UyghurWiki
UyghurWikiخىلمۇ-خىل يۇلتۇزلارسامانيولىنىڭ يۇلتۇزلار سىستېمىسى

سامانيولىنىڭ يۇلتۇزلار سىستېمىسى

خىلمۇ خىل يۇلتۇزلار ناۋادا بىز ئالەمنى بىپايان، كەڭ كەتكەن دېڭىز - ئوكيانغا ئوخشايدۇ دېسەك، ئۇنداقتا، سامانيولى سىستېمىسى پەقەت شۇ چوڭ دېڭىزدىكى ناھايىتى كىچىك بىر ئارال ھېسابلىنىدۇ. ئالەمدە سامانيولى سىستېمىسىغا ئوخشاش بۇنداق يۇلتۇزلار سىستېمىسىدىن يەنە نۇرغۇنلىرى بار، ئۇلارنىڭ ھەممىسى سامانيولى سىستېمىسىنىڭ ئاكا - ئۇكا، ھەدە - سىڭىللىرى بولۇپ، سامانيولى سىستېمىسى دائىرىسىنىڭ سىرتىدا تۇرىدۇ، ئۇ، ئاسترونومىيىدە «سامانيولى سىستېمىسىنىڭ سىرتىدىكى يۇلتۇزلار سىستېمىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. سامانيولى سىستېمىسىنىڭ سىرتىدىكى يۇلتۇزلار سىستېمىسى بىلەن سامانيولى سىستېمىسىنىڭ ھەممىسى سان - ساناقسىز يۇلتۇزلاردىن تەشكىل تاپقان. سامانيولى سىستېمىسىنىڭ سىرتىدىكى يۇلتۇزلار سىستېمىسىنىڭ شەكلى خىلمۇخىل، مول، رەڭدار مەزمۇنغا ئىگە. بەزىلىرىنىڭ شەكلى دەريادىكى قاينامغا ئوخشايدۇ، بەزىلىرىنىڭ شەكلى تاياققا ئوخشايدۇ، بەزىلىرىنىڭ شەكلى بولسا ئېللىپسسىمان ۋە لىنزىسىمان كېلىدۇ، يەنە بەزىلىرى بولسا تەرتىپسىز ھالەتتە ئىپادىلىنىدۇ. سامانيولى سىستېمىسىنىڭ سىرتىدىكى يۇلتۇزلار سىستېمىسىنىڭ ھەجىمى ۋە ماسسىسى پەرقلىق بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە بەزىلىرىنىڭ سامانيولى سىستېمىسىنىڭكىدىنمۇ چوڭ كېلىدۇ. ئىنسانلار سامانيولى سىستېمىسىنىڭ سىرتىدىكى يۇلتۇزلار سىستېمىسىنى بىلىشتە ناھايىتى ئۇزاق جەرياننى باشتىن كەچۈرۈپ، تاكى20 - ئەسىرنىڭ بېشىغا كەلگەندىلا ئاندىن مۇئەييەن يەكۈننى چىقىرالىدى. ھازىر، كىشىلەر ئالەمنىڭ «ئۇپۇق سىزىقى» نى ئون نەچچە مىليارد يورۇقلۇق يىلىدىنمۇ يىراق جايلارغا بارىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى، كۆزىتىلگەن سامانيولى سىستېمىسىنىڭ سىرتىدىكى يۇلتۇزلار سىستېمىسىمۇ بىر مىلياردتىن ئاشىدۇ، ھەربىر يۇلتۇزلار سىستېمىسى ئىچىدە نەچچە يۈز مىلياردلىغان يۇلتۇز بولىدۇ. سامانيولى سىستېمىسىنىڭ سىرتىدىكى يۇلتۇزلار سىستېمىلىرىدىن بىزگە ئەڭ يېقىن بولغىنى «چوڭ ماگېللان تۇمانلىقى» دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭ يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن160 مىڭ يورۇقلۇق يىلىغا تەڭ، دىئامېتىرى50 مىڭ يورۇقلۇق يىلى كېلىدۇ، بىز ئۇنى ئاددىي كۆز بىلەنمۇ كۆرەلەيمىز. بىزگە ناھايىتى يىراق جايلاشقان سامانيولى سىستېمىسىنىڭ سىرتىدىكى ئاشۇ يۇلتۇزلار سىستېمىلىرىنى چوڭ تىپلىق ئاسترونومىيە تېلېسكوپى بىلەن كۆزەتكەن تەقدىردىمۇ، پەقەت ئىنتايىن خىرە يۇلتۇز داغلىرىنىلا كۆرەلەيمىز، خالاس.
← بارلىق تېمىلار خىلمۇ-خىل يۇلتۇزلار
سامانيولىنىڭ يۇلتۇزلار سىستېمىسى | UyghurWiki | UyghurWiki