UyghurWiki
UyghurWikiخىلمۇ-خىل يۇلتۇزلارقىزىل گىگانت يۇلتۇز

قىزىل گىگانت يۇلتۇز

خىلمۇ خىل يۇلتۇزلار ئېھتىمال ھېچكىم ئويلاپ باقمىغان بولسا كېرەك، يەنە نەچچە مىليارد يىل ئۆتكەندىن كېيىن قۇياش ئۇشتۇمتۇت كېڭىيىپ چوڭ بىر ئوت شارىغا ئايلىنىپ، قۇياشقا ئەڭ يېقىن بولغان مېركۇرىي ۋە ۋېنېرالارنى يۇتۇۋېلىشى مۇمكىن؛ يەر شارى يۇتۇۋېلىنمىغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى بولغاندا1000 سېلىسىيە گرادۇستىن ئېشىپ كېتىپ، يەر شارىدىكى بارلىق مەۋجۇداتلار ھالاك بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئادەتتىكى تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ ھەممىسى بېشىدىن ئۆتكۈزىدىغان ياشانغان باسقۇچ بولۇپ، ئاسترونومىيە ئىلمىدە قىزىل گىگانت يۇلتۇز باسقۇچى دەپ ئاتىلىدۇ. تۇرغۇن يۇلتۇزلار تەدرىجىي ئۆزگىرىپ ئاساسىي قاتار يۇلتۇزى باسقۇچىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە كەلگەندە، تاشقى پوستلاق قىسمىدىن تاشقىرى، ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھىدروگېن ئاساسىي جەھەتتىن گېلىيغا ئايلىنىپ بولىدىغان بولغاچقا، ئىسسىق يادرو رېئاكسىيىسى توختاپ قالىدۇ. بۇ چاغدا، تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ مەركىزىي قىسمى تارتىشىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە قورۇلۇشقا باشلايدۇ، تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى ئۆرلەيدۇ ھەمدە زور ئېنېرگىيىنى قويۇپ بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تاشقى پوستلاق جىددىي كېڭىيىپ، پۈتكۈل تۇرغۇن يۇلتۇز خۇددى پۈۋلىگەن گاز شارىغا ئوخشاش يوغىناپ كېتىدۇ. تاشقى پوستلاقنىڭ كېڭىيىپ كېتىشى بىلەن تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ سىرتقى يۈزى چوڭىيىپ كېتىدۇ، يۈز تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلەپ بارىدۇ، ئومۇمىي نۇر چېچىش مىقدارى ئېشىپ كېتىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇ يورۇقلۇقى چوڭ، تېمپېراتۇرىسى تۆۋەن بىر قىزىل يۇلتۇز − قىزىل گىگانت يۇلتۇزغا ئايلىنىپ قالىدۇ. تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ ئاساسىي قاتار يۇلتۇزىدىن قىزىل گىگانت يۇلتۇزغا ئايلىنىش جەريانى ناھايىتى تېزلا تاماملىنىدۇ. قىزىل گىگانت يۇلتۇزنىڭ ئىچكى قىسمىدا گەرچە ھىدروگېن ئاساسىي جەھەتتىن خوراپ تۈگىسىمۇ، لېكىن ئىچكى قىسىمدىكى قورۇلۇش تېمپېراتۇرىسىنى تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلىتىۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن گېلىي پولىمېرلىنىش رېئاكسىيىسى يۈز بېرىشكە باشلاپ، ئۇنىڭ ئىچكى قىسمى يەنە يېڭىۋاشتىن كۆيۈشكە باشلايدۇ ھەمدە بۇ خىل ھالەت ناھايىتى ئۇزاق داۋاملىشىدۇ. قۇياشقا ئوخشاش تۇرغۇن يۇلتۇزلار قىزىل گىگانت يۇلتۇز باسقۇچىدا تەخمىنەن1 مىليارد يىل توختاپ تۇرالايدۇ.
← بارلىق تېمىلار خىلمۇ-خىل يۇلتۇزلار
قىزىل گىگانت يۇلتۇز | UyghurWiki | UyghurWiki