UyghurWiki
UyghurWikiخىلمۇ-خىل يۇلتۇزلارپېرسېي يۇلتۇز تۈركۈمى

پېرسېي يۇلتۇز تۈركۈمى

خىلمۇ خىل يۇلتۇزلار پېرسېي يۇلتۇز تۈركۈمى — سامانيولىنىڭ يېنىدىكى ئەڭ چىرايلىق كۆرۈنىدىغان يۇلتۇز تۈركۈملىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ، ئاندرومېدا يۇلتۇز تۈركۈمى بىلەن كاسسىئوپىيە يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان. بۇ يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى ئەڭ داڭلىق يۇلتۇز ئالگول (پېرسېي يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى β يۇلتۇز) دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ ئەڭ يورۇق كۆرۈنىدىغان ئۆزگىرىشچان يۇلتۇز بولۇپ، خېلى بۇرۇنلا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان. بۇرۇن كىشىلەر ئۇنىڭ نۇرىنىڭ ئۆزگىرىش سەۋەبىنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنى «غەلىتە يۇلتۇز» دەپ ئاتىغانىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇ بىر تىپىك تۇتۇلما قوش يۇلتۇزدىن ئىبارەت. ئۇنىڭ ئىككى يۇلتۇزى87 .2 كۈننى دەۋر قىلىپ بىر - بىرىنى چۆرىدەپ ئايلىنىدۇ. بەزىدە ئۆزئارا بىر - بىرىنى توسۇۋېلىپ، تۇتۇلۇش ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نىسبەتەن تۇتۇقراق كۆرۈنىدىغان جورا يۇلتۇزى يورۇقراق كۆرۈنىدىغان ئاساسىي يۇلتۇزنى توسۇۋالغاندا، ئالگولنىڭ يورۇقلۇقى1 .2 - دەرىجىدىن4 .3 - دەرىجىگە چۈشۈپ قالىدۇ. پېرسېي يۇلتۇز تۈركۈمىدە ناھايىتى روشەن بىر ئوقيا شەكلىنى ئالغان يۇلتۇزلار بار بولۇپ، كىشىلەر ئۇنى «پورشيۇسنىڭ ئوقياسى» دەپ ئاتىغان، ئۇ پېرسېينىڭ دۇبۇلغىسىنىڭ ئۈستى قىسمىدىن باشلىنىپ مۈرىسىنى بويلاپ شەمشىرىگىچە سوزۇلغان. بۇ يەردە جەمئىي سەككىز دانە يۇلتۇز بار بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى دەۋرىدە «ئاسمان كېمىسى» دەپ ئاتالغان. شەمشەر قىسمىدا قوش ئىككى تارقاق يۇلتۇزلار توپى بار، بۇنىڭ ئىچىدىكى ھەربىرىدە نەچچە يۈزدىن ئوشۇق يۇلتۇز بار. قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدە، پېرسېي يۇلتۇز تۈركۈمى قەھرىمان پېرسېئۇسنىڭ نامايەندىسى قىلىپ تەسۋىرلىنىدۇ. پېرسېئۇس ئاسمان ئىلاھى زېئۇسنىڭ ئوغلى بولۇپ، ئەقىل - پاراسەت ئىلاھەسى ئاتېنا ئۇنى غەلىتە مەخلۇق مېدۇسانىڭ كاللىسىنى بىر ئامال قىلىپ ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇپتۇ ھەمدە ئىش تۈگىگەندىن كېيىن ئەرشىئەلاغا ئېلىپ چىقىپ كېتىشكە ۋەدە قىپتۇ. مېدۇسانىڭ ھەربىر تال چېچى زەھەرلىك يىلان ئىكەن، كىمىكى ئۇنىڭغا قاراپ سالسا، دەرھال تاشقا ئايلىنىپ قالىدىكەن. پېرسېئۇس ئەقىل - پاراسەتلىك ئىلاھە بەرگەن يالتىراق قالقاننى ئېلىپ مېدۇسا بىلەن جەڭ قىلىپ، ئاخىر ئۇنىڭ كاللىسىنى ئۈزۈپ تاشلاپتۇ، ئۇ دۇلدۇلغا مىنىپ، ئاشۇ خەتەرلىك مەنزىلدىن ئايرىلىپتۇ ھەمدە قايتىش سەپىرىدە مېدۇسانىڭ كاللىسى ئارقىلىق دېڭىز مەخلۇقىنى تاشقا ئايلاندۇرۇپ قويۇپ، مەلىكە ئاندرومېدا (ئاندرومېدا يۇلتۇز تۈركۈمى) نى قۇتقۇزۇپ چىقىپ، ئۇنىڭ بىلەن توي قىپتۇ. ئاخىردا ئۇ مېدۇسانىڭ كاللىسىنى ئەقىل - پاراسەتلىك ئىلاھەگە سوۋغا قىپتۇ. ئىلاھە ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ پېرسېئۇسنى ئەرشىئەلاغا ئېلىپ چىقىپ، ئۇنىڭغا كۆزنى قاماشتۇرىدىغان تەخت − پېرسېي يۇلتۇز تۈركۈمىنى يادىكار قىپتۇ. پېرسېئۇس ئەرشىئەلادا يەنىلا مېدۇسانىڭ كاللىسىنى كۆتۈرۈپ يۈرگەن بىر خىل مەردانە قىياپەتتە تۇرىدىكەن.
← بارلىق تېمىلار خىلمۇ-خىل يۇلتۇزلار
پېرسېي يۇلتۇز تۈركۈمى | UyghurWiki | UyghurWiki