پروتسىئون
خىلمۇ خىل يۇلتۇزلار
پروتسىئون كىچىك ئىت يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك يورۇق يۇلتۇز، ئۇ چوڭ ئىت يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى α يۇلتۇز (يەنى سىرىئۇس) بىلەن ئورىئون يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى α يۇلتۇز (بېتېلگېيز) بىرلىكتە ھاسىل قىلغان بىر گىگانت ھالەتتىكى تەڭ يانلىق ئۈچ بۇلۇڭ بولۇپ، قىش پەسلىنىڭ كېچە ئاسمىنىدا كۆزگە ناھايىتى روشەن چېلىقىپ تۇرىدۇ. بۇ تەڭ يانلىق ئۈچ بۇلۇڭ «قىش پەسىللىك چوڭ ئۈچ بۇلۇڭ» دەپ ئاتىلىدۇ، پروتسىئون دەل ئۇنىڭ قىيپاش شەرق تەرەپتىكى چوققىسىغا جايلاشقان.
پروتسىئوننىڭ ئەسلىدىكى مەنىسى «ئىتنىڭ ئالدىدا» دېگەنلىك بولۇپ، بۇنىڭدىكى سەۋەب شۇكى، ئۇ سىرىئۇسنىڭ شەرقىي شىمال تەرىپىگە جايلاشقان، چوڭ ئىت — سىرىئۇستىن15 ~20 مىنۇت ئىلگىرى شەرقىي قىيپاش شىمال تەرەپتىكى ئۇپۇقتىن كۆتۈرۈلۈپ، ئاندىن يەنە سىرىئۇستىن2 ~3 سائەت كېيىن غەرب تەرەپتە ئولتۇرىدۇ. قەدىمدە، مىسىرلىقلار سىرىئۇسقا ئىنتايىن چوقۇناتتى، چۈنكى سىرىئۇسنىڭ ھەر قېتىم تاڭ سەھەردە شەرق ئۇپۇقىدا پەيدا بولىدىغان چاغ دەل نىل دەرياسىنىڭ ھەر يىللىق تاشقىن مەزگىلىگە توغرا كېلەتتى، ئەمما سىرىئۇستىن ئاۋۋال پەيدا بولىدىغىنى پروتسىئون بولۇپ، ئۇ بىرىنچى بولۇپ مۇشۇ پەسىلنىڭ يېتىپ كېلىشىدىن ئالدىن بېشارەت بېرىدۇ.
پروتسىئون گۈزەل چولپان يۇلتۇز، ئۇنىڭ يورۇقلۇقى ۋە تېمپېراتۇرىسى ئومۇمەن سىرىئۇسنىڭكىدىن تۆۋەن، يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى تەخمىنەن7000 سېلىسىيە گرادۇس، سىرىئۇس بىلەن سېلىشتۇرغاندا رەڭگى سارغۇچ كۆرۈنىدۇ.
پروتسىئوننىڭ يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن11 يورۇقلۇق يىلى بولۇپ، سىرىئۇسنىڭكىگە سېلىشتۇرغاندا يىراقراق تۇرىدۇ.1896 - يىلى ئاسترونوملار پروتسىئوننىڭمۇ بىر سارغۇچ ھەمراھ يۇلتۇزىنىڭ بارلىقىنى بايقىغان، ئۇنىڭ ئايلىنىش دەۋرىيلىكى تەخمىنەن40 يىل بولىدۇ. سىرىئۇسنىڭ ھەمراھ يۇلتۇزىغا ئوخشاش، پروتسىئوننىڭ ھەمراھ يۇلتۇزىمۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بىر ئاق پەتەك يۇلتۇزدۇر.