UyghurWiki
UyghurWikiخىلمۇ-خىل يۇلتۇزلارپادىچى يۇلتۇز تۈركۈمى ۋە ئوۋ ئىتى يۇلتۇز تۈركۈمى

پادىچى يۇلتۇز تۈركۈمى ۋە ئوۋ ئىتى يۇلتۇز تۈركۈمى

خىلمۇ خىل يۇلتۇزلار چوڭ ئېيىق يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ شەرقىي جەنۇب تەرىپىدە، ئۇنىڭغا ناھايىتى يېقىن ماكانلاشقان ئىككى «قوشنىسى» بار. شەرق تەرەپتىكىسى پادىچى يۇلتۇز تۈركۈمى، غەرب تەرەپتىكىسى ئوۋ ئىتى يۇلتۇز تۈركۈمىدۇر. پادىچى يۇلتۇز تۈركۈمى شىمال ئاسمىنىدىكى مۇھىم يۇلتۇز تۈركۈملىرىنىڭ بىرىدۇر، چوڭ ئېيىق، ئوۋ ئىتى قاتارلىقلار بىلەن قوشنا بولغاندىن سىرت، ئۇ يەنە شىمالدا ئەجدىھا يۇلتۇز تۈركۈمى بىلەن، شەرقتە شىمالىي تاج يۇلتۇز تۈركۈمى ۋە گېركۇلېس يۇلتۇز تۈركۈمى بىلەن، جەنۇبتا بولسا سۇنبۇلە يۇلتۇز تۈركۈمى بىلەن قوشنا، مەشھۇر يورۇق يۇلتۇز ھېسابلىنىدىغان ئاركتۇر دەل ئۇنىڭα يۇلتۇزى. ئاركتۇر يۇلتۇزىدىن تاشقىرى، پادىچى يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى باشقا يۇلتۇزلار بىرقەدەر خىرە كۆرۈنىدۇ، شۇڭا ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، پادىچى يۇلتۇز تۈركۈمى يەتتە قاراقچى يۇلتۇزغا ئوخشاش كۆزنى قاماشتۇرمايدۇ. پادىچى يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى بەش يۇلتۇز ئاددىي كۆز ئارقىلىق كۆرگىلى بولىدىغان بەش تەرەپلىكنى ھاسىل قىلىپ، خۇددى بىر چوڭ لەگلەككە ئوخشاش ئاسمان بوشلۇقىدا لەيلەپ تۇرىدۇ. «ئاركتۇر» شۇ لەگلەكنىڭ ئاستىغا ئېسىپ قويۇلغان ماياكقا ئوخشايدۇ. ئاركتۇر يۇلتۇزى بىلەن سۇنبۇلە يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى α (سپىكا)، ئەسەد يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى β دىن ئىبارەت ئۈچ يورۇق يۇلتۇز بىرلىكتە ئاجايىپ چوڭ بىر ئۈچبۇلۇڭنى ھاسىل قىلىدۇ، ئۇ «ئەتىيازلىق چوڭ ئۈچبۇلۇڭ» دەپ ئاتىلىدۇ ھەمدە ئەتىياز پەسلىنىڭ گۇگۇم ۋاقتىدىن كېچىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە بولغان ئارىلىقتا كېچە ئاسمىنىدا كۆزنى ئىنتايىن قاماشتۇرىدۇ. ئوۋ ئىتى يۇلتۇز تۈركۈمى شىمال ئاسمىنىدىكى يۇلتۇز تۈركۈملىرى ئىچىدىكى كىچىك بىر يۇلتۇز تۈركۈمى، شۇنداقلا ئەڭ خىرە كۆرۈنىدىغان يۇلتۇز تۈركۈملىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭدا3 - دەرىجىلىك يۇلتۇزدىن پەقەت بىرىلا بار. قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئوۋ ئىتى يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى يۇلتۇزلار شىددەت بىلەن ئالغا ئېتىلىۋاتقان ئىككى ئوۋ ئىتىنى ھاسىل قىلغان، پادىچى يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى يۇلتۇزلار بىر پادىچىغا ئوخشىتىلغان. پادىچى ۋە ئوۋ ئىتى سادىقلىق بىلەن ئىلاھە خانىش ھېرا تاپشۇرغان ۋەزىپىنى، يەنى چوڭ ئېيىق ۋە كىچىك ئېيىقنى كۆزىتىش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىكەن.
← بارلىق تېمىلار خىلمۇ-خىل يۇلتۇزلار