يېڭى يۇلتۇز
خىلمۇ خىل يۇلتۇزلار
ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇزلارنىڭ پارتلاش ھادىسىسى ئالەم بوشلۇقىدا خۇددى «ھۆرگۈلنىڭ بىر ئېچىلىپلا توزۇپ كېتىدىغان» ئەھۋالىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ. تەرتىپلىك جايلاشقان يۇلتۇزلار تۈركۈمى ئارىسىدا، گاھىدا دەرىجىدىن تاشقىرى يورۇق سىرتتىن كەلگەن بىر مېھمان ئۇشتۇمتۇتلا پەيدا بولىدۇ، ھەتتا كۈندۈزىمۇ ئۇنى كۆرگىلى بولىدۇ، لېكىن ياخشى كۈنلەر ئۇزاققا بارمىغاندەك، نەچچە ئاي ئۆتمەيلا ئۇ يەنە خىرەلىشىپ كېتىدۇ، ئەڭ ئاخىر توساتتىن غايىب بولۇپ، ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كېتىدۇ. ئېلىمىزدە قەدىمكى زاماندا كىشىلەر ئۇنى ئوبرازلاشتۇرۇپ «مېھمان يۇلتۇز» دەپ ئاتىغان.
ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇز يېڭىدىن پەيدا بولغان يۇلتۇز بولماستىن، بەلكى دەل ھالاكەتكە يۈزلىنىۋاتقان تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ سەلتەنەتلىك «ئۇزىتىلىش مۇراسىمى» دۇر. ماسسىسى چوڭ بەزى تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ ئىچكى قىسمىدا تارتىشىش كۈچى ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ، ئىچكى قىسىمدىكى يېقىلغۇ خوراپ تۈگەپ كۆيۈش توختىغان چاغدا، يۇلتۇز ئاستا - ئاستا قورۇلۇپ يىغىلماستىن، ئەكسىچە تۇيۇقسىز گۈمۈرۈلۈپ كىچىكلەيدۇ. گۈمۈرۈلۈپ كىچىكلەشتە پەيدا بولىدىغان ئىچكى قىسىم بېسىم كۈچى شۇنچىلىك زور بولىدۇكى، ھەتتا يۇلتۇز پوستى بەرداشلىق بېرەلمەي پارتلاپ كېتىدۇ، بۇ ھال خۇددى تۇيۇقسىز كەلگەن قاتتىق قىستالما بېسىم كۈچىنىڭ تەسىرىدە ھاۋا شارىنىڭ پارتلاپ كەتكىنىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. شىددەتلىك پارتلاش خۇددى دەرىجىدىن تاشقىرى ئاتوم بومبىسىنىڭ پارتلىغان ئەھۋالىغا ئوخشايدۇ، تۇرغۇن يۇلتۇز سىرتقا قارىتا ناھايىتى زور ئېنېرگىيىنى قويۇپ بېرىدۇ، ئادەتتىن تاشقىرى يورۇق نۇر چاچىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئەسلىدە ناھايىتى تۇتۇق ياكى كۆرگىلى بولمايدىغان بىر دانە تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ يورۇقلۇقى بىردىنلا17 يۇلتۇز چوڭلۇقىدا ئېشىپ كېتىپ، بىر يورۇق يۇلتۇزغا ئايلىنىدۇ، مانا بۇ ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇزدۇر.
ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇزنىڭ پارتلىشى نۆۋەتتە بىز بىلگەن تۇرغۇن يۇلتۇزلار دۇنياسىدىكى ئەڭ شىددەتلىك پارتلاش ھادىسىسىدۇر. ھېسابلاشلارغا ئاساسلانغاندا، بىر ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇز پارتلىغاندا تارقاتقان نۇر107 −1010 دانە قۇياشنىڭ نۇرىغا باراۋەر كېلىدىكەن. سامانيولى سىستېمىسىدا، نۆۋەتتە بىز بىلىدىغان ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇزلارنىڭ پارتلىشى ئاران بىرقانچە قېتىملا يۈز بەرگەن. ئەڭ مەشھۇرلىرىدىن1006 - يىلى،1054 - يىلى،1572 - يىلى ۋە1604 - يىلى يۈز بەرگەن ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇز پارتلىشى بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن300 يىلدا بىر قېتىم پارتلاش يۈز بەرگەن. ئەگەر سامانيولى سىستېمىسىنىڭ سىرتىدىكى يۇلتۇزلار سىستېمىسىدا بايقالغان ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇزلارنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا،1978 - يىلىغا قەدەر بايقالغان ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇزلار491 دانىگە يەتكەن. بىر دانە ھالاكەتكە يۈزلىنىۋاتقان تۇرغۇن يۇلتۇز ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇزنىڭ پارتلاش جەريانىدىن كېيىن ئۈزۈل - كېسىل پارچىلىنىپ كېتىدۇ، كۆپ قىسىم ماددىلار تۇمان، ئىس - تۈتەك ۋە نۇرغۇن چېقىندىلارغا ئايلىنىپ، ئالەم بوشلۇقىغا تارقىلىپ كېتىدۇ، قالغان ماددىلار تېزلىكتە گۈمۈرۈلۈپ قورۇلۇپ ناھايىتى كىچىك نېيترون يۇلتۇزنى ياكى قارا ئۆڭكۈرنى ھاسىل قىلىدۇ.
دۇنيا بويىچە ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇزلارنىڭ پارتلاش ھادىسىسى ئېلىمىزدە ئەڭ بالدۇر، ئەڭ تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن. تارىخىي كىتاب «سۇڭ سۇلالىسىگە دائىر مۇھىم خاتىرىلەر» دە،1054 - يىلى يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇزنىڭ پارتلاش ئەھۋالى تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن. بۈگۈنكى قىسقۇچپاقا تۇمانلىقى دەل ئاشۇ ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇز پارتلىغاندىن كېيىن قالدۇرۇپ كەتكەن «ئىس - تۈتەك» تۇر.