تۇتۇق تۇمانلىق
خىلمۇ خىل يۇلتۇزلار
يورۇق تۇمانلىققا سېلىشتۇرغاندا، تۇتۇق تۇمانلىقنىڭ ئىچكى قىسمىدا چاڭ - توزانلارنىڭ زىچلىقى خېلىلا يۇقىرى بولىدۇ. دەل مۇشۇ قويۇق ھەم زىچ چاڭ - توزانلار يۇلتۇز نۇرىنى توسۇۋالىدىغان بولغاچقا، ئاشۇ بىر پارچە ئاسمان رايونى قارىماققا قاپقاراڭغۇ كۆرۈنىدۇ، شۇڭا كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كېچە ئاسمىنىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈش رايونىنى پەرقلەندۈرمىكى ناھايىتى قىيىنغا چۈشىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنى قويۇق ھەم زىچ دېگەن بىلەن، بىر كۇب مېتىر ئالەم بوشلۇقىدا ئاران بىر چاڭ - توزان زەررىچىسى بولىدۇ. يەر شارىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئېيتقاندا، بۇ ھەقىقەتەنمۇ ناھايىتى شالاڭ ھېسابلىنىدۇ. لېكىن، تۇتۇق تۇمانلىقنىڭ قېلىنلىقى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە چوڭ بولغاچقا، نەچچە تۈمەن مىليارد كىلومېتىردىن ئېشىپ كېتىدۇ. خۇددى دەل - دەرەخلەر شالاڭ بولسىمۇ، لېكىن كۆلىمى ناھايىتى كەڭ كەتكەن ئورمانلىققا ئوخشاش، ئارقا تەرەپتىكى يۇلتۇزلارنىڭ نۇرىنى پۈتۈنلەي توسۇۋالالايدۇ.
قويۇق ھەم زىچ بولغان تۇتۇق تۇمانلىق تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن مۇنبەت تۇپراق ھېسابلىنىدۇ. تۇمانلىقنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مەلۇم جايدا گازلار بىلەن چاڭ - توزانلارنىڭ زىچلىقى مۇئەييەن دەرىجىگە يەتكەندە، ناھايىتى تېزلىكتە قورۇلۇپ، يۇلتۇز ھاسىل قىلىشى مۇمكىن. ئورىئون يۇلتۇز تۈركۈمىگە مەنسۇپ چوڭ تۇمانلىقنىڭ ئارقىسىدىكى تۇتۇق تۇمانلىقتا دەل مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرمەكتە. كىشىلەر كۆزىتىش ئارقىلىق شۇ دائىرىدىن ئىپتىدائىي «قۇياش» نىڭ پەيدا بولۇشىغا دائىر ئىزلارنى بايقىماقتا.
تۇتۇق تۇمانلىق ئىچىدە ئەڭ سىرلىق نەرسە تۈرلۈك - تۈمەن يۇلتۇزلار ئارا مولېكۇلىلار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىن ھەتتا ھاياتلىق ئۇرۇقى ھېسابلىنىدىغان پروتېئىن تەركىبىدىكى ئامىنو كىسلاتا مولېكۇلىسىنىمۇ تاپقىلى بولىدۇ.