UyghurWiki
UyghurWikiخىلمۇ-خىل يۇلتۇزلاريىلانچى يۇلتۇز تۈركۈمى ۋە چوڭ يىلان يۇلتۇز تۈركۈمى

يىلانچى يۇلتۇز تۈركۈمى ۋە چوڭ يىلان يۇلتۇز تۈركۈمى

خىلمۇ خىل يۇلتۇزلار يازنىڭ كېچە ئاسمىنىدا سامانيولىنىڭ غەربىي قىسمىدا، ئەقرەب يۇلتۇز تۈركۈمى بىلەن گېركۇلېس يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ ئارىسىدا، يۇلتۇزلار ناھايىتى شالاڭ، ئەمما ناھايىتى كەڭ كەتكەن بىر رايوننى كۆرىمىز، بۇ دەل يىلانچى يۇلتۇز تۈركۈمى بىلەن چوڭ يىلان يۇلتۇز تۈركۈمى جايلاشقان ئورۇندۇر. يىلانچى يۇلتۇز تۈركۈمى ناھايىتى چوڭ يۇلتۇز تۈركۈمى بولۇپ، شىمالدا گېركۇلېس يۇلتۇز تۈركۈمى بىلەن قوشنا، جەنۇبتا ئەقرەب يۇلتۇز تۈركۈمى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ، شەرق ۋە غەرب تەرەپلىرىدە بولسا چوڭ يىلان يۇلتۇز تۈركۈمى بار. چوڭ يىلان يۇلتۇز تۈركۈمى غەرب تەرەپتە شىمالىي تاج يۇلتۇز تۈركۈمى بىلەن پادىچى يۇلتۇز تۈركۈمىگە يېقىن ماكانلاشقان، شەرق تەرەپتە بۈركۈت يۇلتۇز تۈركۈمىگە يېقىن تۇرىدۇ. يىلانچى يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ يېرىمى ئېكۋاتورنىڭ شىمالىدا، يېرىمى ئېكۋاتورنىڭ جەنۇبىدا بولۇپ، ئېكلىپتىكىغا جايلاشقان، ئەمما ئېكلىپتىكا يۇلتۇز تۈركۈمىگە تەۋە بولمىغان بىردىنبىر يۇلتۇز تۈركۈمى ھېسابلىنىدۇ. يىلانچى يۇلتۇز تۈركۈمىدە بارنارد يۇلتۇزى دەپ ئاتىلىدىغان مەشھۇر بىر يۇلتۇز بار، ئۇ سېنتاۋر يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى α يۇلتۇزنى ھېسابقا ئالمىغاندا، قۇياش سىستېمىسىغا ئەڭ يېقىن تۇرغۇن يۇلتۇز ھېسابلىنىدۇ. بارنارد يۇلتۇزىنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىش دەۋرى ئوخشاش بولمىغان بىرقانچە يۇلتۇز بار. كىشىلەر: ئەگەر مۇشۇ يۇلتۇزلار ئارىسىدا يەر شارىغا ئوخشاش پلانېتىلار بار دېيىلسە، ئۇ چاغدا، ئۇ يەردىمۇ ئالەم ئادىمى بولۇشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلىشماقتا. يىلانچى يۇلتۇز تۈركۈمىدە يەنە نۇرغۇنلىغان قوش يۇلتۇز، شارسىمان يۇلتۇزلار توپى ۋە تارقاق يۇلتۇزلار توپى بار. چوڭ يىلان يۇلتۇز تۈركۈمىنى يىلانچى يۇلتۇز تۈركۈمى ئىككىگە ئايرىپ تۇرىدۇ، شۇڭا ئۇ پۈتكۈل ئاسماندىكى88 يۇلتۇز تۈركۈمى ئىچىدە ئىككىگە بۆلۈنگەن بىردىنبىر يۇلتۇز تۈركۈمى ھېسابلىنىدۇ، ئۇلار يىلانباش يۇلتۇز تۈركۈمى ۋە يىلان قۇيرۇق يۇلتۇز تۈركۈمىدىن ئىبارەت. يىلانباش يۇلتۇز تۈركۈمى يىلانچى يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ غەربىگە جايلاشقان بولۇپ، شىمالىي تاج يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ دەل جەنۇبىغا توغرا كېلىدۇ؛ يىلان قۇيرۇق يۇلتۇز تۈركۈمى يىلانچى يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، يىلاننىڭ ئەگرى - بۈگرى قۇيرۇق قىسمى ئالەم ئېكۋاتورىنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈرىدۇ. چوڭ يىلان يۇلتۇز تۈركۈمى نۇرغۇنلىغان كىچىك يۇلتۇزلارنىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلگەن. يىلانچى يۇلتۇز تۈركۈمى بىلەن چوڭ يىلان يۇلتۇز تۈركۈمى كېچە ئاسمىنىدا خۇددى بىر يىلانچى ئىككى قولىغا گويا چوڭ بىر يىلاننى كۆتۈرۈۋالغان قىياپەتتە ئىپادىلىنىدۇ. قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدە تەسۋىرلىنىشىچە، بۇ باتۇر يىلانچى كىشىلەرنىڭ كېسىلىنى داۋالاپ، ئەلنىڭ دەردىگە دەرمان بولغان ئاسكلېپىئوسنىڭ ئۆزى ئىكەن. ئۇ ئەسلىي قۇياش ئىلاھى ئاپوللونىڭ ئوغلى بولۇپ، ئاتسىمان ئادەم قەۋس (قەۋس يۇلتۇز تۈركۈمى) دىن داۋالاش تېخنىكىسى بىلىملىرىنى ئۆگەنگەن. ئۇنىڭ داۋالاش تېخنىكىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، نۇرغۇن كېسەللەرنى داۋالاپ ساقايتقانىكەن، نەتىجىدە، ئۆلۈپ كېتىدىغانلار تەدرىجىي ئازلاپتۇ. ئەمما، بۇ خىل ئەھۋالدىن باقىي ئالەم پادىشاھى پلۇتون ئاچچىقلىنىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاسكلېپىئوس زەھەرلىك چايان چېقىپ يارىلاندۇرۇپ قويغان ئوۋچى ئورىئون (ئورىئون يۇلتۇز تۈركۈمى) نى قۇتقۇزۇۋاتقان ۋاقىتتا، پلۇتون قاتتىق غەزەپلىنىپتۇ. ئاسمان ئىلاھى زېئۇس پۈتۈن ئۇرۇق - جەمەتنىڭ ئىناقلىقىنى قوغداش ئۈچۈن ئاسكلېپىئوس بىلەن ئورىئوننى چاقماققا سوقتۇرۇپ ئۆلتۈرۈپتۇ. ئاسكلېپىئوس ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ئۇنى ئەرشىئەلاغا ئېلىپ چىقىپ، يىلانچى يۇلتۇز تۈركۈمىنى ھاسىل قىلغانىكەن، يۇنانلىقلار يىلان قاسرىقى ئادەمنىڭ ياشلىق باھارىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ، دوختۇرلارنىڭ خىزمىتىمۇ شۇنداق، دەپ قارايدۇ. شۇڭا، يۇنانلىقلار دوختۇر بىلەن يىلاننى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى يىلانچى يۇلتۇز تۈركۈمى بىلەن چوڭ يىلان يۇلتۇز تۈركۈمىنى قولىغا چوڭ يىلان كۆتۈرۈۋالغان ئەۋلىيا دوختۇر ئاسكلېپىئوسنىڭ دەل ئۆزى دەپ قارايدىغان بوپتۇ.
← بارلىق تېمىلار خىلمۇ-خىل يۇلتۇزلار