UyghurWiki
UyghurWikiخىلمۇ-خىل يۇلتۇزلارتالىماك

تالىماك

خىلمۇ خىل يۇلتۇزلار تالىماك كانوپۇسقا سېلىشتۇرغاندا سەل جەنۇبتىن ئورۇن ئالغان. ئەگەر گۇيلىن، كۇنمىڭ، تەيبېيدىن ئىبارەت بۇ ئۈچ شەھەرنى تۇتاشتۇرساق، بۇ سىزىق تەخمىنەن شىمالىي كەڭلىك °25 لۇق سىزىققا توغرا كېلىدۇ. مۇشۇ پاراللېل سىزىقىنىڭ جەنۇبىدىكى جايلاردا، كىشىلەر كېچە ئاسمىنىدىن ئۇنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. تالىماك سېنتاۋر يۇلتۇز تۈركۈمىگە جايلاشقان. تېلېسكوپ بىلەن كۆزەتكەندە، تالىماك ئۈچ كەررىلىك يۇلتۇز بولۇپ كۆرۈنىدۇ، ئۇ A، B، C دىن ئىبارەت ئۈچ يۇلتۇزدىن تەركىب تاپقان. بۇنىڭ ئىچىدە A يۇلتۇزنىڭ فىزىكىلىق خۇسۇسىيىتى قۇياشنىڭكى بىلەن تولىمۇ يېقىن كېلىدۇ، سارغۇچ نۇر چاچىدۇ، چوڭ - كىچىكلىكى ۋە ماسسىسى قۇياشنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ، يورۇقلۇق دەرىجىسى قۇياشنىڭكىنىڭ3 .1 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. B يۇلتۇز قۇياشتىن كىچىك ھەم تۇتۇقراق بولۇپ، قىزغۇچ سېرىق رەڭدە نۇرلىنىدۇ. بۇ ئىككى يۇلتۇز ئۇزۇن ئېللىپس شەكىللىك ئوربىتىنى بويلاپ ئورتاق بىر تارتىشىش مەركىزىنى چۆرىدەپ ئايلىنىدۇ، ئايلىنىش دەۋرى80 يىل بولىدۇ. C يۇلتۇز روشەن ھالدا قۇياشتىن كىچىك كۆرۈنىدۇ، يورۇقلۇق دەرىجىسى قۇياشنىڭكىنىڭ ئاران مىڭدىن بىر ئۈلۈشىگە تەڭ كېلىدۇ، ئۇ A، B دىن ئىبارەت ئىككى يۇلتۇزنى چۆرىدەپ ئايلىنىدۇ. تەخمىنەن1 مىليون يىلدا ئاندىن بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقالايدۇ. تۇرغۇن يۇلتۇزلار دۇنياسىدا، تالىماك قۇياشقا ئەڭ يېقىن جايلاشقان. لېكىن تالىماكتىكى ئۈچ يۇلتۇز ئۆزئارا بىر - بىرىنى چۆرىدەپ ئايلىنىدىغانلىقتىن، ئوخشاش بولمىغان تارىخىي دەۋرلەردە «ئارىلىقى ئەڭ يېقىن» دېگەن بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ھېسابلىنىدىغان «تاج» نى A، B، C دىن ئىبارەت ئۈچ يۇلتۇز نۆۋەتلىشىپ تاقاپ كەلدى. ھازىر، A، B دىن ئىبارەت ئىككى يۇلتۇز بىزدىن35 .4 يورۇقلۇق يىلى يىراقلىقتا تۇرىدۇ. C يۇلتۇز بولسا ئاران22 .4 يورۇقلۇق يىلى يىراقلىقتا بولۇپ، قۇياش سىستېمىسىغا ئەڭ يېقىن. شۇڭا، ئاسترونوملار ئۇنى «قوشنا يۇلتۇز» دەپ ئاتىشىدۇ. تالىماك سىرلىق تۈسكە تولغان بىر تۇرغۇن يۇلتۇز بولۇپ، ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بۇيان ئاسترونوملارنىڭ زور قىزىقىشىنى قوزغاپ كەلدى. ئەنگلىيىلىك ئالىملار تۇرغۇن يۇلتۇزلار ئارا ئۇچالايدىغان بىر خىل يادرو كېمىسىنى لايىھىلىگەن بولۇپ، تالىماك يۇلتۇزىغا قاراپ ئۇچۇشقا تەييارلىق قىلماقتا.
← بارلىق تېمىلار خىلمۇ-خىل يۇلتۇزلار
تالىماك | UyghurWiki | UyghurWiki