ئەسەد يۇلتۇز تۈركۈمى
خىلمۇ خىل يۇلتۇزلار
ئەسەد يۇلتۇز تۈركۈمى ئەتىياز پەسلىنىڭ كېچە ئاسمىنىدىكى بىر كۆركەم يۇلتۇز تۈركۈمى ھەم ئېكلىپتىكادىكى12 بۇرجقا جايلاشقان يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ سۇنبۇلە يۇلتۇز تۈركۈمى بىلەن سەرەتان يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان.
قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئەسەد يۇلتۇز تۈركۈمى قەھرىمان ھايگىلىسنىڭ تۆھپىسىنى خاتىرىلەيدىغان يادنامە ئىكەن. رىۋايەت قىلىنىشىچە، بۇ شىر پولاتتەك مەزمۇت بولۇپ، ھۆركىرىگەندە يەرلەر تەۋرەپ، تاغلار گۈمۈرۈلۈپ چۈشىدىكەن، ئۇ ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، تەڭدىشى يوق ئىكەن. ئۇنىڭغا قىلىچ، ئوقيالارمۇ ئۆتمەيدىكەن، ئۇ نىمىيە تېغىنىڭ جىلغىسىدا ماكان تۇتقان بولۇپ، ئادەم ۋە ھايۋانلارغا دائىم دېگۈدەك زىيان يەتكۈزىدىكەن. ئاسمان ئىلاھى زېئۇسنىڭ ئوغلى تەڭداشسىز قەھرىمان ھايگىلىس ئەل ئۈچۈن زىيانداشنى يوقىتىش مەقسىتىدە، ئۆزىنىڭ سېھرىي كۈچىدىن پايدىلىنىپ شىرنى بوغۇپ ئۆلتۈرۈپتۇ. كېيىن ھايگىلىسنىڭ ئۇلۇغ تۆھپىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، زېئۇس بۇ شىرنى ئەرشىئەلاغا ئېلىپ چىقىپ ئەسەد يۇلتۇز تۈركۈمىنى ھاسىل قىلغانىكەن.
ئەتىياز پەسلىنىڭ كېچە ئاسمىنىدىن ئەسەد يۇلتۇز تۈركۈمىنى تاپماقچى بولساق، پەقەت يەتتە قاراقچى يۇلتۇز ئارىسىدىكى دۇبھې بىلەن مېراكتىن ئىبارەت ئىككى يۇلتۇزدىن تۇتاشتۇرۇلغان سىزىقنى شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزىغا قارىمۇقارشى يۆنىلىشتە ئۇزارتساقلا، جەنۇب تەرەپتىكى ئاسمان بوشلۇقىدا خىرە كۆرۈنىدىغان بەش - ئالتە يۇلتۇزنى ئۇچرىتىمىز، ئۇلارنىڭ شەكلى سوئال بەلگىسى »؟« گە ياكى ئورغاققا بەكمۇ ئوخشايدۇ، مانا بۇ كىشىلەر دائىم تىلغا ئېلىپ كېلىۋاتقان »ئەسەد يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى چوڭ ئورغاق« تۇر. بۇ بىر قانچە يۇلتۇز شىرنىڭ باش قىسمى ۋە ئالدى پۇت قىسمىغا ئوخشايدۇ. سوئال بەلگىسى ئاستىدىكى يورۇق يۇلتۇز ئەسەد يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى α يۇلتۇزىدۇر.
ئەسەد يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى ξ يۇلتۇز «؟» بەلگىسىنىڭ ئېگىلگەن قىسمىغا جايلاشقان، ئۇنىڭ ئەتراپى مەشھۇر ئەسەد يۇلتۇز تۈركۈمى ئاقار يۇلتۇزلار گۇرۇپپىسىنىڭ رادىئاتسىيە نۇقتىسىدۇر. ئەسلىدە قۇياش سىستېمىسىدا يەر شارىنىڭ قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىش ئوربىتىسى بىلەن كېسىشىپ ھەرىكەت قىلىدىغان بىر ئاقار يۇلتۇزلار گۇرۇپپىسى بار بولۇپ، ھەر يىلى11 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى (بولۇپمۇ14 -،15 - كۈنلىرى) بۇ بىر توپ ئاقار يۇلتۇز يەر شارى بىلەن ئۆزئارا ئۇچرىشىدۇ ھەمدە ئەسەد يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى ξ يۇلتۇزنىڭ يۆنىلىشىدە يەر شارى ئاتموسفېراسىغا بۆسۈپ كىرىدۇ. يەر شارىدىكى كۆزەتكۈچىلەر كۆرەلەيدىغان ئاقار يۇلتۇزلار ئاشۇ ئەسەد يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى ξ يۇلتۇزى ئەتراپىدىن ئۈزلۈكسىز چېچىلىدىغان رادىئاتسىيىدىن ئىبارەت. بۇ خىل ھادىسە «ئاقار يۇلتۇز يامغۇرى» دەپ ئاتىلىدۇ. شۇڭا، كىشىلەر بۇ ئاقار يۇلتۇز گۇرۇپپىسىغا ئەسەد يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى ئاقار يۇلتۇز گۇرۇپپىسى دەپ نام بەرگەن. ئەڭ مەشھۇر ئەسەد يۇلتۇز تۈركۈمى ئاقار يۇلتۇز يامغۇرى تەخمىنەن33 يىلدا بىر قېتىم كۆرۈلىدۇ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئاخىرى، يەنى1999 - يىلى ئۇ بىر قېتىم كۆرۈلگەن.