UyghurWiki
UyghurWikiخىلمۇ-خىل يۇلتۇزلارئاندرومېدا يۇلتۇز تۈركۈمى

ئاندرومېدا يۇلتۇز تۈركۈمى

خىلمۇ خىل يۇلتۇزلار كاسسىئوپىيە يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ جەنۇبى، پېرسېي يۇلتۇز تۈركۈمى ۋە دۇلدۇل يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ ئارىسىدىكى يۇلتۇز تۈركۈمى دەل ئاندرومېدا يۇلتۇز تۈركۈمىدۇر. ئۇنىڭ سېفېي يۇلتۇز تۈركۈمى بىلەن بولغان ئارىلىقى ناھايىتى يېقىن بولۇپ، ئالتە «خان جەمەتى يۇلتۇز تۈركۈمى» نىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئاندرومېدا يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى α يۇلتۇز بىلەن دۇلدۇل يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى ئۈچ دانە يورۇق يۇلتۇز بىرلىشىپ كۈزنىڭ كېچە ئاسمىنىدىكى «دۇلدۇل - ئاندرومېدا چوڭ رامكىسى» نى ھاسىل قىلىدۇ، بۇ رامكا كۈز پەسلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم كېچىسىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان يۇلتۇز تۈركۈملىرىنىڭ ئالامىتى ھېسابلىنىدۇ. ئاندرومېدانىڭ باش قىسمىغا جايلاشقان α يۇلتۇز ئاندرومېدا يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى ئاساسىي يۇلتۇزدۇر. بۇ2 - دەرىجىلىك يۇلتۇزنىڭ شەرقىي شىمال يۆنىلىشىدە بىر دانە3 - دەرىجىلىك يۇلتۇز ۋە ئىككى دانە2 - دەرىجىلىك يۇلتۇز بار. بۇ تۆت دانە يۇلتۇزنى بىر قاتار قىلىپ تىزساق، بىر - بىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئانچە پەرقلىنىپ كەتمىگەن ھالدا ئاندرومېدا يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ ئاساسىي غولىنى ھاسىل قىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى γ يۇلتۇز داڭلىق ئۈچ كەررىلىك يۇلتۇز بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسىي يۇلتۇزى قىزغۇچ سېرىق رەڭدە كۆرۈنىدۇ. قالغان ئىككى ھەمراھ يۇلتۇز ياپيېشىل رەڭدە ۋە قىزغۇچ سېرىق رەڭدە كۆرۈنىدۇ. ھەر يىلى11 - ئاينىڭ20 - كۈنىنىڭ ئالدى - كەينىدە، بۇ يۇلتۇزنىڭ γ يۇلتۇزىنى رادىئاتسىيە نۇقتىسى قىلغان چاغدا، ئاندرومېدا يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ ئاقار يۇلتۇز يامغۇرى ھادىسىسى يۈز بېرىدۇ. ئاندرومېدا يۇلتۇز تۈركۈمىدە نۇرغۇنلىغان تۇمانلىقلار ۋە يۇلتۇزلار توپى بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئاندرومېدا يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى چوڭ تۇمانلىق31 M ئەڭ داڭلىقى ھېسابلىنىدۇ. ئاي بولمىغان، ھاۋا ئوچۇق كېچىلەردە ئۇنىڭ سۇس يېشىل رەڭلىك تۇمان ھالىتىدىكى كۆلەڭگىسىنى كۆرەلەيمىز. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ20 - يىللىرىدا ئا ق ش نىڭ ئاتاقلىق ئاسترونومىيە ئالىمى خابو31 M نىڭ سامانيولى سىستېمىسىنىڭ سىرتىدىكى ناھايىتى چوڭ يۇلتۇز سىستېمىسى ئىكەنلىكىنى، بىز بىلەن بولغان ئارىلىقىنىڭ تەخمىنەن2 مىليون يورۇقلۇق يىلى كېلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتى. ئاندرومېدا يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى تۇمانلىقنىڭ بىز بىلەن بولغان ئارىلىقى گەرچە ناھايىتى يىراق بولسىمۇ، لېكىن باشقىلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇ بىزگە نىسبەتەن يېقىن ھېسابلىنىدىغان سامانيولى سىستېمىسىنىڭ سىرتىدىكى يۇلتۇزلار سىستېمىسىنىڭ بىرىدۇر. قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدە ئاندرومېدا يۇلتۇز تۈركۈمى − ئېفىئوپىيە پادىشاھى كېپوسنىڭ قىزى ئاندرومېدانىڭ نامايەندىسى قىلىپ تەسۋىرلىنىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، كېپوس ھۆكۈمرانلىق قىلغان جايلاردا غەلىتە دېڭىز مەخلۇقى دائىم شامال چىقىرىپ، دولقۇن پەيدا قىلىپ، ئاۋامغا زىيان - زەخمەت سالىدىكەن. بۇ غەلىتە دېڭىز مەخلۇقىنى تىنچىتىش ئۈچۈن، ئىلاھلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، پادىشاھ ئۆزىنىڭ گۈزەل مەلىكىسى ئاندرومېدانى بىر تاشنىڭ ئۈستىگە باغلاپ قويۇپ، غەلىتە دېڭىز مەخلۇقىغا ئىنئام قىپتۇ. غەلىتە دېڭىز مەخلۇقى گۈزەل مەلىكىگە قول سېلىشقا تەمشىلىۋاتقاندا، دۇلدۇلغا مىنىپ بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان قەھرىمان پورشيۇس مەلىكىنى قۇتقۇزۇپ چىقىپتۇ ھەم ئۇنىڭ بىلەن توي قىپتۇ. كېيىن ئاسمان ئىلاھى تەرىپىدىن مەلىكە ئەرشىئەلاغا ئېلىپ چىقىلىپ، ئاندرومېدا يۇلتۇز تۈركۈمىگە ئايلاندۇرۇلۇپتۇ، پورشيۇسمۇ ئەرشىئەلاغا ئېلىپ چىقىرىلىپ پېرسېي يۇلتۇز تۈركۈمىگە ئايلاندۇرۇلۇپ، مەلىكىنىڭ ئارقىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ.
← بارلىق تېمىلار خىلمۇ-خىل يۇلتۇزلار
ئاندرومېدا يۇلتۇز تۈركۈمى | UyghurWiki | UyghurWiki