UyghurWiki
UyghurWikiخىلمۇ-خىل يۇلتۇزلاركانوپۇس

كانوپۇس

خىلمۇ خىل يۇلتۇزلار كانوپۇس جەنۇب ئاسمىنىدىكى كارىنا يۇلتۇز تۈركۈمىگە مەنسۇپ α يۇلتۇزنى كۆرسىتىدۇ. پۈتۈن كۈن ئەڭ يورۇق كۆرۈنىدىغان21 دانە يۇلتۇز ئارىسىدا، سىرىئۇستىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، كانوپۇس بولسا سىرىئۇستىنمۇ بەكرەك كۈچلۈك نۇر تارقىتىدىغان ئادەتتىن تاشقىرى گىگانت يۇلتۇز بولۇپ، ئۇنىڭ بىز بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن200 يورۇقلۇق يىلى بولغاچقىلا، يەنى سىرىئۇس بىلەن سېلىشتۇرغاندا20 نەچچە ھەسسە يىراق بولغاچقىلا، قارىماققا سىرىئۇستىن سەل خىرە كۆرۈنىدۇ. كانوپۇس سۇس يېشىل رەڭدە ئىپادىلىنىدۇ، ئۇ ئۇپۇق سىزىقىغا ناھايىتى يېقىن بولغاچقا، قېلىن ئاتموسفېرا قەۋىتىدىن ئۆتۈپ ئاندىن ئۇنى كۆرەلەيمىز، شۇڭا ئۇنىڭ رەڭگى كەچكى قۇياشنىڭ نۇرىغا ئوخشاش قىزىل بولۇپ ئۆزگىرىدۇ، يورۇقلۇق دەرىجىسىمۇ سەل ئاجىزلايدۇ. ئېلىمىزنىڭ شىمالىدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم رايونلاردا ئۇنى كۆرۈش تولىمۇ تەس بولىدۇ. چاڭجياڭ دەريا ۋادىسىدا2 -،3 - ئايلارنىڭ ئاخشاملىرى سائەت8 -9 لاردىن كېيىن، ھاۋا ناھايىتى ئوچۇق، بۇلۇتسىز بولىدىكەن، ئۇنى كۆرگىلى بولىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ كېچىلەردە جەنۇب ئاسمىنىدا تۇرىدىغان ۋاقتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا، ئۇزاق ئۆتمەيلا كۆزدىن غايىب بولىدۇ. كانوپۇس سامانيولى سىستېمىسىدىكى يورۇقلۇق دەرىجىسى سەل چوڭ تۇرغۇن يۇلتۇز ھېسابلىنىدۇ. ئاسترونوملارنىڭ ئۆلچەش مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭ ئەمەلىي نۇر تارقىتىش ئىقتىدارى قۇياشنىڭكىگە سېلىشتۇرغاندا6000 ھەسسە كۈچلۈك. شۇڭا، بۇ «قېرى يۇلتۇز» ئەمەلىيەتتە ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرغان بىر «يىگىت» نىڭ ئۆزىدۇر. تەخمىنەن يەنە12 مىڭ يىل ئۆتكەندىن كېيىن، توقۇمىچى قىز يۇلتۇزى ئاسمان شارىنىڭ شىمالىي قۇتۇپىغا جايلىشىدۇ، شۇ چاغدا كانوپۇسمۇ دەل ئاسمان شارىنىڭ جەنۇبىي قۇتۇپى ئەتراپىغا جايلىشىدۇ. بۇ، يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش ئوقىنىڭ جەنۇبى قۇتۇپى ئۇزارتىلسا كانوپۇسنى كۆرسىتىدۇ دېگەنلىك، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر «جەنۇبىي قۇتۇپ يۇلتۇزى» غا ئايلىنىدۇ. ئۇ چاغدا، يەر شارىنىڭ شىمالىي يېرىم شارىدا ياشايدىغان كىشىلەر ئۇنى كۆرەلمەيدۇ. ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى دەۋرىدە كىشىلەر كانوپۇسنى «جەنۇبىي قۇتۇپنىڭ ئاقساقال» يۇلتۇزى ياكى «ئۆمۈر يۇلتۇزى» دەپ ئاتىغان ھەمدە ئۇنى بۇ دۇنيادىكى كىشىلەرنىڭ ئۆمرىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولغان قۇتلۇق يۇلتۇز، كىمكى ئۇنى پەقەت بىرلا قېتىم كۆرەلىسە، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلەيدۇ، دەپ قارىغان.
← بارلىق تېمىلار خىلمۇ-خىل يۇلتۇزلار