UyghurWiki
UyghurWikiخىلمۇ-خىل يۇلتۇزلارتۇمانلىق

تۇمانلىق

خىلمۇ خىل يۇلتۇزلار تۇمانلىق − يۇلتۇزلار ئارا بوشلۇقتىكى گازلار ۋە چاڭ - توزانلاردىن تەركىب تاپقان بىر خىل تۇمانسىمان ئاسمان جىسىمىدۇر. تۇمانلىقتا ماددىلارنىڭ زىچلىقى ناھايىتى تۆۋەن بولىدۇ. ئەگەر يەر شارىدىكى ئۆلچەملەر بويىچە ئۆلچىگەندە، بەزى جايلار ئاساسەن ۋاكۇئۇم ھالىتىدە بولىدۇ. لېكىن تۇمانلىقنىڭ ھەجىمى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، كۆپ ھاللاردا دائىرىسى نەچچە ئون يورۇقلۇق يىلىغا يېتىدۇ. شۇڭا، ئادەتتىكى تۇمانلىقمۇ قۇياشتىن خېلىلا ئېغىر كېلىدۇ. تۇمانلىقنىڭ شەكىل - ھالىتى خىلمۇخىل بولىدۇ. بەزى تۇمانلىقنىڭ شەكلى تولىمۇ قانۇنىيەتسىز بولۇپ، يامرىما ھالەتتە ئىپادىلىنىدۇ، ئېنىق پاسىلى بولمايدۇ، ئۇ يامرىما تۇمانلىق دەپ ئاتىلىدۇ؛ بەزى تۇمانلىق خۇددى يۇمىلاق تەخسىگە ئوخشايدۇ، خىرە نۇر چېچىپ تۇرىدۇ، بەئەينى چوڭ سەييارىگە ئوخشاپ كېتىدۇ، شۇڭا ئۇ سەييارىسىمان تۇمانلىق دەپ ئاتىلىدۇ. يامرىما تۇمانلىق ئادەتتە سەييارىسىمان تۇمانلىقتىن خېلىلا چوڭ بولىدۇ، خېلىلا تۇتۇق كۆرۈنىدۇ، زىچلىقى ناھايىتى كىچىك كېلىدۇ. يامرىما تۇمانلىقنى يەنە تۇتۇق تۇمانلىق ۋە يورۇق تۇمانلىق دەپ ئايرىشقا بولىدۇ. تۇتۇق تۇمانلىق بىر خىل نۇر تارقاتمايدىغان تۇمانلىقتۇر، كىشىلەرنىڭ ئۇنى كۆرەلىشىدىكى سەۋەب شۇكى، تۇتۇق تۇمانلىق ئالەمنىڭ نېرىسىدىن تارقىلىپ كەلگەن يۇلتۇزلار نۇرىنى توسۇۋالىدۇ. سامانيولى دائىرىسىدىكى نۇرغۇن تۇتۇق رايونلار دەل ئاشۇ تۇتۇق تۇمانلىقنىڭ مەۋجۇت بولغانلىقىدىن شۇنداق كۆرۈنىدۇ. يورۇق تۇمانلىق نۇر تارقىتىدىغان بىر خىل تۇمانلىقتۇر، ئۇنىڭ مەركىزىدە تېمپېراتۇرىسى ناھايىتى يۇقىرى بىر تۇرغۇن يۇلتۇز بار بولۇپ، كۈچلۈك بىنەپشە نۇرنى تارقىتىدۇ، تۇمانلىق بۇ نۇرنى سۈمۈرۈۋالغاندىن كېيىن يەنە كۆرۈنىدىغان نۇرغا ئايلاندۇرۇپ تارقىتىدىغانلىقى ئۈچۈن نۇرلۇق كۆرۈنىدۇ. سەييارىسىمان تۇمانلىق بولسا خىرە سوزۇلغان كۆرۈنمە نۇر بەلۋېغىغا ئىگە بىر خىل ئاسمان جىسىمى بولۇپ، ئادەتتە يۇمىلاق تەخسە ھالىتىدە ياكى ھالقا ھالىتىدە كۆرۈنىدۇ. ئۇلارنىڭ مەركىزىي قىسمىدا كۆپىنچە ھەجىمى ئىنتايىن كىچىك، ھارارىتى ناھايىتى يۇقىرى بىر يادرو يۇلتۇز مەۋجۇت بولىدۇ. كۆزىتىش ئارقىلىق سەييارىسىمان تۇمانلىقنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتقانلىقى، زىچلىقى بارغانسېرى كىچىكلەپ بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى. ھازىر بايقالغان سەييارىسىمان تۇمانلىقلار1000 دىن ئاشىدۇ. تۇمانلىق بىلەن تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ تەدرىجىي ئۆزگىرىش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، تۇمانلىق بىلەن تۇرغۇن يۇلتۇزلار ئوتتۇرىسىدا «قانداشلىق» مۇناسىۋەت مەۋجۇت. تۇرغۇن يۇلتۇزلاردىن ئېتىلىپ چىققان گازلار تۇمانلىقنىڭ بىر تەركىبى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، تۇمانلىقتىكى ماددىلار تارتىشىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە قورۇلۇپ يۇلتۇزغا ئايلىنىشى مۇمكىن. مۇئەييەن شارائىتتا، ئۇلار ئۆزئارا ئۆزگىرىپ بىر - بىرىگە ئايلىنالايدۇ. مەسىلەن، ھالقىسىمان تۇمانلىق دەل ئۇنىڭ مەركىزىي يۇلتۇزىدىن «بۇلۇتلار ۋە تۇمانلارنىڭ پۈركىلىپ چىقىشى» نەتىجىسىدە پەيدا بولغان؛ قىسقۇچپاقا تۇمانلىقى بولسا ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇزنىڭ پارتلىشىدىن ھاسىل بولغان «ئىس - تۈتەك» لەردىن ئىبارەت؛ ئورىئون يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى چوڭ تۇمانلىق بىر «قۇياش» نى كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىپ يېتىلدۈرمەكتە. تۇمانلىقنى تەتقىق قىلىش ئىشلىرى تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ شەكىللىنىش، يۇلتۇزغا ئايلىنىش ئالدىدىكى ماددا ۋە يۇلتۇزلار ئارا ماددىلارنىڭ تەركىبىنى ئېنىقلاش قاتارلىقلار ئۈستىدە ئىزدىنىشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
← بارلىق تېمىلار خىلمۇ-خىل يۇلتۇزلار