بارا - بارا تۇتۇقلىشىشقا باشلاپ،1056 - يىل4 - ئاينىڭ6 - كۈنىگە كەلگەندە ئاندىن يوقىلىپ كەتكەن. بۇ ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇزلارنىڭ پارتلىشىغا دائىر دۇنيا بويىچە ئەڭ ئاۋۋال قالدۇرۇلغان تەپسىلىي خاتىرىدىن ئىبارەت. قىسقۇچپاقا تۇمانلىقى ئەنە شۇ قېتىمقى ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇزلارنىڭ چوڭ پارتلىشىدىن قالغان ئىزدۇر. غەرب ئەللىرىدە، قىسقۇچپاقا تۇمانلىقى1731 - يىلىغا كەلگەندە، ئەنگلىيە ئاسترونومىيە ھەۋەسكارلىرى تەرىپىدىن بايقالغان.1884 - يىلى ئەنگلىيىلىك لورد لوس بۇ تۇمانلىقنىڭ تاشقى قىياپىتىنىڭ خۇددى ئالەم بوشلۇقىدا توغرىسىغا كېتىۋاتقان چوڭ بىر قىسقۇچپاقىغا ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىنى بايقىغان، شۇڭا ئۇنىڭغا قىسقۇچپاقا تۇمانلىقى دەپ نام بەرگەن. بۇ غەلىتە نام تاكى بۈگۈنگە قەدەر قوللىنىلىپ كەلمەكتە. قىسقۇچپاقا تۇمانلىقى بايقالغاندىن كېيىن، ئىزچىل تۈردە ئاسترونوملارنىڭ كۈچلۈك قىزىقىشىنى قوزغاپ كەلدى.1921 - يىلى، ئامېرىكىلىق ئاسترونوم دۇنكان ئىلگىرى - كېيىن12 يىل ئارىلىق تاشلاپ تارتىلغان ئىككى پارچە سۈرەتنى ئۆزئارا سېلىشتۇرۇپ، بۇ تۇمانلىقنىڭ ئۈزلۈكسىز ھالدا كېڭىيىۋاتقانلىقىنى بايقىغان.1928 - يىلى ئامېرىكىلىق ئاسترونوملار يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كۆزىتىپ ئۆلچەش ئارقىلىق قىسقۇچپاقا تۇمانلىقىنىڭ كېڭىيىش سۈرئىتىنىڭ ھەر سېكۇنتىغا1100 كىلومېتىر ئىكەنلىكىنى بىلگەن. كېيىن نۇرغۇنلىغان ئاسترونوملار قىسقۇچپاقا تۇمانلىقىنىڭ دەل1054 - يىلى7 - ئايدا پەيدا بولغان ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇز پارتلاش جەريانىدا ئېتىلىپ چىققان گازلىق تۇمانلاردىن ھاسىل بولغانلىقىنى پەرەز ئارقىلىق جەزملەشتۈردى. قىسقۇچپاقا تۇمانلىقىنىڭ تېمپېراتۇرىسى قۇياشنىڭ تېمپېراتۇرىسىدەك ئۇنچىۋالا يۇقىرى ئەمەس، ئەمما ئۇ ناھايىتى كۈچلۈك نۇر تارقىتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ناھايىتى كۈچلۈك X نۇرى، رادىئو دولقۇنى، كۆرۈنىدىغان نۇر ۋە γ (گامما) نۇرىمۇ بار، ئۇ ئىسمى - جىسمىغا لايىق قۇۋۋىتى زور بىر «ئالەم رادىئو ئىستانسىسى» ھېسابلىنىدۇ. بۇ كۈچلۈك رادىئاتسىيە ئېنېرگىيىسى قەيەردىن كېلىدۇ؟1968 - يىلى ئاسترونوملار يەنە قىسقۇچپاقا تۇمانلىقىنىڭ «چوڭ قورسىقى» دىن بىر دانە ئاجايىپ «مەرۋايىت» − نېيترون يۇلتۇزنى كۆزىتىپ تاپتى. بۇ يۇلتۇزنىڭ دىئامېتىرى20 كىلومېتىرغا يەتمىسىمۇ، ئەمما ماسسىسى قۇياشنىڭ ماسسىسى بىلەن ئانچە پەرقلەنمەيدىكەن. ئۇ ئىنتايىن كۈچلۈك ماگنىت مەيدانىغا ئىگە بولۇپ، سىرتقى يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى10 مىليون سېلىسىيە گرادۇس، ئىچكى قىسمىنىڭ تېمپېراتۇرىسى نەچچە يۈز مىليون گرادۇستىن يۇقىرى. ئۇ ھەر سېكۇنتتا30 قېتىم ئايلىنىشتەك سۈرئەت بىلەن ئۆز ئوقىنى ئايلىنىپ دەۋرىي خاراكتېرلىك ئىمپۇلس رادىئاتسىيىسىنى تارقىتىپ تۇرىدۇ، يەر شارىدا تۇرۇپ ئۇ تارقاتقان «شىفىرلىق تېلېگرامما» نى قوبۇل قىلغىلى بولىدۇ. شۇڭا نېيترون يۇلتۇز يەنە ئىمپۇلس يۇلتۇز دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار خىلمۇ-خىل يۇلتۇزلار