فومالگائۇت
خىلمۇ خىل يۇلتۇزلار
كەچ كۈز پەسلىدە، «كىشىنى جەلپ قىلىدىغان» چوڭ ئۈچ بۇلۇڭ گۇگۇم ۋاقتىدىن كېيىن يۇلتۇزلۇق ئاسماندىن تەدرىجىي ھالدا غەربكە پاتقان چاغدا، جەنۇبىي قىيپاش شەرق تەرەپكە ئۆرلەيدىغان بىرىنچى دەرىجىلىك يورۇق يۇلتۇز فومالگائۇت كۈز كېچىسىنىڭ بىردىنبىر تەڭداشسىز چولپىنى بولۇپ قالىدۇ، كىشىلەر ئۇنى ناھايىتى ئوڭايلا تاپالايدۇ. ئەمەلىيەتتە، فومالگائۇت باش كۈزدىلا گۇگۇم ۋاقتىدىن كېيىن ئاستا - ئاستا پەيدا بولىدۇ، پەقەت شۇ چاغلاردا ئۇ ئاسمان بوشلۇقىدا زومىگەرلىك قىلىپ يۈرگەن «ياز پەسىللىك چوڭ ئۈچ بولۇڭ» بىلەن تەڭ نۇرلىنىپ تۇرۇشقا ئامالسىز قالىدۇ، خالاس.
فومالگائۇت قۇياشتىن يەنە قۇياشنىڭ يېرىم ھەسسىسىچىلىك چوڭ بولغان ئادەتتىكى تۇرغۇن يۇلتۇزدۇر. ئۇنىڭ بىز بىلەن بولغان ئارىلىقى ناھايىتى يېقىن (پەقەت20 نەچچە يورۇقلۇق يىلى كېلىدۇ) بولغاچقا، كۆرۈنۈشتە ناھايىتى يورۇق بىلىنىدۇ. فومالگائۇتنىڭ ئىلمىي نامى جەنۇبىي بېلىق يۇلتۇز تۈركۈمى α دېيىلىدۇ، ئۇ شۇ يۇلتۇزلار ئارىسىدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك يورۇق يۇلتۇزدۇر.
ئەرەب تىلىدا، جەنۇبىي بېلىق يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى α يۇلتۇزنىڭ «بېلىق ئاغزى» دېگەن مەنىسى بار، فومالگائۇت دېگەن بۇ يۇلتۇز بېلىقنىڭ بېشى بولۇپ، ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى بىرنەچچە خىرە يۇلتۇزلار بىلەن قاتار تىزىلىپ بېلىق بېشىنى كۆتۈرۈپ سۇ ئىچىۋاتقان بىر خىل قىياپەتنى شەكىللەندۈرىدۇ. فومالگائۇتنىڭ خەنزۇچە ئاتىلىشى ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى دەۋرىدىكى ئاتىلىش ئۇسۇلى بويىچە ئاتىلىپ قالغان، ئۇ جۇڭگونىڭ قەدىمكى ئاستانىسى بولغان چاڭئەننىڭ شىمالىي قوۋۇقىنىڭ نامىغا ئاساسەن ئاتالغان.
ئېلىمىزنىڭ ئەڭ جەنۇبىي چەتلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، فومالگائۇت بىز ئادەتتە كۆرەلەيدىغان ئورنى ئەڭ قىيپاش جەنۇبقا توغرا كېلىدىغان بىر يورۇق يۇلتۇز ھېسابلىنىدۇ، ئېلىمىزدىكى مۇتلەق كۆپچىلىك كۆزەتكۈچىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇ شەرقىي جەنۇب تەرەپتىن كۆتۈرۈلۈپ غەربىي جەنۇب تەرەپتە پاتقانغا قەدەر ئاران سەككىز سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت كېتىدۇ. بېيجىڭ رايونىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ ئاسمان بوشلۇقىدىكى ئەڭ يۇقىرى ئېگىزلىكى جەنۇب تەرەپتىكى ئۇپۇق سىزىقىدىن زېنېتقىچە بولغان ئارىلىقنىڭ تۆتتىن بىرىگىمۇ تەڭ كەلمەيدۇ.