UyghurWiki
UyghurWikiخىلمۇ-خىل يۇلتۇزلارتۇرغۇن يۇلتۇز

تۇرغۇن يۇلتۇز

خىلمۇ خىل يۇلتۇزلار سانسىزلىغان يورۇق يۇلتۇزلار ئارىسىدا ئاز ساندىكى سەييارىلەردىن تاشقىرى، باشقىلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆزىدىن نۇر چاچىدىغان ھەمدە ئورنى نىسپىي ھالدا تۇراقلىق بولىدىغان تۇرغۇن يۇلتۇزلاردىن ئىبارەت. ئۇلار دائىم يورۇپ تۇرىدىغان ئاسمان ماياكىغا ئوخشاش مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ. قۇياش بىزگە ئەڭ يېقىن جايلاشقان بىر تۇرغۇن يۇلتۇزدۇر. باشقا تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ ھەممىسى بىزدىن ناھايىتى يىراققا جايلاشقان، ئەڭ يېقىن جايلاشقان قوشنا يۇلتۇزلارمۇ تۆت يورۇقلۇق يىلى يىراقلىقتا تۇرىدۇ. ئەگەر ئۇلارنى قۇياشنىڭ ئورنىغا تارتىپ يېقىنلاشتۇرغىلى بولسا، ئۇ ھالدا بىز سانسىزلىغان قۇياشنى كۆرەلىگەن بولاتتۇق. قەدىمكى زاماندا كىشىلەر تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ نىسپىي ئورنى ئاساسەن ئۆزگەرمەيدۇ دەپ قارىغان. ئەمەلىيەتتە، تۇرغۇن يۇلتۇزلار ئۆز ئوقىدا ئايلىنىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ھەممىسى ئۆزىنىڭ تېزلىكى بويىچە ئالەمدە ئۇچۇپ يۈرىدۇ، سۈرئىتى ئالەم كېمىسىنىڭ سۈرئىتىدىنمۇ تېز بولىدۇ، پەقەت ئارىلىقى ناھايىتى يىراق بولغاچقا، كىشىلەر ئاسانلىقچە سېزەلمەيدۇ. تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى زور ئاسمان جىسىمىدىن ئىبارەت. مەسىلەن، قۇياشنىڭ دىئامېتىرى تەخمىنەن1 مىليون400 مىڭ كىلومېتىر بولۇپ، يەر شارى دىئامېتىرىنىڭ109 ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدۇ، ھەجىمى يەر شارى ھەجىمىنىڭ1 مىليون300 مىڭ ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدۇ. چەكسىز كەتكەن ئالەم دېڭىزىدا، قۇياش پەقەت ناھايىتى ئاددىي بىر ئەزا. تۇرغۇن يۇلتۇزلار دۇنياسىدىكى گىگانت ئادەم − قىزىل دەرىجىدىن تاشقىرى گىگانت يۇلتۇزنىڭ دىئامېتىرى قۇياشنىڭ دىئامېتىرىدىن نەچچە ئون ھەسسە ياكى نەچچە يۈز ھەسسە چوڭ. مۇتلەق كۆپ ساندىكى تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ ماسسىسى قۇياش ماسسىسىنىڭ5 .0 ھەسسىسىدىن5 ھەسسىسىگىچە كېلىدۇ، ئاز ساندىكى تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ ماسسىسى قۇياش ماسسىسىدىن نەچچە ئون ھەسسە چوڭ بولىدۇ. تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ نۇر چېچىش كۈچلۈكلۈكى ھەرقايسىسىنىڭ ئوخشاش بولمايدۇ، نۇر چېچىش كۈچلۈكلۈكى ئاساسەن ئوخشاش بولغان يۇلتۇزنىڭمۇ بىز بىلەن بولغان ئارىلىقى يىراق - يېقىن بولۇش سەۋەبلىك يورۇقلۇق دەرىجىسى ئوخشاش بولمايدۇ. كىشىلەر تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ كۆرۈنمە يورۇقلۇقىغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، ئۇلارنى ئالتە دەرىجىگە ئايرىيدۇ، مانا بۇ ئاسترونومىيە ئىلمىدە دائىم تىلغا ئېلىنىدىغان كۆرۈنمە «يۇلتۇز چوڭلۇقى» دىن ئىبارەت. ئەڭ يورۇق كۆرۈنگەن يۇلتۇز بىرىنچى چوڭ يۇلتۇز، ئۇنىڭدىن قالسا ئىككىنچى چوڭ يۇلتۇز، ئۇنىڭدىن كېيىنكىلىرى بولسا ئۈچىنچى چوڭ يۇلتۇز، تۆتىنچى چوڭ يۇلتۇز، بەشىنچى چوڭ يۇلتۇز، ئاددىي كۆز بىلەن بىۋاسىتە كۆرگىلى بولىدىغان ئەڭ خىرە يۇلتۇزلار ئالتىنچى چوڭ يۇلتۇز دەپ ئاتىلىدۇ. تېلېسكوپ كەشىپ قىلىنغاندىن كېيىن، كىشىلەر ئالتىنچى چوڭ يۇلتۇزدىنمۇ خىرە كۆرۈنىدىغان تېخىمۇ كۆپ يۇلتۇزلارنى كۆرەلەيدىغان بولدى. يەنە بىر خىل «يۇلتۇز چوڭلۇقى» مۇتلەق يۇلتۇز چوڭلۇقى دەپ ئاتىلىدۇ. مۇتلەق يۇلتۇز چوڭلۇقىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى دېگىنىمىز، تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ ئۆزىنىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسى ياكى ئومۇمىي نۇر چېچىش مىقدارىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، بۇ ئۇقۇم كۆرۈنمە يۇلتۇز چوڭلۇقىنىڭ مەنىسىگە ئوخشاش ئەمەس. تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ تەركىبىدە ئاساسلىقى ھىدروگېن، ئۇنىڭدىن قالسا گېلىي بولىدۇ.7 مىليون سېلىسىيە گرادۇستىن ئاشقان يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا تۆت ھىدروگېن ئاتوم يادروسى بىرىكىپ بىر گېلىي ئاتوم يادروسىغا ئايلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، غايەت زور ئېنېرگىيە قويۇپ بېرىدۇ. مانا بۇ ئىسسىق يادرو رېئاكسىيىسىدىن ئىبارەت. ۋودورود بومبىسىنىڭ ناھايىتى زور پارتلاش ھادىسىسى پەيدا قىلالىشىدىكى سەۋەبمۇ دەل ئاشۇ خىل رېئاكسىيىنىڭ نەتىجىسىدۇر. تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ ئىچكى قىسمىدا ھەر ۋاقىت نۇرغۇنلىغان «ۋودورود بومبىسى» تىنماي «پارتلاپ» تۇرىدۇ، شۇڭا تۇرغۇن يۇلتۇزلار ئۇزاق مۇددەت چوغدەك ئىسسىق گاز جىسىملارنىڭ چوڭ ئوت شارى سۈپىتىدە ئۈزلۈكسىز نۇر ۋە ئىسسىقلىق تارقىتىپ تۇرالايدۇ. تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئۇنىڭ مەركىزىي قىسمىدىن سىرتقى يۈزىگە قاراپ تەدرىجىي ھالدا تۆۋەنلەپ بارىدۇ. بىراق، يۇلتۇزنىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئوخشاشلا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە يۇقىرى بولىدۇ، يەنى ئەڭ تۆۋەن دېگەندە2 مىڭ گرادۇس بولسا، ئەڭ يۇقىرى دېگەندە40 مىڭ گرادۇسقا يېتىدۇ. قۇياشنىڭ تېمپېراتۇرىسى6 مىڭ گرادۇس ئەتراپىدا بولىدۇ. تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئۇنىڭ رەڭگىنى بەلگىلىگەن. بۇ خۇددى قاتتىق قىزدۇرۇلغان تۆمۈرنىڭ تېمپېراتۇرا ئۆرلىگەن چاغدا، رەڭگى قىزىل ھالەتتىن سېرىق ھالەتكە، ئاق ھالەتكە، ھەتتا كۆك ھالەتكە ئۆزگەرگىنىگە ئوخشاش بىر ئىش. تۇرغۇن يۇلتۇزلار ئالەمنى تەشكىل قىلغۇچى ئەڭ ئاساسىي ئەزادۇر. ھەرقانداق يەككە بىر تۇرغۇن يۇلتۇزغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ ھەم پەيدا بولىدىغان بىر كۈنى بولىدۇ، ھەم قېرىپ ھالاك بولىدىغان بىر كۈنىمۇ بولىدۇ. لېكىن بىر تۈركۈم تۇرغۇن يۇلتۇزلار «ھالاك» بولغاندىن كېيىن، يەنە بىر تۈركۈم يېڭى يۇلتۇزلار ئاپىرىدە بولىدۇ. شۇڭا، ئالەمدە سانسىزلىغان «قۇياش» ئەبەدىي مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار خىلمۇ-خىل يۇلتۇزلار