كىچىك ئېيىق يۇلتۇز تۈركۈمى
خىلمۇ خىل يۇلتۇزلار
كىچىك ئېيىق يۇلتۇز تۈركۈمى − چوڭ ئېيىق يۇلتۇز تۈركۈمىگە ناھايىتى يېقىن تۇرىدۇ، ئۇ28 دانە6 - دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يۇلتۇزدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە كىچىك ئېيىق يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى α يۇلتۇزى دەل مەشھۇر ھېسابلىنىدىغان شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزىدىن ئىبارەت. شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزى باشقا نىسبەتەن مەشھۇر ھېسابلىنىدىغان ئالتە دانە (2 ~4 - دەرىجىلىككىچە) يۇلتۇز بىلەن قوشۇلۇپ، يەتتە قاراقچىغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان كىچىك چۆمۈچنى ھاسىل قىلىدۇ، بۇ «چۆمۈچ» سەل كىچىك بولۇپ، چۆمۈچنىڭ ھالىتى ۋە چۆمۈچ ساپىقىنىڭ ئېگىلىش شەكلى يەتتە قاراقچىنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزى ئاشۇ چۆمۈچ ساپىقىنىڭ ئۇچىغا جايلاشقان.
كىچىك ئېيىق يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى بۇ يەتتە يۇلتۇز ئىچىدە α، β يۇلتۇزىدىن ئىبارەت خېلى يورۇق ھېسابلىنىدىغان2 - دەرىجىلىك يۇلتۇزدىن باشقا، قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى نىسبەتەن خىرە يۇلتۇزلاردۇر. شۇڭا، كىچىك ئېيىق يۇلتۇزلار تۈركۈمى يەتتە قاراقچى يۇلتۇزغا ئوخشاش كۆزنى ئۇنچىۋالا قاماشتۇرمايدۇ، شۇڭا، ئاي تولغان كېچىلەردە ياكى چوڭ شەھەرلەردە ئاسانلىقچە كۆرگىلى بولمايدۇ.
قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدە، كىچىك ئېيىق چوڭ ئېيىق كارستونىڭ ئوغلى ئاكاس دەپ تەسۋىرلىنىدۇ. كارستو زېئۇسنىڭ خوتۇنى ھېرانىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ چوڭ ئېيىققا ئايلىنىپ قالغاندىن كېيىن، ئازاب - ئوقۇبەت ئىچىدە15 يىلنى ئۆتكۈزىدىكەن. بۇ ۋاقىتتا كارستونىڭ ئوغلى ئاكاس چوڭ بولۇپ، ناھايىتى كېلىشكەن، قامەتلىك ئوۋچى بولۇپ يېتىشىپ چىقىدىكەن. بىر كۈنى ئاكاس ئورمانلىقتا ئوۋچىلىق قىلىۋاتقاندا ئانىسى ئۇنى كۆرۈپ قېلىپ، ئۆزىنىڭ ئېيىققا ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنى ئۇنتۇغان ھالدا قۇچاق ئېچىپ سۆيۈملۈك ئوغلىنى باغرىغا باسماقچى بولىدىكەن، لېكىن ئاكاس بۇ ئېيىقنىڭ ئۆز ئانىسى ئىكەنلىكىنى بىلمەي دەرھال ئۇزۇن مىلتىقىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قارىتىپ ئوق چىقىرىشقا تەمشىلىدىكەن. دەل شۇ ئەسنادا ئاكاسنىڭ ئاتىسى زېئۇس ئاسماندا تۇرۇپ ئەھۋالنى كۆرۈپ قالىدىكەن، ئۇ، ئاكاسنىڭ ئۆز ئانىسىنى ئۆلتۈرۈپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپ سېھىر ئىشلىتىپ ئاكاسنىمۇ بىر كىچىك ئېيىققا ئايلاندۇرۇپ قويىدىكەن ھەم ئانا - بالا ئىككىسىنى ئەرشىئەلاغا ئېلىپ چىقىپ چوڭ ئېيىق يۇلتۇز تۈركۈمى بىلەن كىچىك ئېيىق يۇلتۇز تۈركۈمىنى ئاپىرىدە قىلىدىكەن. كارستو ئانا - بالا ئىككىسىنىڭ ئەرشىئەلاغا ئېلىپ چىقىپ كېتىلگەنلىكىنى كۆرگەن ھېرا ئىچىدە تېخىمۇ ھەسەتخورلۇق قىلىشقا باشلايدىكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ ئاكىسى − دېڭىز ئىلاھى پوسېيدوننى ياردەمگە چاقىرىپ، كارستو ئانا - بالا ئىككىسىنى مەڭگۈ ئاسماندىن دېڭىزغا چۈشۈپ ئارام ئالالمايدىغان ھەم سۇ ئىچەلمەيدىغان قىلىپ قويۇشنى ئىلتىجا قىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئانا - بالا ئىككىيلەن دېڭىزغا چۈشەلمەي، مەڭگۈ شىمالىي قۇتۇپ ئاسمىنىدا ئايلىنىپ يۈرۈشكە (يەنى ئۇپۇق سىزىقىدىن تۆۋەنگە چۈشەلمەي يۈرۈشكە) مەجبۇر بولىدىكەن. شۇنداق تۇرۇقلۇق، ھېرا يەنە قانائەت قىلمايدىكەن، ئۇ يەنە بىر ئوۋچىنى ئىككى يىرتقۇچ ئوۋ ئىتى بىلەن بىللە ئۇلارنىڭ كەينىدىن قوغلاشقا ئەۋەتىدىكەن. بۇ ئوۋچى ئاسماندىكى پادىچى يۇلتۇز تۈركۈمى ئىكەن، ئۇ يېتىلىۋالغان ئىككى ئوۋ ئىتى ئوۋ ئىتى يۇلتۇز تۈركۈمى ئىكەن.
يۇلتۇزلار خەرىتىسىدىن قارىغاندا، كىچىك ئېيىق يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى γ، β، ξ، η دىن ئىبارەت تۆت يۇلتۇز كىچىك ئېيىقنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى، ئۇنىڭدىن باشقا ε، δ، α لار بولسا كىچىك ئېيىقنىڭ قۇيرۇقىنى ھاسىل قىلغان، قۇيرۇقىنىڭ ئۇچىغا جايلاشقىنى دەل شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزىدۇر. كىچىك ئېيىق يۇلتۇز تۈركۈمى ئاسماننىڭ شىمالىي قۇتۇپىغا، يەنى (ئاسمان شارىنىڭ شىمالىي قۇتۇپىغا) يېقىنلاشقاندا، يەر شارىنىڭ شىمالىي يېرىم شارىدىكى كۆپ قىسىم رايونلاردا بىر يىلدىكى تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ئۇنى كۆرگىلى بولىدۇ.